ئاسىيا - ياۋروپا قاتناش تۈگۈنى مەركىزى بەرپا قىلىش

− ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قاتناش كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشى بويىچە نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغانلىقىغا نەزەر

日期:2020年07月08日
来源:人民网
【字体:

 يېقىندا قاتناش - تىرانسپورت مىنىستىرلىقى شىنجاڭنىڭ قاتناش كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشى بويىچە نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇشىغا قوشۇلدى. «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قاتناش كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشى بويىچە نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى»گە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىز قاتناش - تىرانسپورتنى يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىش، رايون ھالقىغان ئۇنىۋېرسال تىرانسپورت چوڭ يولى قۇرۇلۇشى، ئۇنىۋېرسال قاتناش تۈگۈنىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش، قاتناش ۋە ساياھەت قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ جەھەتتىن قاتناش كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشى بويىچە نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدۇ.

  «بۇ، شىنجاڭنىڭ قاتناش - تىرانسپورتىدا يېڭى سەھىپە ئېچىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.» 7 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىز پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئىككى تەرەپ ۋە كۆپ تەرەپ قاتناش تىرانسپورتىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يولى، تۈگۈن ئىقتىسادى، «قاتناش + ساياھەت» نى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش مېخانىزمى قاتارلىق جەھەتلەردە تەرەققىياتنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنىڭ قاتناش تورى «ئاخىرقى ئۇچى تىپى»دىن «ئاسىيا - ياۋروپا قاتناش تۈگۈنى مەركىزى»گە ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، جاسارەت بىلەن قاتناش كۈچلۈك دۆلىتىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىدۇ.

  سىرتقا ئېچىۋېتىش دەرۋازا تۈگۈنى بەرپا قىلىش

  7- ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزىدە، بىر جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىغا يۈك قاچىلىنىۋاتاتتى، كىران بىر كونتېينېرنى پويىزغا بېسىۋاتاتتى.

  2016 - يىلى 5 - ئايدا ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيان، شىنجاڭدىن يولغا چىقىدىغان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرىنىڭ نۆۋەت سانى يىلدىن - يىلغا كۆپەيدى، نۆۋەتتە جەمئىي 3000 نۆۋەتتىن ئاشتى، ئۇنىڭ ئىچكىرى رايونلارغا تەسىر كۆرسىتىدىغان، ياۋروپا - ئاسىيانى تۇتاشتۇرىدىغان خەلقئارا دەرۋازا تۈگۈنىلىك رولى بارغانسېرى گەۋدىلەندى.

  شىنجاڭدا دۆلىتىمىز غەربكە ئېچىۋەتكەن قۇرۇقلۇق چوڭ يولى بار، قاتناش - تىرانسپورتنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىلىشى «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى ۋە شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا نىسبەتەن مۇھىم رولغا ئىگە.

  قاتناش كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشى بويىچە نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى باشلانغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىز «بىر پورت، ئىككى رايون»نى يادرو قىلغان، پۈتۈن شىنجاڭدىكى مۇھىم شەھەرلەر ۋە پورتلارنى قاپلىغان خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىقىپ، ئىچكى جەھەتتە دۆلەت ئىچىدىكى نۇقتىلىق شەھەر ۋە پورتلارنى تۇتاشتۇرىدىغان، تاشقى جەھەتتە ئوتتۇرا، غەربىي، جەنۇبىي ئاسىيا ۋە ياۋروپاغا تۇتىشىدىغان خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى قوش يۆنىلىشلىك تور تۈگۈنى سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، قاتناش - تىرانسپورتنى كۆۋرۈك، ۋاسىتە قىلىپ، خەلقئارا تىرانسپورتنى قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە، تېخىمۇ كەڭ ساھەدە ئىككى تەرەپلىك، كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىچكى - تاشقى جەھەتتە بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىدىغان، شەرق بىلەن غەرب ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان ئېچىۋېتىش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ئوچۇق ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنى سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى دەرۋازا تۈگۈنى قىلىپ قۇرۇپ چىقىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىز بىر يىلدىن ئىككى يىلغىچە ۋاقىت سەرپ قىلىپ، خەلقئارا يۈك تىرانسپورتىنى قولايلاشتۇرۇش دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، جۇڭگو - قازاقىستان، جۇڭگو - قىرغىزىستان، جۇڭگو - ئۆزبېكىستان، جۇڭگو - تاجىكىستان، جۇڭگو - قىرغىزىستان - ئۆزبېكىستان، جۇڭگو - قازاقىستان - قىرغىزىستان - پاكىستان قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك، ئىككى تەرەپلىك تىرانسپورتنى قولايلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ، جۇڭگو - موڭغۇلىيە - رۇسىيە خەلقئارا يول تىرانسپورتىنى دائىملاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ قاتارلىقلار؛ ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە ۋاقىت سەرپ قىلىپ، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى (جۇڭگو - ئاسىيا نۆۋەتچى پويىزى) تايانچ قىلىنغان، خەلقئارا ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتى، يول تىرانسپورتى قاتارلىق تىرانسپورت شەكىللىرى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇلغان پۈتۈن مۇساپىلەشكەن، بىر گەۋدىلەشكەن، خەلقئارالاشقان ئەشيا ئوبوروتى مۇلازىمەت زەنجىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسى ۋە ئەشيا ئوبوروتى ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرىدۇ.

  يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى چوڭ يولىنى راۋانلاشتۇرۇش

  ماشىنىلار گۈرۈلدەيتتى، ئاپتوموبىللار موكىدەك ئۆتۈشۈپ تۇراتتى، ئادەملەرنىڭ ئاۋازى ھەممە يەرنى قاپلىغانىدى... يېقىندا خوتەن - چاقىلىق تۆمۈريولىنىڭ S1 بۆلىكى تۈرىدە قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىلىۋاتقان نەق مەيداندا، جۇڭگو تۆمۈريولى بېيجىڭ قۇرۇلۇش ئىدارىسى گۇرۇھى 1 - شىركىتىدىكى قۇرۇلۇشچىلار تۈر قۇرۇلۇشىنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىش بىلەن ئالدىراش ئىدى. «بىز مەخسۇس ئەمگەك مۇسابىقىسىنى باشلاپ، قۇرۇلۇش سۈرئىتىنى تېز ئالغا سىلجىتىۋاتىمىز، نۆۋەتتە S1 بۆلەكتىكى لىنىيە ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشىدا پۈتۈنلەي قۇرۇلۇش تاماملاندى ھەم جازا ياتقۇزۇش ئورۇنلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھالدا قوشۇمچە قۇرۇلۇشلاردا قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىش باسقۇچىغا كىردى» دېدى S1 بۆلىكى تۈر بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى جاڭ تيېفېڭ.

  خوتەن - چاقىلىق تۆمۈريولى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىدىكى تۆمۈريول چوڭ يولى − جەنۇبىي يولنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. «لايىھە»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئاپتونوم رايونىمىز شيامېن - قەشقەر يولىنى نۇقتىلىق ئالغا سىلجىتىدۇ، شىنىڭ - خوتەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى(شىنجاڭ بۆلىكى)، كورلا - گولمۇد تۆمۈريولى، چاقىلىق - خوتەن تۆمۈريولى قۇرۇشنى تېزلىتىدۇ، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدىكى غۇلجا - ئاقسۇ تۆمۈريولى، G0711 ئۈرۈمچى - لوپنۇر - چاقىلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول چوڭ يولى قۇرۇلۇشىغا پائال تۈرتكە بولىدۇ؛ پورت تۆمۈريولى، تاشيول قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، قونجىراپ، ئەركەشتام، تورغات، جېمىنەي، خۇڭسەنزۈي، لاۋيېمياۋ، تايكەشكەن قاتارلىق پورتلارنى تۇتاشتۇرىدىغان تۈر قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق ئالغا سىلجىتىدۇ؛ جۇڭگو - قىرغىزىستان - ئۆزبېكىستان يولى، جۇڭگو - قازاقىستان - رۇسىيە يولى، جۇڭگو - موڭغۇلىيە - رۇسىيە يولىنىڭ تىرانسپورت يوشۇرۇن كۈچىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو - پاكىستان تاشيولى، جۇڭگو - تاجىكىستان تاشيولىنىڭ 2 - قارارلىق قۇرۇلۇشى، جۇڭگو - قىرغىزىستان - ئۆزبېكىستان تۆمۈريولى قاتارلىق چېگرا ھالقىغان تۆمۈريول، تاشيول قۇرۇلۇشلىرىغا تۈرتكە بولىدۇ.

  «شىنجاڭدىن ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا ۋە ياۋروپاغا بارىدىغان خەلقئارا تىرانسپورت چوڭ يولىنى تۇتاشتۇرۇش ئارقىلىق، شىنجاڭنى ئىچكىرى رايونلار بىلەن تۇتاشتۇرىدىغان ئۇنىۋېرسال تىرانسپورت چوڭ يولىنى راۋانلاشتۇرۇپ، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭ چوڭ يولىنى راۋانلاشتۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قاتناش تۈگۈنى مەركىزى قۇرۇلۇشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، ئۇنىۋېرسال قاتناشنى راۋانلاشتۇرۇش ئارقىلىق سىرتقا ئېچىۋېتىشكە يېتەكچىلىك قىلىپ، سودا - تىرانسپورتنى قولايلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى.

  «قاتناش + ساياھەت»نى چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىي قىلدۇرۇش

  بۇلتۇر، G217 لىنىيەسى مايتاغ - كۇچا بۆلىكى تاشيولىنىڭ زىيانغا ئۇچرىغان قىسمىنى تۈزەپ مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى تۈرى تاماملانغاندىن كېيىن، تېخىمۇ كۆپ ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش ھەۋەسكارى مايتاغ - كۇچا تاشيولىدا ئەركىن ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلىندى. بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز مايتاغ - كۇچا تاشيولىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش 2 - باسقۇچلۇق قۇرۇلۇشىنى قوزغىتىدۇ، نۆۋەتتە تۈرنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمىتى پائال ئالغا سىلجىتىلماقتا.

  «لايىھە»دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايونىمىز ساياھەت، قاتناش تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول، خەلق ئاۋىياتسىيەسى، يۇقىرى دەرىجىلىك تاشيول قاتارلىقلارغا تايىنىپ «تېز ئىلگىرىلەش» قاتناش تورى بەرپا قىلىپ، ساياھەت تۇيغۇسىنى قاندۇرىدىغان «ئاستا ساياھەت» قاتناش تورىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ؛ يېشىل تاشيول قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ساياھەت مەنزىرە يولىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.

  «مايتاغ - كۇچا تاشيولى مەنزىرە يولى، پامىر مەنزىرە يولى، G219 شىنجاڭ - شىزاڭ لىنىيەسى مەنزىرە يولى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ساياھەت لىنىيە يوللىرىنىڭ تەرەققىياتى تېزلىتىلىدۇ» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى.

  بۇنىڭدىن باشقا، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى ئۆزگەرتىشنى كۈچەيتىپ، ساياھەتچىلەر يىغىلىش - تارقىلىش مەركىزى، ساياھەت تەشۋىقات مەركىزى، يول تاماشا قىلىش سۇپىسى، ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى، ئۆزى ھەيدىگەن ئاپتوموبىل، ئۆي ئاپتوموبىل لاگېرى قاتارلىق مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ؛ ساياھەتچىلەرنىڭ ئۇلانما مۇساپىسى - ئۇلانما تىرانسپورتىنى ئالغا سىلجىتىپ، تاشيول، تۆمۈريول ئۇلانما تىرانسپورتى، قۇرۇقلۇق - ھاۋا ئۇلانما تىرانسپورتىنى كۈچەيتىپ، ساياھەت، قاتناش ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «پويىزغا ئولتۇرۇپ شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش» «يىپەك يولى ئۆتىڭى» قاتارلىق ئېسىل ساياھەت سۈپەتلىك ماركىلىرى قاتارلىقلارنى بەرپا قىلىدۇ. ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە ۋاقىت سەرپ قىلىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ساياھەت مەنزىرە يولى ۋە ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىدىغان ئېسىل لىنىيە يوللىرى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىلىپ، «تېز كىرىش، ئاستا ساياھەت قىلىش» تورى ۋە شىنجاڭ ئىچىدىكى ساياھەت ئايلانما لىنىيە تورى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈلۈپ، مەنزىرە رايونلىرىغا تۇتىشىدىغان تاشيوللارنىڭ ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىپ، «قاتناش + ساياھەت»نىڭ يېڭى كەسىپ ھالىتى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدۇرۇلىدۇ.