خەۋپ - خەتەر دەرىجىسى تۆۋەن بولغان رايونلارنىڭ ياز پەسلىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مۇداپىئە كۆرسەتمىسى بار بولدى

日期:2020年07月07日
来源:人民网
【字体:

  يېقىندا گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى ئۇنىۋېرسال گۇرۇپپىسى «خەۋپ - خەتەر دەرىجىسى تۆۋەن بولغان رايونلارنىڭ ياز پەسلىدىكى نۇقتىلىق سورۇن، نۇقتىلىق ئورۇن، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ دائىملاشقان ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە ئالاقىدار مۇداپىئە كۆرسەتمىسى (تۈزىتىلگەن نۇسخىسى)» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «كۆرسەتمە (تۈزىتىلگەن نۇسخىسى)» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقىتىپ، ئەڭ يېڭى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش يېتەكچىلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  7 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى لى فەن «كۆرسەتمە (تۈزىتىلگەن نۇسخىسى)» بويىچە، يېپىق ۋە ئالاھىدە سورۇنلاردىن باشقا، قىزىپ قالغان، ئاغرىۋاتقان ياكى خىزمەت سەۋەبىدىن ئالاھىدە بېكىتىلگەن كىشىلەر توپىدىن باشقا، ئادەتتىكى كىشىلەر توپى سىرتتا پائالىيەت قىلغاندا بىخەتەر ئىجتىمائىي ئالاقە ئارىلىقىنى ساقلاپ، قولنى پات - پات يۇيۇشنى ياخشى قىلىپ، ئۆزىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا كۆپرەك كۆڭۈل بۆلگەن ئەھۋالدا، ماسكا تاقىمىسىمۇ بولىدۇ، دەپ تەكلىپ بەردى.

  «كۆرسەتمە (تۈزىتىلگەن نۇسخىسى)» خەۋپ - خەتەر دەرىجىسى تۆۋەن بولغان رايونلارغا ماس كېلىدۇ، ئەسلىدىكى 50 تۈرلۈك مۇداپىئە كۆرسەتمىسى 65 تۈرگە ئۆزگەرتىلىپ، ئوخشاش بولمىغان پەسىل، سورۇن ۋە كىشىلەر توپى بويىچە، شەخسي مۇداپىئە، دېزىنفېكسىيەلەش، ھاۋا ئالماشتۇرۇش، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەكشۈرۈش - ئۆلچەش ۋە كىشىلەر توپىنىڭ سالامەتلىكىنى كۆزىتىش - ئۆلچەش قاتارلىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرى تەڭشىلىپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش زىيادە ئېشىپ كېتىشتىن، ئادەم كۈچى ۋە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرىنىڭ تەننەرخىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.» لى فەن مۇنداق تونۇشتۇردى: شىنجاڭدا ئۇدا 138 كۈن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى كېسەل مىسالى دوكلاتى كۆرۈلمىدى، خەۋپ - خەتەر دەرىجىسى تۆۋەن بولغان رايونغا تەۋە، «كۆرسەتمە (تۈزىتىلگەن نۇسخىسى)»دىكى تۈرلۈك تەكلىپلەرگە ماس كېلىدۇ.

  لى فەن مۇنداق چۈشەندۈردى: ياز پەسلىدە ھاۋا بىرقەدەر ئىسسىق، سىرتتا پائالىيەتلەر بىرقەدەر كۆپ، ئادەتتىكى ئامما سىرتتا پائالىيەت قىلغاندا ماسكا تاقىمىسىمۇ بولىدۇ. لېكىن مەكتەپ، كۇتۇپخانا، زال ئىچى سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى، كىنو - تىياتىرخانا، KTV قاتارلىق يېپىق سورۇنلاردا، بولۇپمۇ ئايروپىلان، مېترو قاتارلىق ئاممىۋى قاتناش قوراللىرىغا ئولتۇرغاندا، ھەمدە دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالانغاندا، يەنىلا ماسكا تاقاش كېرەك ھەم توختاش ۋاقتىنى ئىمكانقەدەر ئازايتىش كېرەك. ئۇ ئالاھىدە ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: ئەگەر ئاممىۋى سورۇنلاردا كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئىشلىتىدىغان ئەسلىھە، بۇيۇملارنى تۇتقان بولسا، قولنى پات - پات يۇيۇپ قولنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلاش كېرەك.

  «كۆرسەتمە (تۈزىتىلگەن نۇسخىسى)»دا ئاممىنىڭ ماسكا تاقىشىغا تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىنغاندىن باشقا، ھاۋا ئالماشتۇرۇشنى ياخشى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇھىت تازىلىقى ۋە دېزىنفېكسىيەلەشنى ياخشى قىلىپ، خادىملارنىڭ توپلىشىشىنى ئازايتىش، قول تازىلىقى، تاماقنى ئايرىش تۈزۈمى، بىر مېتىر ئارىلىق ساقلاش قاتارلىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرى تەكىتلەندى، مېھمانخانا، كىنو - تىياتىرخانا، تورخانا قاتارلىق يېپىق سورۇن ۋە ياشانغانلار ساناتورىيەسى قاتارلىق ئالاھىدە ئورۇنلار بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى كۆزىتىش - ئۆلچەشتە جەزمەن چىڭ تۇرۇش، قاتناش قوراللىرىغا ئولتۇرغاندا يەنە راۋان يۈرۈش كودىنى تەكشۈرۈش كۆرسىتىلدى. «ياز پەسلىدە ئىشلىتىلىش قېتىم سانى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئىشلەتكەندە، ئەسلىدىكى قايتما شامالنى تولۇق ئېتىۋېتىش تەلىپى قايتما شامالنى ئىمكانقەدەر ئازايتىشقا تەڭشىلىپ، يېڭى شامال مىقدارى ئاشۇرۇلۇپ، قەرەللىك تازىلاپ دېزىنفېكسىيەلەش تەكىتلەندى» دېدى لى فەن تونۇشتۇرۇپ.

  ئالاھىدە كىشىلەر توپى، مەسىلەن، ياشانغانلار ۋە بالىلارغا قارىتا، لى فەن مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: كۈندىلىك شەخسىي تازىلىقنى ياخشى قىلىپ، قولنى پات - پات يۇيۇش، كۆزنى ئۇۋۇلىماسلىق قاتارلىق تازىلىق ئادەتلىرىنى يېتىلدۈرۈش، يېمەك - ئىچمەك، ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭلۇقىغا ئەھمىيەت بېرىش، ئۇيقۇنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، ئائىلە باشلىقلىرى بالىلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈشى، مەسىلە بولسا ۋاقتىدا داۋالىتىشى كېرەك. ئاساسىي كېسىلى بار ياشانغانلار قەرەللىك دورا يېيىشى ياكى قايتا تەكشۈرتۈشى، بالىلارمۇ ۋاقتىدا ۋاكسىنا ئەملىتىشى، دوختۇرغا كۆرۈنگەندە ئۆزىنى ياخشى مۇداپىئە قىلىپ ماسكا تاقىشى، ئالدىن كېلىشىپ كېسەل كۆرسىتىشى، دوختۇرخانىدا توختاش ۋاقتىنى ئازايتىشى كېرەك. يۆتەل قاتارلىق نەپەس يولى كېسەللىرىگە گىرىپتار بولغاندا سىرتقا چىقىشنى ئازايتىپ ھەم ماسكىنى ياخشى تاقاپ ئۆزىدىكى چاچراندىلارنىڭ تارقىلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. ئەگەر قىزىش، قۇرۇق يۆتىلىش قاتارلىق گۇمانلىق كېسەل ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، باشقىلار بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىپ، بىرىنچى ۋاقىتتا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ ئېنىق دىياگنوز قويدۇرۇش كېرەك.