ئالدىنقى يېرىم يىلدا شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ توك سېتىش مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7تىن كۆپرەك ئاشتى

日期:2020年07月07日
来源:人民网
【字体:

    3 - كەسىپ ئېشىشقا تۈرتكە بولىدىغان «ئاساسىي موتور»غا ئايلاندى

  شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چېن چياڭۋېينىڭ دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ جەمئىي ساتقان توك مىقدارى 63 مىليارد 900 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.26 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە 3 - كەسىپتە ئىشلىتىلگەن توك مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %43 ئېشىپ، توك سېتىش مىقدارىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان «ئاساسىي موتور»غا ئايلانغان.

  دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ شىركىتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭدىكى پۈتۈن ساھەدە ئىشلىتىلگەن توك 57 مىليارد 800 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، ئومۇمىي ئىشلىتىلگەن توك مىقدارىنىڭ %90ىنى ئىگىلەپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.5 ئاشقان؛ شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا ئىشلىتىلگەن توك 6 مىليارد 100 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، ئومۇمىي ئىشلىتىلگەن توك مىقدارىنىڭ %10ىنى ئىگىلەپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %27.8 ئاشقان.

  ھەرقايسى كەسىپلەرنىڭ توك ئىشلىتىش سانلىق مەلۇماتىدىن قارىغاندا، 1 - كەسىپتە ئىشلىتىلگەن توك مىقدارى تەخمىنەن 1 مىليارد 100 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، پۈتۈن ساھەدە ئىشلىتىلگەن توك مىقدارىنىڭ %1.9ىنى ئىگىلىگەن. 2 - كەسىپتە ئىشلىتىلگەن توك مىقدارى 37 مىليارد 700 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، پۈتۈن ساھەدە ئىشلىتىلگەن توك مىقدارىنىڭ %65.1ىنى ئىگىلەپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.8 تۆۋەنلىگەن. يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا، 2 - كەسىپتە ئىشلىتىلگەن توك مىقدارىدا بەلگىلىك دەرىجىدە تۆۋەنلەش كۆرۈلگەن، مۇناسىۋەتلىك ساھەلەردە ئىشلىتىلگەن توك مىقدارىنىڭ ئېشىشى - تۆۋەنلىشى بىردەك بولمىغان. 3 - كەسىپتە ئىشلىتىلگەن توك مىقدارى 19 مىليارد كىلوۋات سائەت بولۇپ، پۈتۈن ساھەدە ئىشلىتىلگەن توك مىقدارىنىڭ %33ىنى ئىگىلىگەن. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، 3 - كەسىپتە ئىزچىل سىجىل تېز سۈرئەتتە ئېشىش ھالىتى ساقلانغان، بۇنىڭ ئىچىدە توپ سېتىش ۋە پارچە سېتىش كەسپىدە ئىشلىتىلگەن توك مىقدارى 1 مىليارد 470 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10 ئاشقان؛ ئاممىۋى مۇلازىمەت كەسپىدە ئىشلىتىلگەن توك مىقدارى 4 مىليارد 230 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %30 ئاشقان؛ بىناكارلىق كەسپىدە ئىشلىتىلگەن توك مىقدارى 1 مىليارد 750 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %52 ئاشقان؛ ئۇچۇر مۇلازىمەت كەسپىدە ئىشلىتىلگەن توك مىقدارى 6 مىليارد 500 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئېشىشى %200كە يەتكەن؛ باشقا ساھەلەردە ئىشلىتىلگەن توك مىقدارى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئاشقان.

  دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ شىركىتى توك سېتىشتىكى يېڭى ئېشىش نۇقتىلىرىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، سانائەت - يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى، ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشى، سودا، يېمەك - ئىچمەك، مەكتەپلەردە پاكىز ئىسسىنىش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ باشقا ئېنېرگىيەلەرنىڭ ئورنىنى ئېلىشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ باشقا ئېنېرگىيەلەرنىڭ ئورنىنى ئېلىش تۈرىدىن 14 مىڭ 400نى يولغا قويۇپ، ئورنىنى ئېلىشقا ئىشلىتىلگەن توك مىقدارىنى جەمئىي 3 مىليارد كىلوۋات سائەتكە يەتكۈزگەن، بۇ، توك سېتىش مىقدارىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئاكتىپ رول ئوينىغان.

  دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ شىركىتى ماركېتىڭ بۆلۈمىنىڭ بازار ئېچىش - باشقۇرۇش مەخسۇس مەسئۇلى دوۋ بونىڭ تەھلىل قىلىشىچە: ئالدىنقى يېرىم يىلدا شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ توك سېتىش مىقدارى سىجىل مۇقىم ئېشىپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىشتەك «ئاساسىي تەرىپى»نىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىدىن دېرەك بەرگەن. 3 - كەسىپتە ئىشلىتىلگەن توك مىقدارىنىڭ سىجىل، يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىدا تىپ ئۆزگەرتىشنىڭ تېزلىشىۋاتقانلىقىنى، مۇلازىمەتچىلىكنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان ئاساسىي كۈچكە ئايلانغانلىقىنى كۆرسەتتى.

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ شىركىتى كارخانىلارنىڭ توك ئىشلىتىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىدىغان قوللاش خاراكتېرلىك سىياسەتلەرنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش، كارخانىلارنىڭ توك ئىشلىتىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن ياخشى تىجارەت - سودا مۇھىتى ياراتقان، بۇ، ئالدىنقى يېرىم يىلدىكى توك سېتىش مىقدارىنىڭ تېز ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئامىللارنىڭ بىرىگە ئايلانغان.