يەكەن «ناھىيە، يېزا، كەنت، ئائىلە» تۆت دەرىجىلىك كەسىپ تەرەققىيات سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ نامرات ئاممىغا ئىشقا ئورۇنلىشىش «تاۋىقى»نى چىڭ، پۇختا تۇتقۇزدى

日期:2020年07月07日
来源:人民网
【字体:

   يەكەن «ناھىيە، يېزا، كەنت، ئائىلە» تۆت دەرىجىلىك كەسىپ تەرەققىيات سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ

  نامرات ئاممىغا ئىشقا ئورۇنلىشىش «تاۋىقى»نى چىڭ، پۇختا تۇتقۇزدى

  «تاپقان پۇلۇم خەجلەشكە يېتىدۇ، يەنە ئازراق ئامانەت پۇلۇم بار.» يەكەن ناھىيەسىنىڭ ئارال يېزىسى بايدۆۋە كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى بۇزۆھرە مەمەت ئىشىكى ئالدىدىكى زاۋۇتتىن يېڭى خىزمەت تاپتى، ئۇ ھازىرقى تۇرمۇشىدىن ئىنتايىن رازى.

  يەكەن ناھىيەسى «ناھىيەدە باشلامچى كارخانا بولۇش، يېزىلاردا بەلگىلىك كۆلەملىك كارخانا بولۇش، كەنتلەردە نامراتلارنى يۆلەش سېخى بولۇش، ئائىلىلەردە ھۈنەرخانا بولۇش»تەك كەسىپ تەرەققىيات سىستېمىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، ئېلېكتىرونلۇق قۇراشتۇرۇش قاتارلىق كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ، نامرات ئائىلىلەرنى ئىشقا ئورۇنلىشىشقا قوبۇل قىلدى. پۈتۈن ناھىيەدە ھازىر بار بولغان 53 توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كارخانىسى، ئون ئېلېكتىرونلۇق قۇراشتۇرۇش كارخانىسى قاتارلىق كارخانىلار 16 مىڭ 800 كىشىنى ئىشقا ئورۇنلىشىشقا قوبۇل قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە نامرات ئائىلىدىن 8122 كىشى بار.

  يەكەن ناھىيەسىدە كۆڭلىگە ئارزۇ - ئۈمىدلەرنى پۈككەن ھەربىر ئامما ھۆكۈمەت قۇرغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سۇپىسى ئارقىلىق ئۆزىگە تەۋە گۈزەل ھاياتنى يارىتالايدۇ.

  نامراتلارنى يۆلەش سېخىدا بېيىش مارشى ياڭرىدى

  7 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، بايدۆۋە كەنتىدىكى بىر كىيىم - كېچەك شىركىتىنىڭ سېخىدا، كىيىم تىكىش ماشىنىسىنىڭ تاقىلدىغان ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى، نەچچە ئون ئىشچى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى.

  بۇ كەنتتە 570 ئائىلە، 2022 ئادەم بار بولۇپ، سىرتقا چىقىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئۆزگىچە تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق قىلىش ئۇلارنىڭ ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى ئىدى. يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە، بۇ يىل بىر قىسىم ئارتۇق ئەمگەك كۈچى سىرتقا چىقىپ ئىشلەشكە ئامالسىز قالدى. «نامراتلارنى يۆلەش سېخى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، بۇ كەنتتىكى نامرات ئاھالىلەرنى قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن بىللە، يەنە قوشنا كەنت ۋە ئەتراپتىكى يېزا - بازارلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغىمۇ تەسىر كۆرسەتتى، تۈرتكە بولدى» دېدى سېخ مەسئۇلى تۇرسۇننىياز خۇداۋەدى.

  «ئىشىك ئالدىدا ئىشقا ئورۇنلىشىپ مائاش ئالالايدىغان، يەنە ئائىلەم ۋە بالىلىرىمنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالايدىغان بولدۇم.» 36 ياشلىق بۇزۆھرە ئىلگىرى نامرات ئاھالە ئىدى، نامراتلارنى يۆلەش سېخىدا ئىش ئەسلىگە كېلىشى بىلەنلا ئۇ ئىشقا چۈشتى.

  «ئېرىم يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپتە تاماق ئېتىدۇ، ئىككىمىزنىڭ مائاشىغا 11 مو يەردىن قىلغان كىرىمىمىز ۋە كالا بورداشتىن قىلغان كىرىمىمىزنى قوشقاندا، بۇ يىل كىرىمىمىزنىڭ 50 مىڭ يۈەندىن ئېشىشىدىن ئۈمىد بار.» بۇزۆھرە كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بەش نوپۇس بار ئائىلىمىزنىڭ بۇ يىل نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىدا چاتاق يوق».

  كەنتتە يەنە ئىرادە جەھەتتىن يۆلەش تاللا بازىرى قۇرۇلدى ۋە ئەقلىي جەھەتتىن يۆلەش دەرسخانىسى تەسىس قىلىندى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ كىرىمنى ئاشۇرۇش، تەشۋىقات ئارقىلىق يېتەكلەش، ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش ھەمدە ئىلغارلارنى مۇكاپاتلاش قاتارلىقلارنى ئاساسىي ئىقتىدار قىلغان بىر كۆزنەكلىك نامراتلارنى يۆلەش خىزمەت ئەندىزىسى بەرپا قىلىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ بىرىكمە كۈچى مۇجەسسەملەندى.

  تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيەلەش مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى

  ئارزۇگۈل مەمەت مىشا بازىرى چوڭقۇرچاق كەنتىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە، ئۇ 2017 - يىلى 8 - ئايدا يەكەن ناھىيەلىك كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، چىڭداۋغا بېرىپ بىر يىللىق تەربىيەلىنىشكە قاتناشتى. ئوقۇشنى تاماملاپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، يەكەندىكى بىر توقۇمىچىلىق شىركىتىگە ئىشقا چۈشۈپ، مۇقىم كىرىمگە ئىگە بولدى.

  بۇ توقۇمىچىلىق شىركىتى يەكەن ناھىيەلىك كەسپىي تېخنىكا مەكتىپى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەن 130 ئوقۇغۇچىنى چىڭداۋغا تەربىيەلىنىشكە ئەۋەتكەنىدى.

  «ھازىر ھەر ئايلىق مائاشىم 2300 يۈەندىن ئاشىدۇ.» ئارزۇگۈل ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بۇ يەردە مەن تېخنىكا ئىگىلىدىم، باشقۇرۇشنى ئۆگەندىم، پۇلمۇ تاپتىم».

  «بىز بۇ جايدىكى 800 ئادەمنى قوبۇل قىلىپ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇردۇق، كارخانىمىزدا ئىشلەۋاتقان ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىدىن 219 ئادەم نامراتلىقتىن مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇتۇلدى» دېدى بۇ توقۇمىچىلىق شىركىتىنىڭ مەسئۇلى خۇڭ لۇڭجۇ.

  ئىشقا ئورۇنلىشىش كوچىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش يولىنى ئاچتى

  زەرەپشان كوچا باشقارمىسى جايتېرەك كەنتىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش كوچىسىدىكى «تۇرسۇنگۈل تىككۈچىلىك دۇكىنى»غا كىرگەندە، تۇرسۇنگۈل كۈلۈمسىرىگەن ھالدا مۇخبىرلارغا تۇرمۇشىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى سۆزلەپ بەردى.

  ئىلگىرى ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشى غورىگىل ئۆتەتتى، تۆت يىل ئىلگىرى كىيىم تىكىشنى بىلىدىغان تۇرسۇنگۈل ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمى ۋە يېتەكچىلىكىدە تىككۈچىلىك دۇكىنى ئاچتى. خېرىدارلارنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، تۇرسۇنگۈل ئەتراپتىكى نامرات ئائىلىلەردىكى ئاياللارنى ئۆزى بىلەن بىللە ئىشلەشكە ئىلھاملاندۇردى، بۈگۈنكى كۈندە دۇكىنىدىكى خادىم ئالتىگە كۆپەيدى.

  تۇرسۇنگۈلنىڭ تىككۈچىلىك دۇكىنىدا ئىشلەۋاتقان ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە قۇرباننىسا راخمان مۇخبىرلارغا ئۆزىنىڭ بۇ يەردە ئىشلەۋاتقىنىغا ئۈچ يىل بولغانلىقىنى، ئىنىسى، ئىنىسىنىڭ خوتۇنىنىڭمۇ مۇشۇ كوچىدا ئىشلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئائىلىسىدىكىلەر ۋە كىرىمىنى تىلغا ئالغىنىدا قۇرباننىسانىڭ چىرايى مەمنۇنلۇققا تولدى.

  جايتېرەك كەنتىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش كوچىسىدىكى تۇرسۇنگۈلنىڭ تىككۈچىلىك دۇكىنىغا ئوخشاش كىچىك دۇكانلار جەمئىي 208 ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، 23 نامرات ئائىلىدىكى 41 ئادەمنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بەردى.