شىنجاڭدىكى دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز ناھىيەنىڭ بارلىق مەمۇرىي كەنتلىرىدە نۇر كابېلنى ئائىلىلەرگىچە يەتكۈزۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى

日期:2020年07月06日
来源:人民网
【字体:

 مۇخبىرنىڭ 7 - ئاينىڭ 4 - كۈنى قەشقەر ۋىلايەتلىك سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭدىكى دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز ناھىيە − تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى بارلىق مەمۇرىي كەنتلەردىكى دېھقان ئائىلىلىرىگە يېقىندا نۇر كابېل ئۇلانغان، بۇنىڭ بىلەن قەشقەر ۋىلايىتىدىكى بارلىق مەمۇرىي كەنتلەردە نۇر كابېلنى ئائىلىلەرگىچە يەتكۈزۈپ، رادىيو - تېلېۋىزىيە بىلەن تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلغان.

  تاشقورغان پامىر ئېگىزلىكىنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 4000 مېتىردىن ئاشىدىغان بولۇپ، قەشقەر ۋىلايىتى بويىچە نۇر كابېل ئەڭ ئاخىرىدا ئۇلانغان ناھىيە. ئۇزاقتىن بۇيان، تەبىئىي مۇھىتنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىغاچقا، نۇر كابېلنى ئائىلىلەرگە كىرگۈزۈش قۇرۇلۇشىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى زور بولۇپ، شۇ جايدىكى چەت، يىراق تاغلىق كەنتلەرنىڭ تاشقى دۇنيا بىلەن ئالاقە قىلىدىغان «ئۇچۇر يولى»نىڭ سۈپىتى ناچار ئىدى.

  نۇر ئۆتكۈزگۈچ تالانى ئائىلىلەرگە كىرگۈزۈش قۇرۇلۇشى تاشقورغاندىكى 5200 ئائىلىلىكتىن ئارتۇق تاغلىق رايون ئاھالىسىنىڭ تېخىمۇ كۆپ رادىيو - تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىنى ئاڭلاش، كۆرۈش ۋە تاشقى دۇنيا بىلەن يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئالاقىلىشىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتتى.

  دۆلەتبېك ھوشۇر تۇرۇشلۇق ۋاچە يېزىسىنىڭ كۈن يۈزى كەنتى ئېگىز ھەم سوغۇق رايونغا جايلاشقان بولۇپ، ئورنى بىرقەدەر چەت، يېرى كەڭ، ئادىمى شالاڭ ئىدى، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن 80 كىلومېتىر كېلەتتى، ئالاقە راۋان بولماسلىق، ئۇچۇر توسۇلۇش كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان بوغما ھالەتلەرنىڭ بىرى ئىدى. «ئۆيۈمدىكى تورنىڭ بەلباغ كەڭلىكى 50 مېگابايت، تورغا چىققىلى بولۇپلا قالماي، يەنە رەقەملىك تېلېۋىزور كۆرەلەيمىز، ھەر ئايلىق يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت ھەققى 30 يۈەنگىمۇ يەتمەيدۇ» دېدى دۆلەتبېك ھوشۇر.