مەملىكەتلىك قارا-رەزىل كۈچلەرنى تازىلاش ئىشخانىسى ئاخباراتى: شىنجاڭ بىڭتۇەن ج خ ئىدارىسىنىڭ قارا جەمئىيەت كاتتىبېشى بەي بو قاتارلىقلارنىڭ قەبىھ قىلمىشلىرى دېلوسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالى

日期:2020年06月29日
来源:人民网
【字体:

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 28- ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن، مەملىكەتلىك قارا-رەزىل كۈچلەرنى تازىلاش ئىشخانىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، قارا جەمئىيەت كاتتىبېشى بەي بو قاتارلىقلارنىڭ قەبىھ قىلمىشلىرى دېلوسىنى بىر تەرەپ قىلىشقا مەملىكەتلىك قارا-رەزىل كۈچلەرنى تازىلاش ئىشخانىسى مەخسۇس ۋىۋىسكا ئېسىپ ھەيدەكچىلىك قىلغاندىن كېيىن تۆت دېلونىڭ بېجىرىلىش ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى. ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى نەق مەيدانىدا، شىنجاڭ بىڭتۈەن پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن سىياسىي كومىسسارى، سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۈەننىڭ مۇشتۇمزورلۇقنى تازىلاش ۋە رەزىللىكنى تۈگىتىش مەخسۇس كۈرىشى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى جاڭ ۋېنچۈەن سۆز قىلىپ، بەي بو دېلوسىنىڭ بىرتەرەپ قىلىنىش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. بەي بونىڭ قارا جەمئىيەت خاراكتېرىدىكى تەشكىلاتى دېلوسى بولسا، بىڭتۇەن تارىخىدا ئاز كۆرۈلىدىغان، خاراكتېرى ئىنتايىن قەبىھ بولغان، تەسىرى پەۋقۇلئاددە زور بولغان، ھەمدە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى رەھبىرىي كادىرلىرىنىڭ قارا گۇرۇھقا چېتىلغان جىنايەت دېلوسىدۇر.

جاڭ ۋېنچۈەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ دېلو 2020- يىلى 4- ئاينىڭ 17- كۈنىدىكى 2- سوتتا ئاياغلاشتۇرۇلغان. شۇ سوتتا باش جىنايەتچى بەي بونى تۆۋەندىكىدەك بىر قاتار جىنايەتلەر بىلەن، يەنى قارا جەمئىيەت تۈسىنى ئالغان تەشكىلاتنى ئۇيۇشتۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلىش جىنايىتى، قەستەن زەخىملەندۈرۈش جىنايىتى قاتارلىق 14 تۈرلۈك جىنايەت بىلەن جازالاش، ھەمدە بىر نەچچە جىنايەتنى قوشۇپ جازالاش قارار قىلىنىپ، ئۇنىڭغا قانۇن بويىچە 25 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلگەن، جاڭ لېي قاتارلىق 12 جىنايەتچىگە 20 يىلدىن 10 يىلغىچە ئوخشاش بولمىغان مۇددەتتە مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلگەن، جۇ فېڭلېي قاتارلىق 32 جىنايەتچىگە 9 يىلدىن بىر يىلغىچە ئوخشاش بولمىغان مۇددەتتە مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلگەن، ھەمدە جەمئىي 38 مىليون 160 مىڭ يۈەن ئىشتراپ قويۇلغان.

بەي بو دېلوسى تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە: بىرىنچىسى، ئۇنىڭدا «كۈنلۈك» بولۇپ بېرىش ۋە «قارا كۈچ» توپلاش بىر گەۋدىلەشكەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئىجتىمائىي يامان تەسىرى زور بولدى. بەي بو گەرچە ج خ ئىدارىسىنىڭ رەھبىرى بولسىمۇ، ئەمما ئۇ قارا جەمئىيەتنىڭ ئىسمى جىسمىغا لايىق كاتتىۋېشى بولغان. ئۇ قولىدىكى ھوقۇقتىن خالىغانچە پايدىلىنىپ، قارا كۈچلەرنىڭ تايانچ ئۇنسۇرلىرىنى ئۆز يېنىغا تارتىپ، پۈتكۈل جىنايەتچىلەر گۇرۇھىنى كونترول قىلىپ، ھەمدە گۇرۇھ ئەزالىرىنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىگە «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى» بولۇپ بېرىپ، شۇ جاينىڭ ئامانلىقنى ساقلاش ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش ئىناۋىتىگە زىيان يەتكۈزدى.

ئىككىنچىسى، جىنايەتنى داۋاملاشتۇرغان ۋاقىت ئارىلىقى ئۇزۇن ۋە ئەمەلىي زىيىنى زور بولغان. بەي بو يەنە ھۆكۈمەت سالاھىيىتى ۋە قولىدىكى ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، جەمئىيەتتە بىكار يۈرىدىغان ۋە زەھەرگە چېتىشلىق قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىدىغان جىنايەتچىلەرنى يېنىغا توپلاپ، قارا جەمئىيەت تۈسىنى ئالغان تەشكىلاتلاردىن كۆلىمى 50كە يېقىن تەشكىلاتنى تەدرىجىي ھالدا ئۇيۇشتۇرۇپ، قەستەن زەخىملەندۈرۈپ ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋە قەستەن قاتىللىق قىلىش (ئەمەلگە ئاشمىغان) جىنايەتلەرنى پىلانلاش، زەھەر سېتىش، توشۇش، قىمارخانا ئېچىش ۋە قانۇنسىز قاماپ قويۇش دېگەندەك 62 تۈرلۈك جىنايەتنى سادىر قىلغان بولۇپ، شۇ جىنايەتلەردە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلاردىن ئىككى نەپەر كىشى قازا قىلغان، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلاردىن يەنە نۇرغۇنلىرى يارىلانغان. دېمەك، ئۇ دېلولاردىكى جىنايەتلەر جەمئىيەتكە زور خەۋپ يەتكۈزدى.

ئۈچىنچىسى، مەزكۇر دېلوغا چېتىلىدىغان كىشىلەرنىڭ دائىرىسى كەڭ بولۇپ، دېلو بېجىرىش قىيىنلىق دەرىجىسى زور بولدى. جىنايەت پاكىتلىرى پۈتۈن مەملىكەتتىكى نۇرغۇن ئۆلكە ۋە شەھەرلەردە يۈز بەرگەن بولۇپ، ماسلاشتۇرۇشقا تىگىشلىك قاتلىمى كۆپ، بەزى جىنايەت پاكىتلىرىنىڭ ۋاقتى ئۇزۇن بولۇپ، تەكشۈرۈپ دەلىل-ئىسپات ئېلىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ناھايىتى چوڭ بولدى.