تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ «باش ئاچقۇچ»نى تۇتۇش

日期:2020年06月02日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىليۇ دۇڭلەي

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تۇراقلاشتۇرۇلۇپ، يېڭى دەۋرنىڭ جاۋاب قەغىزى پۈتۈلدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ 2 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز تەرەققىياتىغا قەتئىي تەۋرەنمەي تۈرتكە بولۇش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى. ئالتە يىلدىن بۇيان، مۇقىملىق پايدىسى ئۈزلۈكسىز قويۇپ بېرىلىۋاتقان شىنجاڭ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتتى.

يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش

5 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، ئۈرۈمچى گەنچۈەنباۋ ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا، شىنجاڭ جۇڭخې پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ زاۋۇت رايونى تەرتىپلىك بولۇپ، زاۋۇت ئۆيىدە سانائەت ماشىنا ئادىمى ئۇياقتىن - بۇياققا ئالدىراش يۈرەتتى، تەجرىبىخانىدا تەتقىقاتچىلار پۈتۈن زېھنىنى يىغىپ، ئېكراندىكى سانلىق مەلۇماتقا سىنچىلاپ قاراۋاتاتتى. 2019 - يىلى، شىنجاڭ جۇڭخې تەتقىق قىلىپ ئاچقان يۇقىرى ساپلىقتىكى ئاليومىن، ئېلېكتىرون ئاليومىن ياپراقچىسى، ئېلېكتىرود ياپراقچىسى قاتارلىق مەھسۇلاتلار ئىمپورتنىڭ ئورنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپلا قالماي، بەلكى ئاسىيانى قاپلاپ، ياۋروپا، ئامېرىكىدىكى 15 دۆلەت ۋە رايونغا سېتىلدى.

يېڭىلىق يارىتىش شىنجاڭ جۇڭخېنىڭ كەسكىن بازار رىقابىتىدە «دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەش»ىنى پۈتمەس - تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى. «بىز خەلققە كېرەكلىك مەھسۇلاتلارنى ئەمەلىي قوللىنىشتىن چوڭقۇر قاتلاملىق ئېچىشقىچە تېخنىكىدا بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇردۇق، مەھسۇلاتلار ئېلېكتىرون يېڭى ماتېرىياللىرى ساھەسىدە ئىشلىتىلدى، ئاۋىياتسىيە، ئالەم قاتنىشى، رېلىسلىق قاتناش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرگە مۇلازىمەت قىلدى» دېدى شىركەتنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى چېن چاڭكې.

يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىندى. ئالتە يىلدا، شىنجاڭدا يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال، ئىلغار جابدۇق ياسىمىچىلىقى قاتارلىقلار ۋەكىللىكىدىكى ئالتە چوڭ ئىستراتېگىيەلىك يېڭى گۈللەنگەن كەسىپ قەد كۆتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشتى.

قارامايدىن ئىبارەت يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن مۆجىزىلەرچە قەد كۆتۈرگەن بۇ نېفىت خىمىيە يېڭى شەھىرى نېفىت - تەبىئىي گاز بايلىقى ۋە نېفىت خىمىيە كەسپىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىش بىلەن بىللە، بۇلۇت ھېسابلاش كەسىپ بازىسىنى پائال قۇرۇپ، «يەر ئاستى»دىن «بۇلۇت»قا يۈزلەندى.

يول بىر قەدەم بىر قەدەم مېڭىشتىن شەكىللەنگەن. ئالتە يىلدىن بۇيان، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىلىپ، «ئۈچنى تۈگىتىش، بىرنى تۆۋەنلىتىش، بىرنى تولۇقلاش»نى سىجىل ئالغا سىلجىتىش جەريانىدا، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش قەدىمى سىجىل تېزلىتىلدى. ئاشلىقنى مۇقىملاشتۇرۇش، كېۋەزنى ئەلالاشتۇرۇش، چارۋىچىلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، باغۋەنچىلىكنى كۈچەيتىش، خاس كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش فاڭجېنى يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى؛ نۇقتىلىق ئەۋزەل تۈرلەردە پەن - تېخنىكىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۇدا بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلۈپ، زامانىۋى سانائەت سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز شەكىللەندى؛ 3 - كەسىپنىڭ نىسبىتى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندى.

تەرەققىياتتا ئادەم ئاساس قىلىنىپ، ئامما ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتى. خوتەن ۋىلايىتىدە، 27 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنغان جۇڭگو - كۇنمىڭ خەلقئارا(ئېكولوگىيە)ئەشيا ئوبوروت پورتى تۈرى مۇددەتكە بۆلۈپ چىڭ تۇتۇپ قۇرۇلماقتا، بۇ تۈر تولۇق پۈتكەندىن كېيىن، شۇ جايدىكى 88 مىڭ ئاممىنى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ يىلىغا 4 مىليارد يۈەن كىرىم قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

ئالتە يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ باشتىن - ئاخىر خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى كۈرەش نىشانى قىلىپ، تەرەققىياتنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا ئەمەلىيلەشتۈردى. 2019 - يىلىغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە جەمئىي 2 مىليون 923 مىڭ 200 ئادەمنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، 3107 نامرات كەنتنى نامراتلىقتىن چېكىندۈرۈش، 25 نامرات ناھىيەنىڭ قالپىقىنى ئېلىۋېتىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، نامراتلىق يۈزبېرىش نىسبىتى 2014 - يىلىدىكى %19.4تىن %1.24كە تۆۋەنلىتىلدى.

ئېچىۋېتىش يېڭى ۋەزىيىتى بەرپا قىلىش

2013 - يىلى، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى تەشەببۇسى دۇنياغا كەلدى. «شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇشتا تەڭداشسىز ئورۇن ۋە رولغا ئىگە، بۇ تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆزىنىڭ رايون خاراكتېرلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى دۆلەتنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشى، غەربكە ئېچىۋېتىش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا يۇغۇرۇشى كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يوليورۇقى شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ، ئالغا ئىلگىرىلەش قەدىمىنى تېخىمۇ مەزمۇت قىلدى.

ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىدا ھەركۈنى ئالدىراش مەنزىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ھازىر، 2000 دىن ئارتۇق كارخانا ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىغا ماكانلاشتى.

ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەۋاتقان چاققا ئەگىشىپ، شىنجاڭدا يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىلدى. بۇ يىل 3 - ئايغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىدىن جەمئىي 3268ى قاتناپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %80تىن كۆپرەك ئاشتى. 2014 - يىلىدىن 2019 - يىلىغىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە تاشقى سودا سوممىسى 129 مىليارد 690 مىليون دوللارغا يېتىپ، 190 دۆلەت ۋە رايون بىلەن ئىقتىساد - سودا ئالاقىسى قانات يايدۇرۇلدى.

رەقەمنىڭ كەينىدىكىسى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ جۇش ئۇرۇۋاتقان ھاياتىي كۈچىدۇر. ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونى، لىنكۇڭ ئىقتىساد رايونى ۋە چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشى ئۈزلۈكسىز تېزلىتىلدى، قەشقەر، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، كەسىپلەرنىڭ توپلىنىش ئىقتىدارى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈرۈلدى. ئالتە يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، نۇقتىلىق بۆسۈش ھاسىل قىلىش پىكىر يولىدا چىڭ تۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇرلىشىپ، پۇختا بولۇپ، پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولدى.

دۆلەت دەرۋازىسىنىڭ غەرب تەرىپىدە، بارغانسېرى كۆپ دۆلەت جۇڭگو شىنجاڭ تەمىنلىگەن تۈرلۈك مۇلازىمەتتىن بەھرىلەندى. بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭ چېگرا ھالقىغان يىراق مۇساپىلىك داۋالاش مۇلازىمەت سۇپىسى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى نەچچە ئون دوختۇرخانىغا تۇتاشتۇرۇلۇپ، جۇڭگو شىنجاڭدىكى ھەرقايسى داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە قارىتا دائىملاشقان يىراق مۇساپىلىك بىرلىشىپ دىياگنوز قويۇش كەسپى ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئەتراپتىكى ۋە لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن داۋالاش - سەھىيە ساھەسىدە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

قورغاس پورتىدا، قاتار - قاتار جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرى خۇددى «پولات كارۋان»غا ئوخشاش، ئاسىيا - ياۋروپانى تۇتاشتۇرىدىغان خەلقئارا ئېچىۋېتىلگەن چوڭ يولغا قەدەم تاشلىدى؛ ئالاتاۋ پورتى «يىلدا بىر بوران چىقسا، ئەتىيازدىن قىشقىچە داۋاملىشىدىغان» ھېچنېمە ئۈنمەيدىغان جايدىن يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى مۇھىم تۈگۈنگە ئايلاندى. شىنجاڭنىڭ رايون ئورنى، پورت ئەۋزەللىكى ئۈزلۈكسىز ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلانماقتا.

يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قاتناش تۈگۈنى مەركىزى، سودا ئەشيا ئوبوروت مەركىزى، رايون پۇل مۇئامىلە مەركىزى، مەدەنىيەت، پەن - مائارىپ مەركىزى، داۋالاش مۇلازىمىتى مەركىزى قۇرۇلۇشىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ ئىلگىرىكى ئىچكى قۇرۇقلۇقتىكى «يانچۇق تېگى»دىن دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى دەرۋازىسى ۋە ئالدىنقى سېپىگە، ئاخىرقى ئۇچتىن تۈگۈنگە ئايلىنىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى تۈگۈن پونكىتىلىق رولى، دۆلىتىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم دەرۋازىسىلىق ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئېگىزلىك رولى، ئاۋۋال يولغا قويىدىغان، ئاۋۋال سىنايدىغان، ئاۋۋال ئىسلاھ قىلىدىغان سىناق رايونىلىق رولىنى پەيدىنپەي جارى قىلدۇرماقتا.

بازارنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچىنى بارلىققا كەلتۈرۈش

ئاسمىنى كۆك، يېرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك بولدى، ئۆتكەن ئالتە يىلدا، شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى، شۇنىڭ بىلەن بىللە سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگىنى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى كۈنسېرى ئەلالاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتى بولدى.

ئۈرۈمچىدىكى ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىگۈچى زۇلپىقار رەجەپ ئۈچ كۈندىلا شىركەتنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنى ئالدى. «بۇ، مېنىڭ مۆلچەرىمدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتتى» دېدى زۇلپىقار. سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇلغان «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كارخانا قۇرۇش ۋاقتىنى ئەڭ دەسلەپكى 30 كۈن ئەتراپىدىن ھازىرقى ئۈچ خىزمەت كۈنىگە قىسقارتتى.

ئاپتونوم رايوننىڭ بىر گەۋدىلەشكەن تور ھۆكۈمەت ئىشلىرى سۇپىسىنىڭ توردا ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىدە پۈتۈن جەرياننى توردا بېجىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق ئېتىبار سىياسەتلەرمۇ تېز ئەمەلىيلەشتى، 2019 - يىلىلا بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ 26 مىليارد 290 مىليون يۈەن باج - ھەققى كېمەيتىلدى، كەچۈرۈم قىلىندى. نۇرغۇن سىياسەتنىڭ تۈرتكىسىدە، شىنجاڭ بازىرىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، بايلىق مۇھىم ئامىللىرى ئەمەلىي ئىقتىسادقا ئۈزلۈكسىز توپلاندى. سانائەت ئىقتىسادىنىڭ ئەمەلىي كۈچى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، سودا ئەشيا ئوبوروتى، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى، ساغلاملىق - كۈتۈنۈش قاتارلىق زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىك تېز تەرەققىي قىلدى، 3 - كەسىپنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %63.3كە يەتتى.

2019 - يىلى 7 - ئاينىڭ 31 - كۈنى قەشقەر (يېڭىشەھەر) - قاغىلىق - قاراقاش يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ 2 - قارارلىق قۇرۇلۇشىدا رەسمىي قاتناش باشلىنىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى بارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول دەۋرىگە قەدەم قويدى. بۇنىڭدىن ئىككى ئاي ئىلگىرى، قارامايدىن چۆچەك شەھىرىگە بارىدىغان تۆمۈريولدا قاتناش باشلىنىپ، شىنجاڭدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر ۋىلايەت، ئوبلاستنىڭ مەركىزىي شەھىرىگە پويىز قاتنىماسلىق تارىخىغا خاتىمە بېرىلدى. يىراق بوشلۇققا نەزەر سالساق، ئۈزلۈكسىز زىچلىشىۋاتقان بوشلۇق ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرى ئارىسىدىكى ئارىلىقنى يېقىنلاشتۇرۇپ، جۇڭگو شىنجاڭنى دۇنيا بىلەن زىچ باغلىدى.

ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ كۈنسېرى مۇكەممەللىشىشى، تىجارەت - سودا مۇھىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئەلالىشىشى بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشىگە ئىشەنچ بېغىشلىدى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسىنىمۇ پۇختىلىدى. 2014 - يىلى شىنجاڭدا 927 مىليارد 346 مىليون يۈەن رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئىشقا ئاشۇرۇلدى، 2019 - يىلى شىنجاڭنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 1 تىرىليون 359 مىليارد 711 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئۆزگەرمەس باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %7.7 ئاشتى.

2020 - يىلىدىكى بۇ جاپا - مۇشەققەتلىك باھاردا، يۇقۇم چوڭ ئىمتىھانى ئالدىدا، شىنجاڭنىڭ 1 - پەسىلدىكى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن 6.6 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولۇپ، مۇقىم باشلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ كۈچلۈك ئەۋرىشىمچانلىقى نامايان قىلىندى.

مانا بۇ شىنجاڭ، ئىسلاھات ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىۋاتقان، تەرەققىيات كۈنسايىن يېڭىلىنىۋاتقان شىنجاڭ. ئالتە يىلدىن بۇيان، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى 25 مىليون ھەر مىللەت ئوغۇل - قىز پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكچىلىكىدە دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ «باش ئاچقۇچ»نى تۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ چوڭ قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولدى.