ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «ئۈچ چەك، بىر تىزىملىك»نى تۈزۈش خىزمىتى دەسلەپكى قەدەمدە تاماملاندى

日期:2020年06月01日
来源:天山网
【字体:

«بىر پارچە خەرىتە» ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش قائىدىسىنى تىكلىدى

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «ئۈچ چەك، بىر تىزىملىك»نى تۈزۈش خىزمىتى دەسلەپكى قەدەمدە تاماملاندى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىلى شىڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئېكولوگىيەلىك مۇھىت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا ئاپتونوم رايوننىڭ رايون بوشلۇقى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى باھالاش ھەم «ئۈچ چەك، بىر تىزىملىك»(ئېكولوگىيەنى ئاسراش قىزىل چېكى، مۇھىت سۈپىتى تۆۋەن چېكى، بايلىقتىن پايدىلىنىش يۇقىرى چېكى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئىجازىتى تىزىملىكى)نى تۈزۈش خىزمىتى دەسلەپكى قەدەمدە تاماملانغان. ئۇنىڭدا ئېكولوگىيەنى ئاسراش قىزىل سىزىقى بېكىتىلىپ بولۇنغان ئاساستا، تۈرلۈك ئاسراشنى كۈچەيتىش زۆرۈر بولغان ئېكولوگىيە بوشلۇقلىرى پەرقلەندۈرۈلگەن، ئېكولوگىيەلىك بوشلۇق رايونلىرى بەلگىلەنگەن، تۈرلۈك ئېكولوگىيەلىك بوشلۇقلىرىنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەش تەلەپلىرى ئايدىڭلاشتۇرۇلغان، رايونغا ئايرىلغان، باسقۇچقا ئايرىلغان مۇھىت سۈپىتى تۆۋەن چېكى نىشانى بېكىتىلگەن.

ئىگىلىنىشىچە، رايون بوشلۇقى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى باھالاش يەرلىك ھۆكۈمەتلەر تەشكىللەيدىغان، رايون بوشلۇقى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى، قۇرۇلما فۇنكسىيەسى خۇسۇسىيىتىگە قارىتا سىستېمىلىق باھالاش ئېلىپ بېرىلىدىغان، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىگە جىپسىلاشقان، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنى ياخشىلاش يادرو قىلىنغان، ئېكولوگىيەنى ئاسراش قىزىل چېكى، مۇھىت سۈپىتى تۆۋەن چېكى، بايلىقتىن پايدىلىنىش يۇقىرى چېكى ئىلمىي بېكىتىلگەن، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئىجازىتى تىزىملىكى تۈزۈلگەن، بىر پارچە خەرىتىدە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش، بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى تىزگىنلەش، مۇھىت خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، بايلىقنى ئېچىپ پايدىلىنىش قاتارلىق باشقۇرۇش - تىزگىنلەش تەلەپلىرى ئايدىڭلاشتۇرۇلغان بىر تۈرلۈك ئۇل خاراكتېرلىك خىزمەت. «ئۈچ چەك، بىر تىزىملىك»تە «ئۈچ چەك» ئارقىلىق رايون بوشلۇقىدىن پايدىلىنىش ۋەزىيىتى ۋە ئېچىش سىجىللىقىغا رامكا بېكىتىلىپ، «بىر تىزىملىك» ئارقىلىق ئېچىش ھەرىكىتى قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئاسراش قائىدىسى ئالدىن تۈزۈلىدىكەن.

ھازىرغا قەدەر، ئاپتونوم رايونىمىز ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئەھۋالى، بايلىق - ئېنېرگىيە ئەۋزەللىكى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە رايون تەرەققىيات ئورۇنلاشتۇرمىسى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۇنىۋېرسال تەھلىل قىلىشنى تاماملىدى، شەھەر - بازارلاشتۇرۇش، سانائەتلەشتۈرۈش، يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، مۇھىم، زور بايلىقلارنى ئېچىش ھەم ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا بولغان تەسىرىنى سىستېمىلىق باھالىدى؛ ئاتموسفېرا مۇھىتى سۈپىتىنىڭ تۆۋەن چېكى، سۇ مۇھىتى سۈپىتىنىڭ تۆۋەن چېكى، تۇپراق مۇھىتى خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تۆۋەن چېكىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئالدىن ۋە نۇقتىلىق باشقۇرۇلىدىغان - تىزگىنلىنىدىغان رايونلارنى پەرقلەندۈرۈپ، ئاتموسفېرا، سۇ مۇھىتى، تۇپراقنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەش تارماق رايونلىرىنى تەسىس قىلدى؛ ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش يۇقىرى چېكى، سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىش يۇقىرى چېكى ۋە يەر بايلىقىدىن پايدىلىنىش يۇقىرى چېكىنى بېكىتىشنى تاماملىدى. ئېكولوگىيە، سۇ، ئاتموسفېرا، تۇپراق قاتارلىق مۇھىت ئامىللىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، جەمئىي 1529 مۇھىت باشقۇرۇش - تىزگىنلەش بۆلىكىنى ئايرىپ بېكىتتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئالدىن ئاسراش بۆلىكى 740، نۇقتىلىق باشقۇرۇش - تىزگىنلەش بۆلىكى 687، ئادەتتىكى باشقۇرۇش - تىزگىنلەش بۆلىكى 102.

ئاپتونوم رايونلۇق ئېكولوگىيەلىك مۇھىت نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: ھازىر، «ئۈچ چەك، بىر تىزىملىك»نى تۈزۈش خىزمىتىدە ئىچكى جەھەتتە مۇھىت تەسىرىنى باھالاش، بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئىجازىتى، بۇلغىما مەنبەسىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش، كۆزىتىپ ئۆلچەش، قانۇن ئىجرا قىلىش، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق مۇھىت ئاساسىي سانلىق مەلۇماتلىرى بىرىكتۈرۈلۈپ، تاشقى جەھەتتە سۇچىلىق، تەبىئىي بايلىق قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلارنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇلۇپ، شەھەر - بازارلاشتۇرۇش، سانائەتلەشتۈرۈش، يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، مۇھىم، زور بايلىقلارنى ئېچىش ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا بولغان تەسىرى بىرتۇتاش تەھلىل قىلىندى، ھەم ئايرىپ بېكىتىلگەن ھەرقايسى باشقۇرۇش - تىزگىنلەش بۆلەكلىرىدە شۇنىڭغا مۇناسىپ باشقۇرۇش - تىزگىنلەش تەدبىر - تەلەپلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىت باشقۇرۇشنى ئىنچىكىلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرىدۇ.