ئاپتونوم رايونىمىزدىن تۆت نەپەر پەن - تېخنىكا خىزمەتچىسى 2- نۆۋەتلىك مەملىكەت بويىچە يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئىلغارلاردىن بولۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

日期:2020年06月01日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىشيې خۇيبيەنخەۋەر قىلىدۇ: 5 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، 2 - نۆۋەتلىك مەملىكەت بويىچە يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئىلغارلاردىن بولۇش مۇكاپاتى ئېلان قىلىندى، ئاپتونوم رايونىمىزدىن تۆت نەپەر پەن - تېخنىكا خىزمەتچىسى بۇ شەرەپكە ئېرىشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنىدىن شياۋ ۋېنجياۋ مەملىكەت بويىچە يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئىلغارلاردىن بولۇش مېدالىغا، شىنجاڭ داشۆدىن فاڭ چۇاڭلىن، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى زىرائەت سورتلىرى بايلىقى تەتقىقات ئورنىدىن شۈ لىن، تارىم داشۆدىن چى چېڭنيەن مەملىكەت بويىچە يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئىلغارلاردىن بولۇش تەقدىرنامىسىگە ئېرىشتى.

بۇ نۆۋەتلىك مەملىكەت بويىچە يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئىلغارلاردىن بولۇش مۇكاپاتى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، ئۇل تەتقىقات ۋە ئالدىنقى قاتاردىكى ئىزدىنىش، مۇھىم، زور جابدۇق ۋە قۇرۇلۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش، جەمئىيەت مۇلازىمىتى قاتارلىق جەھەتلەردە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان كوللېكتىپ ۋە شەخسلەرنى تەقدىرلەشنى مەقسەت قىلىدۇ.

ئاپتونوم رايونىمىزدىن مۇكاپاتلانغان تۆت نەپەر پەن - تېخنىكا خىزمەتچىسىنىڭ ھەممىسى ئوخشاش بولمىغان ساھەلەردە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقانلار. شياۋ ۋېنجياۋ ئۇزاقتىن بۇيان چۆكمە گېئوتېكتونىكا تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، تاغ ھاسىل بولۇش رولى ۋە قۇرۇقلۇقنىڭ كېڭىيىش مېخانىزمىنىڭ خەلقئارا ئالدىنقى سېپىنى نىشانلاپ، تاغ ھاسىل بولۇش بەلبېغىنىڭ قۇرۇلمىسى ھەم ۋاقىت چېكى، تاغ ھاسىل بولۇش ئۇسۇلى ۋە قۇرۇقلۇقنىڭ كېڭىيىش مېخانىزمى قاتارلىق ئاچقۇچلۇق ئىلمىي مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، جۇڭگونىڭ شىمالى قىسمى ھەم قوشنا رايونلاردىكى چۆل، تاغلىق رايونلاردا سىستېمىلىق تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا تاغ ھاسىل بولۇش بەلبېغىنىڭ قۇرۇلما تۈزۈلۈشى ۋە قۇرۇقلۇقنىڭ كېڭىيىش مېخانىزمى قاتارلىق ساھەلەردە سىستېمىلىق يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈردى. فاڭ چۇاڭلىن ئاساسلىقى شەھەر جۇغراپىيەسى، شەھەر توپى تەرەققىياتى ۋە شەھەر - بازارلاشتۇرۇشنىڭ بايلىق، مۇھىت ئۈنۈم ئېففېكتى توغرىسىدىكى ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولۇپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ گوۋۇيۈەنگە نەچچە ئون پارچە مۇھىم مەسلىھەت دوكلاتى ياكى مۇھىم، زور يىرىك پىلاننى تاپشۇردى، ئالاقىدار پىكىر ۋە تەكلىپلىرى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا گەۋدىلىك تۆھپە قوشتى. شۈ لىن 2017 - يىلىدىن باشلاپ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە قاتناشتى، كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش جەريانىدا، «N+1» ئەندىزىسى ھويلا - ئاران ئىگىلىكى كەسپىنى بەرپا قىلىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى؛ يېزا ئىگىلىك تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، تەڭشەپ، «ئۇرۇقلۇق بۇغداي+ئېڭىز ئورنىغا چۈجگۈن قوناق تېرىش» كەسپىنى راۋاجلاندۇردى؛ مېۋە، كۆكتات، گۈل - گىياھ مايسىسى يېتىشتۈرۈش كەسپىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى زورايتىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى بېيىش يولىغا باشلىدى. چى چېڭنيەن چارۋىچىلىق كەسپى بويىچە ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، كۆپ يىل بىڭتۇەن ليەندۈيلىرىنىڭ پەن - تېخنىكا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇرۇپ، چارۋىچىلىق، باقمىچىلىقنى باشقۇرۇش ۋە تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، يېڭى نەسىل، يېڭى تېخنىكا ۋە يېڭى قاراشنى نامرات ليەندۈيلەرگە ئېلىپ كىرىپ، نامرات ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا ياردەم بەردى.