ئالدىنقى تۆت ئايدا شىنجاڭدىكى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونلارنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى تۆت ھەسسە ئاشتى

日期:2020年05月31日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىچېن چياڭۋېينىڭ 5 - ئاينىڭ 29 - كۈنى ئۈرۈمچى تاموژنىسى ئاچقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ئالدىنقى تۆت ئايدا، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 35 مىليارد 610 مىليون يۈەن بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە، ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 21 مىليارد 230 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15.4 تۆۋەنلىگەن؛ ئىمپورت ئومۇمىي قىممىتى 14 مىليارد 380 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %37.5 ئاشقان. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونلارنىڭ رايون ئىچى ئەشيا ئوبوروت ماللىرىنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورتى تېز سۈرئەتتە ئاشقان، ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 2 مىليارد 700 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تۆت ھەسسە ئاشقان.

ئالدىنقى تۆت ئايدا، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسىدا چېگرا ئاز سوممىلىق سودا ئاساس قىلىنىپ، چېگرا ئاز سوممىلىق سودا ئىمپورت - ئېكسپورتى 17 مىليارد 410 مىليون يۈەن بولۇپ، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %48.9 ىنى ئىگىلىگەن؛ ئادەتتىكى سودا ئىمپورت - ئېكسپورتى 14 مىليارد 610 مىليون يۈەن بولۇپ، %0.6 تۆۋەنلىگەن.

شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسىدا، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن بولغان ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 25 مىليارد 420 مىليون يۈەن بولۇپ، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %71.4ىنى ئىگىلىگەن. شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسىدا ئالدىنقى ئۈچ ئورۇندا تۇرغان دۆلەت ئايرىم - ئايرىم ھالدا قازاقىستان، قىرغىزىستان، رۇسىيە بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە، قازاقىستان بىلەن بولغان ئىمپورت - ئېكسپورت سوممىسى 19 مىليارد 710 مىليون يۈەن بولۇپ، %9 ئېشىپ، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %55.3ىنى ئىگىلىگەن.

پۇقراۋى كارخانىلار يەنىلا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تاشقى سودىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان بازار سۇبيېكتى بولغان، دۆلەت كارخانىلىرىدا بولسا كۆرۈنەرلىك ئېشىش بارلىققا كەلگەن. شىنجاڭدىكى پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورتى 24 مىليارد 200 مىليون يۈەن بولۇپ، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %68ىنى ئىگىلىگەن؛ دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورتى 11 مىليارد 30 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.2 ئاشقان.

پۈتۈن شىنجاڭ مىقياسىدىن قارىغاندا، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تاشقى سودىسى مۇقىم ھالدا ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ئىچىدە باشلامچى ئورۇندا تۇرغان، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا بىردەك ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلگەن. ئۈرۈمچىنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورتى 11 مىليارد 390 مىليون يۈەن بولۇپ، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %32ىنى ئىگىلىگەن؛ بورتالا ئوبلاستىنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورتى 8 مىليارد 160 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %56.3ئاشقان؛ سانجى ئوبلاستىنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورتى 2 مىليارد 310 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %25.2 ئاشقان.

ئالدىنقى تۆت ئايدا، شىنجاڭنىڭ ئېكسپورتىدا ماشىنىسازلىق - ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى، كىيىم - كېچەك، ئاياغ كىيىم، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق تاۋارلار ئاساس قىلىنىپ، يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە بىردەك تۆۋەنلەش ۋەزىيىتى كۆرۈلگەن. ئىمپورتتا ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، ماشىنىسازلىق - ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 1 مىليارد 760 مىليون يۈەن، 1 مىليارد 160 مىليون يۈەن بولۇپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا %23.9، %48 ئاشقان.

ئۈرۈمچى تاموژنىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى سۈن چېنمىڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئالدىنقى تۆت ئايدا، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسىدا كىرىزىس ئىچىدىن پۇرسەت يارىتىلدى، گەرچە يەر شارىۋى ئىقتىسادنىڭ چېكىنىشىنىڭ تەسىرىدە تۆۋەنلەش ۋەزىيىتى كۆرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئىمپورت زور دەرىجىدە ئاشتى، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونلارنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى زور نىسبەتتە ئاشتى، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ۋەكىللىكىدىكى تاشقى سودا يېڭى كەسىپ ھالىتىدە مىسلىسىز ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى، بۇ يارقىن نۇقتىلار يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى نامايان قىلىپ، شىنجاڭنىڭ غەربكە يۈزلەنگەن قاتناش تۈگۈنىلىك ۋە سودا ئەشيا ئوبوروتى مەركىزىلىك رولى تېخىمۇ گەۋدىلەندى.