شىنجاڭ رادىيو-تېلېۋزىيەسى سىملىق تېلېۋىزىيەسىنىڭ ھەقسىز بولۇش سىياسىتى 4-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئۇزارتىلدى

日期:2020年04月15日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر يۇەن لېي خەۋىرى): شىنجاڭ رادىيو-تېلېۋىزىيە تورى پاي چەكلىك شىركىتى پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئابۇنىچىلارنىڭ سىملىق تېلېۋىزىيە، كەڭ بەلباغلىق تور ھەققىنى پۈتۈنلەي كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى 4-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە ئۇزارتتى.

ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ رادىيو-تېلېۋىزىيە تورى پاي چەكلىك شىركىتى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تەدبىرى «سىملىق تېلېۋىزىيەنى ھەقسىز كۆرۈش» پائالىيىتىنى يولغا قويغاندىن بۇيان، ئېتىبار بېرىش پائالىيىتىنىڭ ۋاقتى كۆپ قېتىم ئۇزارتىلغان بولۇپ، 6892 قىسىم كىنو، 3567 قىسىم تېلېۋىزىيە تىياتىرى، 120 مىڭ سائەتلىك تاللاپ كۆرىدىغان مەزمۇن، 240 بىۋاسىتە كۆرسىتىش قانىلى، 150 قايتۇرۇپ كۆرۈش قانىلى قاتارلىق بارلىق مەزمۇنلار ھەقسىز كۆرسىتىلگەن. 4-ئاي كىرىشى بىلەن، شىنجاڭ رادىيو-تېلېۋىزىيە تورى تېلېۋىزىيەسى، كەڭ بەلباغلىق تور ھەققىنى پۈتۈنلەي كەچۈرۈم قىلغان.