مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي جايىدا تۈزىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى قەرەلىدە يۇقىرى سۈپەتلىك ئورۇنداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

日期:2020年03月26日
来源:新疆日报
【字体:

چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي جايىدا تۈزىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى قەرەلىدە يۇقىرى سۈپەتلىك ئورۇنداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن قاتناشتى


3 - ئاينىڭ 24 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايون نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى، بولۇپمۇ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى مەخسۇس كۆزىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەز 6 - كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى مەخسۇس كۆزىتىش بويىچە «قايتا قاراپ چىقىش» ۋە نەتىجە - ئۈنۈمنى باھالاش ھەم مەسىلىلەرنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش قايتما ئىنكاس پىكرى بويىچە تۈزىتىش خىزمىتىنى مەخسۇس تەتقىق قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، لى ۋېي، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، ۋاڭ جۈنجېڭ، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۇنلىن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىندا گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش ئىشخانىسىنىڭ «2019 - يىللىق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى نەتىجە - ئۈنۈمىنى باھالاشقا ئالاقىدار ئەھۋاللارغا قايتما ئىنكاس قايتۇرۇش توغرىسىدىكى ئالاقىسى» يەتكۈزۈلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ «مەركەز 6 - كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى مەخسۇس كۆزىتىش بويىچە <قايتا قاراپ چىقىش> ۋە نەتىجە - ئۈنۈمنى باھالاش ھەم مەسىلىلەرنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش قايتما ئىنكاس پىكرى بويىچە تۈزىتىش لايىھەسى»گە قاراپ چىقىلدى.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە مەخسۇس كۆزىتىشنى قانات يايدۇرۇش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرما. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە مەخسۇس كۆزىتىشنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەز 6 - كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى مەخسۇس كۆزىتىش بويىچە «قايتا قاراپ چىقىشى» ۋە گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش ئىشخانىسىنىڭ 2019 - يىللىق شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجە - ئۈنۈمىنى باھالاش توغرىسىدىكى قايتما ئىنكاس پىكرىدىكى تەلەپ بويىچە، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىشەنچ، ئىرادىنى چىڭىتىپ، ئىرادە، چىدامچانلىقنى ساقلاپ، بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى ئومۇميۈزلۈك، ۋاقتىدا، جايىدا تۈزىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى قەرەلىدە يۇقىرى سۈپەتلىك ئورۇنداپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

بىرىنچىدىن، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈش كېرەك. كۆزىتىش بويىچە «قايتا قاراپ چىقىش»تا قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى ياخشى تۇتۇشنى «ئىككىنى قوغداش»نى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى قىلىش، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ كونكرېت ئىپادىسى قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورۇنداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتىكى مۇھىم، زور تەدبىر قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي تۈردە مەركەز 6 - كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرى بويىچە، مەسىلىنى تۈزىتىشنى قەتئىي ياخشى تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك.

ئىككىنچىدىن، تۈزىتىش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىش كېرەك. قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى قەتئىي ياخشى تۇتۇشنى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، بەش دەرىجىلىك شۇجىلار بىللە تۇتۇش، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ بىرىنچى قول رەھبەرلىرى باش مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە مەسئۇلىيەتنى قەلبكە پۈكۈپ، قولدا تۇتۇپ، زىممىگە ئېلىپ، تۈرمۇتۈر نىشانغا توغرىلاپ تۈزىتىپ، ئاخىرغىچە تۇتۇپ، نەتىجە - ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، كۆزىتىش بويىچە «قايتا قاراپ چىقىش» نەتىجىلىرىدىن قەتئىي ياخشى پايدىلىنىپ، كۆزىتىشتىكى «كېيىنكى باسقۇچتىكى ئىشلار»نى ياخشى قىلىش كېرەك.

ئۈچىنچىدىن، مەسىلىنى تۈزىتىشتە ئۆلچەمگە توغرىلىنىش كېرەك. مەسىلە يېتەكچىلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۈرمۇتۈر ئۆلچەمگە توغرىلىنىپ، قانۇن - نىزامغا توغرىلىنىپ، ھېساباتقا توغرىلىنىپ، بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلارنىمۇ بىلىپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەتقىق قىلىش، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تۈزىتىش؛ تۈزىتىش تىزىملىك دەپتىرى تۇرغۇزۇپ، تۈزىتىش لايىھەسىگە سېلىشتۇرۇپ، تۈرمۇتۈر تۈزىتىش تىزىملىكى چىقىرىپ، بىرنى تۈزەتسە بىرنى تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈش، ھەممە ئىشنى ھەل قىلىش، ھەممە ئىشقا ئىنكاس قايتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ تۈزىتىش بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈپ، يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچىلىق قىلىش، يۇقىرى - تۆۋەن بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆزئارا ھەمتۈرتكە بولىدىغان تۈزىتىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، تۈزىتىش ئارقىلىق كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، نەتىجە - ئۈنۈم ھاسىل قىلىش كېرەك.

تۆتىنچىدىن، ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. ئاپتونوم رايون ئومۇمىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش، ۋىلايەت، ناھىيەلەر ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايون ناھىيەلەرگىچە جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ۋىلايەت، ناھىيەلەر كەنتلەرگىچە جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، كادىرلار ئائىلىلەرگىچە ھۆددىگە ئېلىپ، بىر كەنتكە بىر لايىھە، بىر ئائىلىگە بىر تەدبىر قوللىنىپ، جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىش، ھۆددىگە ئېلىش - ئالاقىلىشىش، ياردەم بېرىش - يۆلەشتىن ئىبارەت «ئۈچنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ياردەم بېرىش - يۆلەش بايلىقىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا نامرات كەنت ۋە نامرات ئائىلىلەرگە يۆتكىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈرلۈك سىياسەت، تەدبىرلەرنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ئوبيېكتلىرىغا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئەڭ ئاخىرقى قاتتىق قىيىنچىلىقنى قەتئىي ھەل قىلىش كېرەك.

بەشىنچىدىن، نۇقتىلىق تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى چىڭ كۆزلەپ، دىققەتنى ئېغىر نامرات رايونلار ۋە ئالاھىدە نامرات كىشىلەر توپىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، «ئالتە دەل جايىدا بولۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئائىلىلەرگىچە، ئادەمگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «يەتتە بىر تۈركۈم» «ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش»نى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق يۆلەشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى تەلتۆكۈس ھەل قىلىپ، نامرات ئائىلىلەر پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇشسىز قېلىشى، ئوقۇشتىن چېكىنىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، كېسەل سەۋەبىدىن قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، كىرىمنى ئاشۇرۇش ھالقىسىنى چىڭ تۇتۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى كۈچەپ تولۇقلاپ، نامرات نوپۇسنىڭ قەرەلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئالتىنچىدىن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. بىر قولدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى تۇتۇش، بىر قولدا قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۆزىتىش، سىگنال بېرىش ۋە ھەرىكەت ھالىتىدە ياردەم بېرىش - يۆلەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىگنال بېرىش، كۆزىتىشنى كۈچەيتىپ، ھەرىكەت ھالىتىدە ياردەم بېرىش - يۆلەشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش فوندىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، لايىھە، دەسلەپكى لايىھەنى تۈزۈپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىسىنىڭ تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يەتتىنچىدىن، نازارەت قىلىش، ئىنتىزام ئىجرا قىلىشنى چىڭىتىش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىلىرىنى مەخسۇس تۈزەشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق مەسىلىلىرىنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، نازارەت قىلىش، ئىنتىزام ئىجرا قىلىش، جاۋابكارلىققا تارتىشنى دەل جايىدا قىلىپ، كادىرلارنى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىش كېرەك.

سەككىزىنچىدىن، دائىملىق مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. سىياسەتنىڭ ئومۇمىي مۇقىملىقىنى ساقلاپ، قالپاقنى ئېلىپ تاشلىسىمۇ مەسئۇلىيەتنى تاشلىماسلىق، قالپاقنى ئېلىپ تاشلىسىمۇ سىياسەتنى تاشلىماسلىق، قالپاقنى ئېلىپ تاشلىسىمۇ ياردەم بېرىش - يۆلەشنى تاشلىماسلىق، قالپاقنى ئېلىپ تاشلىسىمۇ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى تاشلىماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەش كۈچى، ياردەم بېرىش - يۆلەش مۇناسىۋىتىنى ئۆزگەرتمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى ھەقىقىي مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش كېرەك.

يىغىن تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ھەرقايسى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)، ناھىيە(شەھەر، رايون) ۋە بىڭتۇەننىڭ شى(شەھەر)، تۇەن(چاڭ)لىرىغىچە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەن رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايون(مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.