ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 82 - قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى

日期:2020年03月26日
来源:新疆日报
【字体:

3 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 82 - قېتىملىق دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سىرتقا سېتىش سۇپىسى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز - ئېرىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قاتارلىق خىزمەتلەر تەتقىق قىلىندى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھوسۇلى سىجىل ئېشىپ، مەھسۇلاتلارنىڭ بازارنى قاپلاش دائىرىسى، رايون ئىچى - سىرتىدىكى ئېتىراپ قىلىنىش دەرىجىسى، سېتىلىش مىقدارى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، شىنجاڭنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازار رىقابەت كۈچى ئۈزلۈكسىز ئاشتى. يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش تىجارىتىنى ئالغا سىلجىتىش، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاشنى راۋاجلاندۇرۇش خىزمىتىنى ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى شىنجاڭ ئىچىدە سېتىۋېلىش ۋە شىنجاڭ سىرتىدا سېتىشتىن ئىبارەت «ئىككى تور»نى تېز بەرپا قىلىپ، سىرتقا سېتىش سۇپىسىنى ھەقىقىي مۇستەھكەملەپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىنى ئېچىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كەسىپلەر زەنجىرىنى ئۈزلۈكسىز ئۇزارتىپ، قىممەت زەنجىرىنى ئۆستۈرۈپ، مەنپەئەت زەنجىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئېغىر نامرات رايونلاردا ئالاقىدار ئورۇنلار ۋە تارماقلار نىشان - ۋەزىپىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، دىققەتنى ئېغىر نامراتلىققا مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئەۋزەللىكىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سىرتقا سېتىش سۇپىسى قۇرۇلۇشىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ياخشى تەشكىللەپ، شىنجاڭنىڭ ئىچكى رايونلاردىكى بازارلار بىلەن بولغان ئۇزاق ئۈنۈملۈك ھەمكارلىق مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەشنىڭ دەل جايىدا بولۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى «سېتىلىدىغان» «ياخشى سېتىلىدىغان» ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلىپ، نامرات ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى كۆپەيتىشىگە ئۈنۈملۈك ياردەم بېرىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە يۇقىرى سۈپەتلىك غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى ئالاقىدار ئورۇنلار ۋە تارماقلار يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز - ئېرىق قۇرۇلۇشىنىڭ تېگى - تەكتىنى ئېنىقلاپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، پىلانلاش - ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قۇرۇلۇش ئۆلچىمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تەشكىللەپ يولغا قويۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش - باھالاشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، خەرىتىگە ئېلىپ ئامبارغا كىرگۈزۈشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مەركەزلىك، بىرلىككە كەلگەن، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان باشقۇرۇش يېڭى تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىشى كېرەك. مالىيە سېلىنما كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، كۆپ مەنبەلەشكەن سېلىنما مېخانىزمى ئورنىتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ يېزا ئىگىلىكىدە يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش قۇرۇلۇشىنى زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر تەرەققىياتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈشكە پائال تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىنى تېجەش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، ھوسۇلنى ئاشۇرۇش، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا قارالمىلار تەتقىق قىلىندى.