شىنجاڭدىكى ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق ئالىي مەكتەپلەردە 2020 - يىللىق ئەتىياز پەسىللىك ئوقۇش مەۋسۇمىدە 4 - ئاينىڭ 8 - كۈنىدىن باشلاپ تۈركۈمگە ئايرىپ مۇۋاپىق ۋاقىت ئارىلىقى قالدۇرۇلۇپ ئارقا - ئارقىدىن ئوقۇش باشلىنىدۇ

日期:2020年03月26日
来源:新疆日报
【字体:

3 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق ئالىي مەكتەپلەردە 2020 - يىللىق ئەتىياز پەسىللىك ئوقۇش مەۋسۇمىدە 4 - ئاينىڭ 8 - كۈنىدىن باشلاپ تۈركۈمگە ئايرىپ مۇۋاپىق ۋاقىت ئارىلىقى قالدۇرۇلۇپ ئارقا - ئارقىدىن ئوقۇش باشلىنىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇردى. ھەرقايسى مەكتەپلەر كونكرېت ئوقۇش باشلاش ۋاقتىنى شۇ مەكتەپنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئوقۇتۇش ئىشلىرى، ئوقۇتۇش تەييارلىق ئەھۋالىغا ئاساسەن بېكىتىدۇ ھەمدە ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارغا ئالدىن ئۇقتۇرىدۇ.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى مەكتەپلەر تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىر مەكتەپتە بىر لايىھە بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەكتەپلەردە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئوقۇش باشلاش، دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلىشى كېرەك. ئىچكىرى رايونلاردىكى ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا ئەھۋالغا قاراپ ئوقۇش باشلاش، تىزىمغا ئالدۇرۇش ۋاقتىنى كېچىكتۈرسە بولىدۇ.