ئوقۇش باشلاش، دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى قاتتىق، ئىنچىكە، پۇختا ياخشى ئىشلەپ، ئوقۇتۇش تەرتىپىنىڭ نورماللىقىغا، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەن ساغلاملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

日期:2020年03月24日
来源:新疆日报
【字体:

چېن چۈەنگو ئۈرۈمچى شەھىرىدە مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش باشلاش، دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە مەكتەپلەرنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، تەكشۈرگەندە مۇنداق تەكىتلىدى

ئوقۇش باشلاش، دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى قاتتىق، ئىنچىكە، پۇختا ياخشى ئىشلەپ، ئوقۇتۇش تەرتىپىنىڭ نورماللىقىغا، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەن ساغلاملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك


3 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو ئۈرۈمچى شەھىرىگە كېلىپ، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش باشلاش، دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەم مەكتەپلەرنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، تەكشۈردى. سۈرەتتە: چېن چۈەنگو ئۈرۈمچى 1 - ئاۋغۇست ئوتتۇرا مەكتىپىدە دەرستىن سىرتقى پائالىيەت قىلىۋاتقان ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىشتىكى سالامەتلىك تەكشۈرۈش - ئۆلچەش، شەخسىي مۇداپىئەلىنىش، مۇھىتنى دېزىنفېكسىيەلەش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىمەكتە.

(پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز سۈي جىجيەن فوتوسى)


3 - ئاينىڭ 23 - كۈنى پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەر ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەر ئوقۇش باشلىغان، دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن تۇنجى كۈن بولۇپ، 5000دىن ئارتۇق مەكتەپتىكى 4 مىليوندىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى مەكتەپكە قايتتى. چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو ئۈرۈمچى شەھىرىگە كېلىپ، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش باشلاش، دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە مەكتەپلەرنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، تەكشۈردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەكتەپلەرنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە مائارىپ ئوقۇتۇشى خىزمىتىنى قاتتىق، ئىنچىكە، پۇختا ياخشى ئىشلەپ، مائارىپ ئوقۇتۇشىنىڭ نورماللىقىغا، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەن ساغلاملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

چېن چۈەنگو ئۈرۈمچى 1 - ئاۋغۇست ئوتتۇرا مەكتىپىگە كېلىپ، تولۇق ئوتتۇرا، تولۇقسىز ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ھەرقايسى يىللىقلىرىنىڭ مائارىپ ئوقۇتۇشى ئەھۋالىنى نەق مەيداندا زىيارەت قىلدى، كۆزدىن كەچۈردى. بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، چېن چۈەنگو ئوقۇتۇش بىناسىغا كىرىپ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىشتىكى سالامەتلىك تەكشۈرۈش - ئۆلچەش، شەخسىي مۇداپىئەلىنىش، مۇھىتنى دېزىنفېكسىيەلەش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، مەكتەپ رەھبەرلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى. چېن چۈەنگو ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ تولۇق ئوتتۇرا 2 - يىللىق 1 - سىنىپ، 2 - سىنىپ، باشلانغۇچ مەكتەپ 3 - يىللىق 1 - سىنىپ ۋە دەرستىن سىرتقى پائالىيەت قىلىۋاتقان تولۇقسىز ئوتتۇرا 2 - يىللىق 7 - سىنىپقا كىرىپ، ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى. ساۋاقداشلارنى ماسكا بىلەن تەمىنلەشنىڭ يېتەرلىك بولۇۋاتقانلىقى، مەكتەپكە بېرىش، مەكتەپتىن قايتىش جەريانىدا ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىۋاتقانلىقىنى، ياتاق، دەرسخانا، ئاشخانىنىڭ قەرەللىك دېزىنفېكسىيەلەنگەنلىكى، ھاۋالاندۇرۇلغانلىقىنى بىلىپ، چېن چۈەنگو مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: تېخىمۇ قاتتىق، تېخىمۇ ئىنچىكە، تېخىمۇ پۇختا ھالدا تۈرلۈك مۇداپىئە تەدبىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەكتەپكە بېرىش، مەكتەپتىن قايتىش، مۇۋاپىق ۋاقىت ئارىلىقى قالدۇرۇپ غىزالىنىش، دەرس ئارىلىقىدىكى سۇ ئىچىش، ياتاق باشقۇرۇش قاتارلىق ھەربىر ھالقا، ھەربىر ئىنچىكە خىزمەتنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئىشلەپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاتىرجەم ئۆگىنىشى ئۈچۈن ساغلام، بىخەتەر مۇھىت يارىتىپ بېرىش كېرەك.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك 42 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇھىتى پاكىز ۋە رەتلىك بولۇپ، كىتاب ئوقۇغان ئاۋاز ياڭراپ تۇراتتى، ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش باشلانغاندىن كېيىنكى تۇنجى دەرستە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلىملىرىنى ئۆگىنىۋاتاتتى. چېن چۈەنگو باشلانغۇچ مەكتەپ 1 - يىللىق 3 - سىنىپقا كىرىپ، بالىلارنىڭ ئۆگىنىش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى سەمىمىي سورىدى ھەم كۆپچىلىككە ماسكا تاقاشنى، قولىنى يۇيۇپ تۇرۇشنى، توپلىشىۋالماسلىقنى تاپىلىدى. ئۇ ئوقۇتقۇچىلارغا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يېشى كىچىك، ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىش ئىقتىدارى بىر قەدەر ئاجىز، ئوقۇتۇش ۋاقتىنى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئۆزى مۇداپىئەلىنىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، بالىلارنىڭ تەن ساغلاملىقىنى ھەقىقىي ياخشى قوغداپ، ئاتا - ئانىلارنى خاتىرجەم قىلىش، جەمئىيەتنى خاتىرجەم قىلىش كېرەك، دەپ تاپىلىدى.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەكتەپلەرنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلىشى ۋە ئوقۇش باشلاش، دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى ھەربىر بالىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش بولۇپ، ھەربىر ئاتا - ئانىنى ئەنسىرىتىدۇ. ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەكتەپلەرنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەن ساغلاملىقىنى قوغداش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي زىممىسىگە ئېلىپ، تېخىمۇ ئېھتىياتچان پوزىتسىيە، تېخىمۇ پۇختا تەدبىر، تېخىمۇ قاتتىق باشقۇرۇش ئارقىلىق، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە مائارىپ ئوقۇتۇشىدىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوقۇش باشلاش، دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ بىخەتەر، تەرتىپلىك، نۇقسانسىز بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرى ئىنچىكە بولۇش كېرەك. بىر مەكتەپكە بىر تەدبىر قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەكتەپ، سىنىپنى بىرلىك قىلىپ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش، ماسكا تاقاش، ھاۋالاندۇرۇش - دېزىنفېكسىيەلەش، نۇقتىلىق ئورۇنلارنى قاتتىق دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەكتەپ مۇھىتىنىڭ پاكىزلىقىنى، تازىلىقىنى ساقلاش كېرەك؛ ماسكا، تېمپېراتۇرا ئۆلچىگۈچ، دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى قاتارلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇداپىئە ئېھتىياجىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەكتەپ باشقۇرۇش قاتتىق بولۇش كېرەك. مەكتەپكە كىرىش - چىقىشنى باشقۇرۇشنى قاتتىق كۈچەيتىپ، ئائىلە بىلەن مەكتەپ بىرلىشىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇداپىئە خىزمىتىنى بىرلىكتە ياخشى ئىشلەش؛ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنى مۇۋاپىق ۋاقىت ئارىلىقى قالدۇرۇپ غىزالىنىشقا ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇپ، ياتاقنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، دەرسخانا سىرتىدىكى پائالىيەتلەرنى مۇۋاپىق ۋاقىت ئارىلىقى قالدۇرۇپ قانات يايدۇرۇپ، توپلىشىۋېلىش، يىغىلىۋېلىشتىن ساقلىنىش؛ نۆۋەتچىلىك، دىجورنىلىكنى دائىملاشتۇرۇپ، مەكتەپ ئەتراپى مۇھىتىنى تۈزەشنى كۈچەيتىپ، بىخەتەر، ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك. مائارىپ ئوقۇتۇشى ئىلمىي بولۇش كېرەك. يىللىق، سىنىپ، ئوقۇغۇچىلارغا قاراپ ئوقۇتۇش پىلانىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئوقۇتۇش تەتقىقاتى خىزمىتىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئوقۇتۇشنى كۆڭۈل قويۇپ قانات يايدۇرۇپ، رىتىمنى ئىگىلەپ، شەكلىنى بېيىتىپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇپ، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى تەۋەلىك رايون مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي زىممىسىگە ئېلىپ، بىرىنچى قول رەھبەر ئۆزى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ، نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك؛ مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ئوقۇش باشلاش، دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە مەكتەپلەرنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلىشىنى ھازىرقى بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش سۈپىتىدە تۇتۇپ، يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ باشقۇرۇشى كېرەك؛ ھەر دەرىجىلىك مەكتەپلەر ئىنچىكىلەشتۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە تۈرلۈك تەدبىرلەرنى مەكتەپكىچە دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، ئادەمگىچە دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك؛ ئالاقىدار تارماقلار زىچ ھەمكارلىشىپ، ماسلىشىپ بىرلىكتە ھەرىكەتكە كېلىپ، ئوقۇش باشلاش، دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە مەكتەپلەرنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شۈ خەيرۇڭ قاتارلىقلار بىللە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.