لى پېڭشىن ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى قىسمەن ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەردە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە ئۇيغۇن كېلىدىغان مائارىپ ئوقۇتۇشى تەرتىپى ۋە ئادەم تەربىيەلەش مۇھىتى بەرپا قىلىش كېرەك

日期:2020年03月24日
来源:新疆日报
【字体:

3 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپ، 35 - باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇش باشلاش، دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى بىر تۈرلۈك سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ پۇختا تۇتۇپ، ياخشى تۇتۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە ئۇيغۇن كېلىدىغان مائارىپ ئوقۇتۇشى تەرتىپى ۋە مۇھىتى شەكىللەندۈرۈپ، مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش تەرتىپىنىڭ نورمال بولۇشىغا، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەن ساغلاملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، بىخەتەر، تەرتىپلىك، ئىناق، مۇقىم بولغان ئادەم تەربىيەلەش مۇھىتى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

لى پېڭشىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەتكەندىن كېيىن، دەرسخانا، ياتاق، ئاشخانا قاتارلىقلارغا كىرىپ، مەكتەپنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئەھۋالى ۋە مائارىپ ئوقۇتۇشىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى. ئۇ ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغاندا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېقىنقى مەزگىلدە پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتى سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلدى، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەر ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەردە دەرسنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ نەتىجىسى، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرى - تۆۋەننىڭ ئورتاق تىرىشقانلىقىنىڭ نەتىجىسى. ئۇ كۆپچىلىكنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، ئائىلە دۆلەت مۇھەببىتى ۋە ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ۋاقىتنى قەدىرلەپ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ئۆسۈپ يېتىلىپ، ئىختىساسلىقلارغا ئايلىنىپ، سوتسىيالىزمنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتتە ئەتراپلىق يېتىلگەن قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىدىن بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تۆۋەن چەك تەپەككۇرى ۋە خەۋپ - خەتەر ئېڭىنى كۈچەيتىپ، قىلچە بوشاشماي، ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ مەكتەپلەرنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تۈزۈمىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەكتەپلەرنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە قانات يايدۇرۇپ، دەسلەپكى لايىھە تۈزۈمىنىڭ جايىدا بولۇشىنى، ساغلاملىق باشقۇرۇشىنىڭ جايىدا بولۇشىنى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش كاپالىتىنىڭ جايىدا بولۇشىنى، مۇھىتنى تۈزەشنىڭ جايىدا بولۇشىنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە مەكتەپلەردە يۇقۇمنى ھەرىكەت ھالىتىدە كۆزىتىش - ئۆلچەش، نۇقتىلىق رايون بۆلىكى بويىچە دېزىنفېكسىيە قىلىپ مىكروب ئۆلتۈرۈش، ھاۋا ئالماشتۇرۇش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ماددىي ئەشيالارنى تەڭشەپ تەقسىم قىلىش، ئىشلىتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. مەكتەپ باشقۇرۇشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، تۈرلۈك بىخەتەرلىك خەۋپ - خەتىرى، يوشۇرۇن ئاپەتنى ئومۇميۈزلۈك تۈگىتىپ، مەكتەپ ئەتراپى مۇھىتىنى تۈزەشنى كۈچەيتىش كېرەك.

لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مائارىپ ئوقۇتۇشىنى ئىلمىي تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى تىرىشىپ ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش كېرەك. توردا ئوقۇتۇش بىلەن دەرسخانىدا ئوقۇتۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ جىپسىلاشتۇرۇپ، ئوقۇتۇش پىلانىنى تەڭشەپ ئەلالاشتۇرۇپ، ئوقۇتۇش سۈرئىتىنى مۇۋاپىق ئىگىلەپ، ئوقۇتۇش ۋاقتىنى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئوقۇتۇش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئوقۇتقۇچىلار بايلىقىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ تەقسىملەپ، ئوقۇتۇش كۈچىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، مائارىپ ئوقۇتۇشىنىڭ تەرتىپلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ زۆرۈر بولغان مۇداپىئەلىنىشىنى ياخشى قىلىپ، توپلىشىپ تاماق يېيىش ۋە يىغىلىش خاراكتېرلىك پائالىيەتلەردىن ساقلىنىش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلىملىرى تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئىلمىي مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى ياخشى تازىلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلەش كېرەك.

لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي تەۋەلىك مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ئاساسلىق باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەت تەدبىرلىرىنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ھەرقايسى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار زىچ ماسلىشىپ، ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ماسلىشىپ بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك تۈرلۈك مەكتەپلەر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئوقۇش باشلاش، دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى كونكرېت ياخشى ئىشلەپ، مەكتەپنىڭ بىخەتەر، ئوقۇتۇشنىڭ تەرتىپلىك، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ دەل جايىدا بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش بازىسىنى قەتئىي ياخشى قوغدىشى كېرەك.

ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى رېن خۇا بىللە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.