ئاپتونوم رايونلۇق ئالاقە تورى ئۇچۇرى ئىشخانىسى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار

توردا قانۇن - بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىشقا دائىر تىپىك دېلو مىسالىدىن 13نى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى

日期:2020年03月24日
来源:新疆日报
【字体:

يېقىندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئالاقە تورى ئۇچۇرى ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى پاش قىلىش يىپ ئۇچىغا ئاساسەن، 25 - تۈركۈمدە توردا قانۇن - بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىشقا دائىر تىپىك دېلودىن جەمئىي 13نى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى ھەم ئاشكارىلىدى. تەكشۈرۈلۈشىچە، مۇناسىۋەتلىك تور بېكىتى، سۇپا، ھېسابات نومۇرى ھەم خادىملار ئالاقە تورى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەمدە ساختا ئۇچۇر قاتارلىق مەزمۇنلاردىكى يازما، سۈرەت، ئۈن - سىنلارنى تەرغىب قىلىپ، ساقلاپ، تارقىتىپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى» «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى» «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش بويىچە جازالاش قانۇنى» «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تور بىخەتەرلىكى قانۇنى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ توردا ساختا ئۇچۇر تارقىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى جازالاش نىزامى» قاتارلىق قانۇن - نىزاملارغا خىلاپلىق قىلغان، ئالاقە تورى ئۇچۇرى تارماقلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى مۇناسىۋەتلىك تور بېكىتى، سۇپا، ھېسابات نومۇرى ۋە خادىملارنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى.

1 - دېلو مىسالى:گۇيجوۋ ئۆلكىسىدىكى تور ئەھلى چېن X قاتارلىق ئالتە كىشىنىڭ تور ئالدامچىلىقى دېلوسى

2019 - يىلى 6 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، تور ئەھلى چېن X (ئەر، خەنزۇ، 24 ياش، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي: گۇيجوۋ ئۆلكىسىنىڭ دافاڭ ناھىيەسى)نىڭ لى X (ئەر، خەنزۇ، 23 ياش، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي: گۇيجوۋ ئۆلكىسىنىڭ دافاڭ ناھىيەسى)، شۈ X (ئەر، خەنزۇ، 21 ياش، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي: گۇيجوۋ ئۆلكىسىنىڭ گۇيياڭ شەھىرى)، چېن X (ئەر، خەنزۇ، 30 ياش، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي: گۇيجوۋ ئۆلكىسىنىڭ بىجيې شەھىرى)، چېن X (ئايال، خەنزۇ، 28 ياش، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي: گۇيجوۋ ئۆلكىسىنىڭ دافاڭ ناھىيەسى)، جېڭ X (ئەر، خەنزۇ، 27 ياش، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي: گۇيجوۋ ئۆلكىسىنىڭ دافاڭ ناھىيەسى) قاتارلىق بەش كىشى بىلەن شېرىكلىشىپ، شىنلاڭ كۆڭۈل ئېچىش APP يۇمشاق دېتالىغا پۇل قاچىلىغاندا يۇقىرى سوممىلىق بىر كېچىلىك ئۆسۈمگە ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى باھانە قىلىپ، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى تور ئەھلى ليۇ Xنى ئالدىغانلىقىنى پاش قىلغان، دېلوغا چېتىشلىق سومما جەمئىي 1 مىليون يۈەندىن ئاشىدۇ. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم ئالاقىدار قانۇن - نىزاملارغا ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە چېن X ھەم بەش شېرىكىنى جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويدى.

2 - دېلو مىسالى:فۇجيەن ئۆلكىسىدىكى تور ئەھلى ۋېي Xنىڭ تور ئالدامچىلىقى دېلوسى

2019 - يىلى 8 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، تور ئەھلى ۋېي X (ئەر، خەنزۇ، 32 ياش، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي: فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ نەنپىڭ شەھىرى جيەنياڭ رايونى)نىڭ پەيتلىك خەۋەرلىشىش قورالىدىن پايدىلىنىپ، يالغان ئېيتىپ، جۇڭگو ئالتۇن تاشقى پېرېۋوت سۇپىسى ئىچكى سانلىق مەلۇماتىدىن پايدىلانغىلى بولىدۇ، دېگەننى باھانە قىلىپ، تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى تور ئەھلى ۋاڭ Xنى ئالدىغانلىقىنى پاش قىلغان، دېلوغا چېتىشلىق سومما جەمئىي 250 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم ئالاقىدار قانۇن - نىزاملارغا ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە ۋېي Xنى جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويدى.

3 - دېلو مىسالى:ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى تور ئەھلى ئە Xنىڭ تور ئالدامچىلىقى دېلوسى

2019 - يىلى 8 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، تور ئەھلى ئە X (ئەر، ئۇيغۇر، 20 ياش، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي: ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شايار ناھىيەسى)نىڭ 2019 - يىلى 6 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن 7 - ئاينىڭ ئوتتۇرىغىچە، ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكى ئارقىلىق موتوسىكلىت سېتىش ساختا ئېلانىنى كۆپ مىقداردا تارقىتىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ تۆت تور ئەھلىنى ئالدىغانلىقىنى پاش قىلغان، دېلوغا چېتىشلىق سومما جەمئىي 7000 يۈەندىن ئاشىدۇ. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم ئالاقىدار قانۇن - نىزاملارغا ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە ئە Xنى جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويدى.

4 - دېلو مىسالى:بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى تور ئەھلى خې Xنىڭ باشقىلارنىڭ شەخسىيىتىگە دەخلى - تەرۇز قىلىش دېلوسى

2019 - يىلى 9 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، تور ئەھلى خې X (ئەر، خەنزۇ، 34 ياش، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي: بورتالا ئوبلاستىنىڭ بورتالا شەھىرى)نىڭ ئۆز مەيلىچە باشقىلارنىڭ تۇرالغۇسىغا يىڭنە تۆشۈكلۈك كامېرا ئورنىتىپ ھەم ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ، يان تېلېفونى بىلەن يىراق مۇساپىدە ئۇلاپ، باشقىلارنىڭ شەخسىيىتىنى ئوغرىلىقچە كۆرگەنلىكى، ئوغرىلىقچە ئاڭلىغانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم ئالاقىدار قانۇن - نىزاملارغا ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە خې Xنى مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويدى ھەم 500 يۈەن جەرىمانە قويدى.

5 - دېلو مىسالى:قەشقەر ۋىلايىتىدىكى تور ئەھلى جاڭ Xنىڭ بىدئەت تەشۋىقات بۇيۇملىرىنى ساقلاش، تارقىتىش دېلوسى

2019 - يىلى 10 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، تور ئەھلى جاڭ X (ئايال، خەنزۇ، 59 ياش، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي: قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ پوسكام ناھىيەسى)نىڭ كۆپ قېتىم چېگرا سىرتىدىكى تور بېكەتلەرگە چىقىپ، بىدئەت فالۇن گۇمپىسى ئېلېكتىرونلۇق كىتابلىرىنى چۈشۈرگەنلىكى، تارقاتقانلىقى ھەم فالۇن گۇمپىسىنى «مەشىق» قىلغانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم ئالاقىدار قانۇن - نىزاملارغا ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە جاڭ Xنى جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويدى.

6 - دېلو مىسالى:بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى تور ئەھلى ۋاڭ Xنىڭ ئەسەبىيلىكنى تەرغىب قىلىدىغان بۇيۇملارنى قانۇنسىز ساقلاش دېلوسى

2019 - يىلى 10 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، تور ئەھلى ۋاڭ X (ئەر، خەنزۇ، 26 ياش، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي: بورتالا ئوبلاستىنىڭ بورتالا شەھىرى)نىڭ بەيدۇ تور دىسكىسىدىن پايدىلىنىپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلىدىغان ئۈن - سىن يوللىغانلىقى، ساقلىغانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم ئالاقىدار قانۇن - نىزاملارغا ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە ۋاڭ Xنى مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويدى.

7 - دېلو مىسالى:بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى تور ئەھلى لى Xنىڭ ساختا ئۇچۇر تارقىتىش دېلوسى

2019 - يىلى 10 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، تور ئەھلى لى X (ئەر، خەنزۇ، 26 ياش، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي: بورتالا ئوبلاستىنىڭ بورتالا شەھىرى)نىڭ ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ، يامان نىيەتتە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش سىياسىتىگە ھۇجۇم قىلىدىغان، ھاقارەتلەيدىغان ساختا، زىيانلىق ئۇچۇرلارنى تارقاتقانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم ئالاقىدار قانۇن - نىزاملارغا ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە لى Xنى مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويدى.

8 - دېلو مىسالى:قومۇل شەھىرىدىكى تور ئەھلى جاۋ Xنىڭ ساختا ئۇچۇر تارقىتىش دېلوسى

2019 - يىلى 10 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، تور ئەھلى جاۋ X (ئەر، خەنزۇ، 30 ياش، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي: قومۇل شەھىرىنىڭ ئېۋىرغول رايونى)نىڭ كۆپ قېتىم چېگرا سىرتىدىكى تور بېكەتلىرىگە چىقىپ دۆلەتنىڭ شان - شەرىپىگە زىيان يەتكۈزىدىغان، باشقىلارنىڭ نام - شۆھرىتىگە دەخلى - تەرۇز قىلىدىغان قاتارلىق ساختا، زىيانلىق سۈرەت، ئۇچۇرلارنى تارقاتقانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم ئالاقىدار قانۇن - نىزاملارغا ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە جاۋ Xنى جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويدى.

9 - دېلو مىسالى:ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى تور ئەھلى جىن Xنىڭ تور ئالدامچىلىقى دېلوسى

2019 - يىلى 10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، تور ئەھلى جىن X (ئەر، خەنزۇ، 21 ياش، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي: ئىلى ئوبلاستىنىڭ قورغاس ناھىيەسى)نىڭ پەيتلىك خەۋەرلىشىش قورالىدىن پايدىلىنىپ، يالغان ئېيتىپ، كىرېدىت كارتىسىنىڭ سوممىسىنى ئۆستۈرۈپ بېرىشنى باھانە قىلىپ، ئىلى ئوبلاستىدىكى تور ئەھلى چېن Xنىڭ توققۇز دانە كىرېدىت كارتىسىنى ۋە مەخپىي نومۇرىنى ئالداپ ئېلىۋالغانلىقىنى پاش قىلغان. دېلوغا چېتىشلىق سومما جەمئىي 15 مىڭ يۈەن. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم ئالاقىدار قانۇن - نىزاملارغا ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە جىن Xنى جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويدى.

10 - دېلو مىسالى:سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى تور ئەھلى يۈەن Xنىڭ پىتنە - ئىغۋا تارقىتىش دېلوسى

2019 - يىلى 11 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، تور ئەھلى يۈەن X (ئەر، خەنزۇ، 37 ياش، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي: سانجى شەھىرى)نىڭ ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ، پىتنە - ئىغۋا ئۇچۇرى تارقاتقانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم ئالاقىدار قانۇن - نىزاملارغا ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە يۈەن Xنى مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويدى.

11 - دېلو مىسالى:گۇيجوۋ ئۆلكىسىدىكى تور ئەھلى فېڭ Xنىڭ ھۆججەت، گۇۋاھنامە، تامغىلارنى ياساش، ئۆزگەرتىش، ئېلىپ - سېتىش دېلوسى

2019 - يىلى 11 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، تور ئەھلى فېڭ X (ئايال، خەنزۇ، 49 ياش، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي: گۇيجوۋ ئۆلكىسىنىڭ دۇيۈن شەھىرى)نىڭ دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ھۆججەت، تامغىلىرىنى ياساش، ئۆزگەرتىش، ئېلىپ - سېتىشتەك قانۇنسىز پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى ھەم ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ كەسىپكە جەلپ قىلىش بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم ئالاقىدار قانۇن - نىزاملارغا ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە فېڭ Xنى جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويدى.

12 - دېلو مىسالى:ۋۇجياچۈ شەھىرىدىكى تور ئەھلى ما Xنىڭ تور ئالدامچىلىقى دېلوسى

2019 - يىلى 11 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، تور ئەھلى ما X (ئايال، خۇيزۇ، 28 ياش، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي: ۋۇجياچۈ شەھىرى)نىڭ ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ، ئۆي - مۈلۈك گۇۋاھنامىسى بېجىرىش مەخسۇس خادىمى سالاھىيىتىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، يەر خېتى بېجى، تەننەرخ ھەققى، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ھەققى ھەمدە ئۆينىڭ قالدۇق پۇلىنى باھانە قىلىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئوندىن ئارتۇق تور ئەھلىنى ئالدىغانلىقىنى پاش قىلغان. دېلوغا چېتىشلىق سومما جەمئىي 500 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم ئالاقىدار قانۇن - نىزاملارغا ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە ما Xنى جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويدى.

13 - دېلو مىسالى:شىنجاڭ يىپەك يولى مېۋىلىرى تورىنىڭ تور نازارەت قىلىش تۈزۈمى ۋە ئالدىنى ئېلىش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرمەسلىك دېلوسى

2019 - يىلى 2 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، تور ئەھلى شىنجاڭ يىپەك يولى مېۋىلىرى تورىنىڭ ئۇچۇر مەزمۇنىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ۋە بىخەتەرلىك بويىچە ئالدىنى ئېلىش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرمەي، بۇ تور بېكىتىدە فالۇن گۇمپىسىغا دائىر زىيانلىق ئۇچۇر ۋە ئۇلانمىلارنىڭ پەيدا بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم ئالاقىدار قانۇن - نىزاملارغا ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە «شىنجاڭ يىپەك يولى مېۋىلىرى» تور بېكىتىنىڭ مەسئۇلىغا مەمۇرىي جەھەتتىن ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بەردى.

ئالاقە تورى ئۇچۇرى تارماقلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، تور بوشلۇقى قانۇن سىرتىدىكى جاي ئەمەس، ئالاقە تورىدا زوراۋانلىق، تېررورلۇققا، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە، دىنىي ئەسەبىيلىككە چېتىلىدىغان ھەمدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا، دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان يازما، سۈرەت، ئۈن - سىنلارنى تەرغىب قىلغان، ساقلىغان، تارقاتقانلار؛ پارتلىتىش قۇرۇلمىسى، قورال - ياراغ، تىزگىنلىنىدىغان تىغلىق ئەسۋابلارنى ياساش، ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە تېخنىكا ماھارىتىنى ئۆگەتكەنلەر ھەمدە ساختا ئۇچۇر، باشقىلارغا ھاقارەت قىلىش، تەھدىت سېلىش، پاكىت ئويدۇرۇپ چىقىرىپ تۆھمەت قىلىش قاتارلىق مەزمۇندىكى يازما، سۈرەت، ئۈن - سىنلارنى تارقاتقانلارنىڭ جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. ئومۇمەن يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغاندەك يازما، سۈرەت، ئۈن - سىنلار بولسا ئۆزلۈكىدىن دەرھال ئۆچۈرۈۋېتىش، يوقىتىش كېرەك، شەخسلەر ئۆچۈرۈش، يوقىتىشقا ئامال قىلالمىسا، ئۆز جايىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ياردەملىشىپ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بەرسە بولىدۇ. ھەرقايسى تور بېكەتلىرى، سۇپىلار ھەم كەڭ تور ئەھلىنىڭ ئالاقىدار قانۇن - نىزاملارغا ئەمەل قىلىپ، قانۇن بويىچە تور ئېچىپ، قانۇن بويىچە تورغا چىقىپ، ساغلام، تەرتىپلىك ئالاقە تورى مۇھىتىنى ئورتاق قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

كەڭ تور ئەھلىنىڭ توردىكى قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئاكتىپلىق بىلەن پاش قىلىشىنى قارشى ئالىمىز، پاش قىلىپ خىزمەت كۆرسەتكەنلەر ۋاقتىدا مۇكاپاتلىنىدۇ.

پاش قىلىش ئۇسۇلى:

تور ئادرېسى: www.xjwljb.com

تېلېفون نومۇرى: 2384777 - 0991

ئېلېكتىرونلۇق خەت ساندۇقى: xjwljb@xjts.cn

مىكروبىلوگ: 报举络网疆新@

ئۈندىدار ئاممىۋى نومۇرى: 报举络网疆新

ساقچىغا مەلۇم قىلىش، پاش قىلىش تېلېفونى: 110

قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق ساقچىغا مەلۇم قىلىش نومۇرى: 12110

تور بېكىتى نازارەت قىلىش تېلېفونى: 2384743 - 0991