تۈرلۈك تەدبىرلەرنى تېخىمۇ ئىنچىكە، تېخىمۇ قاتتىق ھالدا پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوقۇش باشلاش، دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ بىخەتەر، تەرتىپلىك بولۇشىغا، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانىي، روھىي ساغلاملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

日期:2020年03月22日
来源:新疆日报
【字体:

ئاپتونوم رايون پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە سىن يىغىنى ئېچىپ، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەر ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئوقۇش باشلاش، دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى

تۈرلۈك تەدبىرلەرنى تېخىمۇ ئىنچىكە، تېخىمۇ قاتتىق ھالدا پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوقۇش باشلاش، دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ بىخەتەر، تەرتىپلىك بولۇشىغا، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانىي، روھىي ساغلاملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

چېن چۈەنگو سۆز قىلدى، شۆھرەت زاكىر رىياسەتچىلىك قىلدى، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن قاتناشتى


3 - ئاينىڭ 21 - كۈنى كەچتە، ئاپتونوم رايون پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە سىن يىغىنى ئېچىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەر ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش باشلاش، دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى مەخسۇس تېمىدا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، نورمال مائارىپ ئوقۇتۇشى تەرتىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، ليۇ ۋەنلۇڭ، لى ۋېي، ۋاڭ جۈنجېڭ، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۇنلىن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىندا پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئالدىنقى قارارلىق ئوقۇش باشلاش، دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىش، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كېلىش ئەۋزەللىكىنى چىڭ تۇتۇپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئالدىنقى قاراردا تولۇق ئوتتۇرا 3 - يىللىق، تولۇقسىز ئوتتۇرا 3 - يىللىق، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان يىللىقلىرىدا ئوقۇش باشلاش، دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى ئاساسىدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەر ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئوقۇش باشلاش، دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىلمىي، مۇۋاپىق، بىخەتەر، تەرتىپلىك ياخشى ئىشلەش كېرەك.

بىرىنچى، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيەۋى تونۇشنى ئۆستۈرۈش كېرەك. مەكتەپلەرنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئوقۇش باشلاش، دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى كەسكىن سىياسىي ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئامانلىقى، ساغلاملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش دەپ بىلىپ، ئوقۇغۇچىلارغا مەسئۇل بولۇش، ئائىلە باشلىقلىرىغا مەسئۇل بولۇش، جەمئىيەتكە مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن، مەكتەپلەرنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، مائارىپ ئوقۇتۇشىنى تەشكىللەش، مەكتەپلەرنى باشقۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تېخىمۇ ئىنچىكە، تېخىمۇ قاتتىق ياخشى ئىشلەپ، مەكتەپلەرنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقى، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەن ساغلاملىقى، مائارىپ ئوقۇتۇشىنىڭ نورماللىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئىككىنچى، بىخەتەر، تەرتىپلىك ھالدا ئوقۇش باشلاش، دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك. ھەقىقىي تۈردە يولغا قويۇشقا بولىدىغان دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە بىر تەرەپ قىلىش دەسلەپكى لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوقۇش باشلاشتىن ئىلگىرىكى تەييارلىق خىزمەتلىرىنى چوڭقۇر، ئىنچىكە ياخشى ئىشلەپ، بىر مەكتەپكە بىر تەدبىر قوللىنىش، ھالقىلارنى تۇتاشتۇرۇش، يېپىق باشقۇرۇش، نۇقسانسىز بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش ئۆتكىلىنى ياخشى تۇتۇپ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلاپ، رەتكە تۇرغۇزۇپ، ساغلاملىق ئارخىپىنى دەل جايىدا، ئىنچىكە تۇرغۇزۇپ، مەكتەپكە كىرىش سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش، تاسقاپ تەكشۈرۈپ تىزىمغا ئالدۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە مەكتەپ باشقۇرۇش، نۆۋەتچىلىك، دىجورنىلىق قىلىش، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، سەھىيە ساغلاملىق تەربىيەسىنى پائال تەشكىللەپ، ئوقۇش باشلاش، دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنىڭ كۈچلۈك، تەرتىپلىك، ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئۈچىنچى، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. مەكتەپلەرنىڭ مۇھىت تازىلىقى - پاكىزلىق خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك، ئۈزۈل - كېسىل قانات يايدۇرۇپ، ئۆلۈك بۇلۇڭ قالدۇرماسلىق، قاراڭغۇ رايون قالدۇرماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنى مۇۋاپىق ۋاقىت ئارىلىقى قالدۇرۇپ غىزالىنىش، يېتىپ - قوپۇش مۇۋاپىق بولۇش، توپلىشىۋېلىشتىن ساقلىنىشقا ئىلمىي، تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرۇپ، دەرسخانا، ئاشخانا، ياتاق قاتارلىق زال ئىچى سورۇنلىرىنى ۋاقتىدا دېزىنفېكسىيە قىلىش، ھاۋالاندۇرۇش كېرەك؛ مەكتەپكە كىرىش - چىقىشنى باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، كۇتۇپخانا، تەنتەربىيە سارىيى، پائالىيەت ئۆيى قاتارلىق سورۇنلارنى تارقاقلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنى دەل جايىدا، ئىنچىكە ياخشى ئىشلەش كېرەك؛ بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، تەۋەلىك رايونى، تارماقلار، مەكتەپلەر، ئوقۇتقۇچىلار، ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، تارماقلار، ئائىلە باشلىقلىرى، مەكتەپ ئەتراپىنىڭ مەكتەپ بىلەن بولغان ھەمكارلىشىشىنى ئومۇميۈزلۈك يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەكتەپلەرنىڭ بىخەتەرلىك مۇداپىئە سېپىنى پۇختا مۇستەھكەملەش كېرەك؛ ماسكا، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىگۈچ، دېزىنفېكسىيەلەش دورىسى، دېزىنفېكسىيەلەش ئەسۋابى قاتارلىق مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرىنى ئېھتىياجغا قاراپ ئىلمىي تەقسىملەپ، ھەقىقىي تۈردە مەكتەپلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئېھتىياجىنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك.

تۆتىنچى، مائارىپ ئوقۇتۇشى سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. توردا ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى ئىلمىي باھالاپ، ئائىلىلەردە توردا ئوقۇتۇش بىلەن دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن كېيىنكى دەرسخانىدا ئوقۇتۇشنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش سۈپىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، نورمال ئوقۇتۇش تەرتىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك؛ ئوخشاش بولمىغان يىللىق، سىنىپ، پەنلەرنىڭ ئەھۋالىغا قارىتا، ئوقۇتۇش پىلانىنى مۇۋاپىق تۈزۈپ ، ئوقۇتۇش سۈرئىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، دەرس رىتىمىنى ئىگىلەپ، ئوقۇتۇش شەكلىنى بېيىتىپ، دەرسخانا ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، كۆپ خىل تەدبىرلەرنى تەڭ قوللىنىپ مائارىپ ئوقۇتۇشىغا دائىر تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلۈك ئوقۇتۇش ۋەزىپىسىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

بەشىنچى، باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىش، پۇختىلاش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى، ھۆكۈمەتلەر تەۋەلىك رايونىنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىلمىي تەشكىللىشى، كاپالەتلەندۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى، ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار ئۆزى تۇتۇشى، ئومۇمىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؛ ھەر دەرىجىلىك مائارىپ تارماقلىرى ئاساسلىق باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەكتەپلەر سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەدبىرلەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئوقۇش باشلاش، دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنىڭ تەكشى، مۇقىم، تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك؛ ھەرقايسى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ۋە ئورۇنلار ئۆزئارا ماسلىشىپ، ئىش تەقسىملەپ ھەمكارلىشىپ، كۈچلەرنى بىرلەشتۈرۈپ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش باشلاش، دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن ئوقۇش باشلاش، دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتى توغرىسىدا كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.