تاپشۇرۇق، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، كۈرەش قىلىشتىن جاۋاب قەغىزى پۈتۈش

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5- يىغىنى شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقانلىقىنىڭ ئۈچ يىللىقى پەيتىدە

日期:2020年03月10日
来源:新疆日报
【字体:

ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان ۋاقىت دەرياسىدا، ئۈچ يىل خۇددى بۇژغۇندەك تېزلا ئۆتۈپ كېتىدۇ. لېكىن شىنجاڭ تۇپرىقىدا، بۇ، قاينام - تاشقىنلىققا تولغان بىر مىڭ نەچچە يۈز كۈن ھېسابلىنىدۇ، ھەربىر كۈندە كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش مېلودىيەسى ياڭراپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش ئىزنالىرى قالدى.

2017 - يىلى 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا نىسبەتەن، بۇ، ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە بىر كۈن بولدى. بۇ كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنى شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. مۇقىملىق ئۈستىدە توختالغاندا، مۇنداق تەلەپ قىلدى: «مۇقىملىقنى قوغداشنى سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بالدۇر تۇتۇش، كىچىكىدىن باشلاپ تۇتۇش، تېز تۇتۇش، ياخشى تۇتۇشنى مەۋقە قىلىپ، كەلگۈسى پىلان تۈزۈش، ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش، ئەبەدىي ئەمىنلىك ۋەزىيىتى يارىتىش، ئەبەدىي ئەمىنلىك ئىشلىرىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش كېرەك»؛ تەرەققىيات توغرىسىدا سۆزلىگەندە، مۇنداق تەكىتلىدى: «يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىياتنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىش كېرەك»؛ خەلق تۇرمۇشىنى تىلغا ئالغاندا، مۇنداق تەكىتلىدى: «ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلايدىغان بىر قىسىم تۈرلەرنى كۆپرەك يولغا قويۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان بىر قىسىم ئەمەلىي ئىشلارنى كۆپرەك بېجىرىپ، ھەر مىللەت ئامما دائىم غەم قىلىدىغان بىر قىسىم مەسىلىلەرنى كۆپرەك ھەل قىلىش كېرەك»؛ ئىتتىپاقلىق توغرىسىدا سۆزلىگەندە، مۇنداق تەلەپ قىلدى: «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھاياتىمىزنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىمىز كېرەك»... باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تەلىمى، سەمىمىي تاپشۇرۇقى مارت ئېيىدىكى باھار شامىلىدەك تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىغا تارقىلىپ، تىيانشان ئوغۇل - قىزلىرىنى ئىلھاملاندۇردى، رىغبەتلەندۈردى. بۇ غەمخورلۇق، بۇ ئىللىق ئېقىم، بۇ زور ئۈمىد ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ باش نىشاننىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشتە ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشتىكى قەتئىي ئىشەنچىسى ۋە مەزمۇت قەدىمىگە ئايلاندى.

ۋاقىت قەلەم تەۋرەتكۈچى، تارىخ گۇۋاھچىدۇر. ئۈچ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، شەرەپلىك بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، باش شۇجى كۆرسەتكەن يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىدى، 25 مىليون كىشى بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ كۈرەش قىلىپ، يېڭى دەۋرنىڭ جاۋاب قەغىزىنى پۈتۈپ چىقماقتا.

ئېتىقاد ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم بولدى، باش نىشان بايرىقى ئېگىز جەۋلان قىلدى. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى، بۇ بارلىق لوگىكىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى، بۇ، بارلىق بەختنىڭ مەنبەسى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، باش نىشان بايرىقىنى ئېگىز جەۋلان قىلدۇرۇپ، باش نىشاننى چۆرىدەپ شىنجاڭنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىنى پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بالدۇر تۇتۇش، كىچىكىدىن باشلاپ تۇتۇش، تېز تۇتۇش، ياخشى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇن قورالى، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ مۇقىملىقنى قوغدىدى، جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتتى؛ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش «بىرىكمە مۇشت»ىنى ياخشى ئېتىپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۇەن، خەلق ماسلىشىپ بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايى پائالىيەتلىرىگە قەتئىي زەربە بېرىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇردى؛ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى سىجىل چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئامما خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلىدى... بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ جاپالىق تىرىشىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىنىڭ مول نەتىجىسىنى قولغا كەلتۈردى. شىنجاڭدا ئۇدا ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى يۈزبەرمىدى، چوڭ ۋەزىيەت سىجىل مۇقىم بولدى، ۋەزىيەت سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى، شەھەر - يېزىلاردا جەمئىيەت تىنچ بولدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچىيىپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىشەنچى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى. مۇقىم جەمئىيەت مۇھىتى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئەڭ مۇھىم شارائىت، ئەڭ كۈچلۈك مەدەتكە ئىگە قىلىپ، تېخىمۇ مۇھىمى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرنى تېخىمۇ تۈپتىن ھەل قىلىش ئۈچۈن ۋاقىتنى قولغا كەلتۈردى، تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈردى.

ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ كۈچلۈك بولدى، يېڭى ئىدىيە جايىدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتتى. مۇقىملىق بىلەن تەرەققىيات بىر - بىرىدىن ئايرىلمايدۇ، بىر - بىرىنى تولۇقلايدۇ، مۇقىملىق بولمىسا، تەرەققىيات مەنبەسىز سۇ بولۇپ قالىدۇ؛ تەرەققىيات بولمىسا، مۇقىملىقنى داۋاملاشتۇرۇش تەسكە توختايدۇ. ئۈچ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىشنى ئاساسىي لىنىيە قىلدى، «1+3+3+ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش» خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى، «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى ئاساسلىق كۆرسەتكۈچلەرنىڭ ئىلگىرىلەش سۈرئىتى مۆلچەرگە ئۇيغۇن بولدى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش غەلىبە نۇرىنى كۈتۈۋالدى. بىز «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، مۇزلۇق، قارلىقمۇ بايلىق» دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئۇنىۋېرسال تۈزەش، سىستېمىلىق تۈزەش، مەنبەدىن تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، پاكىز تۇپراق، يېزا ئولتۇراق مۇھىتىنى تۈزەشتىن ئىبارەت تۆت مەيدان بەلگە خاراكتېرلىك جەڭنى ياخشى قىلىپ، تىرىشىپ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقتۇق؛ بىز شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، چېگرا ئىچى - سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش ئادەم قېتىم سانىدا ئۈچ يىلدا «100 مىليون، 150 مىليون، 200 مىليون»دىن ئىبارەت ئۈچ قەدەملىك سەكرەشنى تاماملاپ، «شىنجاڭ ياخشى جاي» دېگەن نام كارتىسىنى بارغانسېرى جۇلالاندۇردۇق؛ بىز يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈردۇق، يېزىلارنىڭ كونا قىياپىتى يېڭىلاندى، ھەر مىللەت ئامما زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ قەدىمىگە جاسارەت بىلەن يېتىشىۋالدى؛ بىز ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتتۇق، بارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر يۇقىرى سۈرئەتلىك يول دەۋرىگە كىردى، مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچى «مېترو دەۋرى»گە كىردى، «شىنجاڭ ئىچىنى ھالقىسىمان تۇتاشتۇرۇش، شىنجاڭغا كىرىش - چىقىشنى تېزلىتىش» ئىستېرېئولۇق قاتناش سىستېمىسى تېز شەكىللەندى، «ئاشۇ يىراق جاي» ئەمدى يىراق بىلىنمەيدىغان بولدى؛ بىز ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھام بېرىپ، ياخشى تىجارەت - سودا مۇھىتى ياراتتۇق، يېڭى تېخنىكا، يېڭى مەھسۇلات، يېڭى كەسىپ ھالىتى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى؛ بىز غۇلىچىمىزنى ئېچىپ دۇنيانى قۇچاقلىدۇق، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشكە يېتەكلەش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۇچقاندەك ئۆرلىدى. خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسى باشتىن - ئاخىر سىڭگەن تەرەققىيات، مۇقىملىق، تەرەققىيات، خەلق تۇرمۇشىدىن ئىبارەت ئۈچنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن تەرەققىيات، يېڭى ئىدىيە يېتەكچى قىلىنغان تەرەققىيات، سۈپەت ۋە ئۈنۈمنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات بولۇپ، ھەم باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ماددىي ئاساس سالدى، ھەم مىڭلىغان - تۈمەنلىگەن پۇقرالارغا نەپ يەتكۈزۈپ، پارتىيە رايى، خەلق رايىنى مۇجەسسەملىدى.

تەبەسسۇم جىلۋىلەندى، ئېرىشىش تۇيغۇسى روشەن كۈچەيدى. خەلق تۇرمۇشىغا ئەھمىيەت بەرگەندىلا، ئاندىن خەلق رايىنى ئەمىن قىلغىلى بولىدۇ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ نېگىزى كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشتە، خەلق تۇرمۇشىنى قەتئىي بوشاشماي كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتا. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئەمگەك كۈچلىرىدىن ئۈچ يىلدا 100 مىڭ كىشىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانى مۇددەتتىن بۇرۇن تاماملاندى، ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىلەر ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈلدى، ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش سىجىل ئالغا سىلجىتىلدى، يېزىلاردا ئۈچ يىللىق ھەقسىز يەسلى مائارىپى يولغا قويۇلدى، ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئورنىتىلدى، شەھەر - يېزا ئاھالىسىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى بىلەن كاپالەتلەندۈرۈشكە تېگىشلىكلىرى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلدى، ئېگىز، سوغۇق، چەت، يىراق تاغلىق رايونلاردىكى دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ توك بولماسلىق، تۇرۇبا سۈيى بولماسلىق، قاتناش راۋان بولماسلىق تارىخىغا خاتىمە بېرىلدى. ئۈچ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئەمىن قىلىش ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىنى چىقىش قىلىپ، خەلقنىڭ كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجىنى چىڭ كۆزلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى كەمتۈكلۈك، ئاجىز تۈرلەرنى نىشانلاپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خاتىرجەم ياشىشىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلايدىغان تۈرلەرنى ياخشى قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان ئەمەلىي ئىشلارنى ياخشى قىلىپ، ھەر مىللەت ئامما دائىم غەم قىلىدىغان مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلدى؛ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالاش قاتارلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلغان توققۇز تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئاممىۋى خامچوت چىقىمىنىڭ %70تىن كۆپرەكىنى ئۇدا كۆپ يىل خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا ئىشلىتىپ، تەرەققىياتنى ھەقىقىي تۈردە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شۇ جايغا نەپ يەتكۈزۈشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى بىۋاسىتە ھېس قىلدۇردى.

بۇرچنى ئادا قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىمىز. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا مۇناسىۋەتلىك، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەخت - سائادىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىزگە تاپشۇرغان مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە، جەزمەن قەرەلىدە لاياقەتلىك جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇشىمىز كېرەك. ھەر خىل ئامىللارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىغانلىقتىن، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىسبەتەن ئارقىدا قالدى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست پۈتۈن مەملىكەت بويىچە «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست»تىكى ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسى مۈشكۈل، مەسئۇلىيەت ئېغىر، بۇرچ شەرەپلىك. بىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى ۋە مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە بىلىپ، دىققەتنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئېغىر نامرات رايونلار ۋە ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئاساسىي تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» نىشان ئۆلچىمىنى چىڭ كۆزلەپ، «يەتتە بىر تۈركۈم» «ئۈچتە سالماقنى زورايتىش»نى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، «توققۇز جەھەتتە كۈچنى توپلاپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «تۆت بىر گەۋدىلەشكەن» كەڭ كۆلەمدە نامراتلارنى يۆلەش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلدۇق؛ بىز بىر قولدا قېپقالغان نامرات نوپۇسنى ئازايتىشنى تۇتۇپ، بىر قولدا نامراتلىقتىن قۇتۇلغان نوپۇسنى مۇستەھكەملەش، يۈكسەلدۈرۈشنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى ئاممىنىڭ ھەقىقىي ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتۈرۈپ، ئەمەلىيەت ۋە تارىخنىڭ سىناقلىرىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان قىلدۇق؛ بىز پارتىيەنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايون ئومۇمىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش، ناھىيە - شەھەرلەر ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش، بەش دەرىجىلىك شۇجىلار بىرلىكتە تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قاتلاممۇقاتلام مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، دەرىجىمۇدەرىجە بېسىم يەتكۈزدۇق. 2019 - يىلى 645 مىڭ نامرات نوپۇس نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، 976 نامرات كەنت نامراتلىقتىن چېكىنىپ چىقتى، 12 نامرات ناھىيە نامراتلىق قالپىقىنى تاشلىدى، نامراتلىق يۈزبېرىش نىسبىتى %1.2كە تۆۋەنلىدى، نامرات نوپۇسنىڭ خەتەرلىك ئۆيدە ئولتۇرۇش تارىخىغا ئۈزۈل - كېسىل خاتىمە بېرىلدى، نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسى مۇددەتتىن بۇرۇن تاماملاندى، نۇرغۇن «دەريا بويى» «بىر جاينىڭ سۇ تۇپرىقى بىر يەردىكىلەرنى باقالماسلىق»تەك قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئامما قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇپ بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مۇھىم، زور باسقۇچ خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى.

ئۆزئارا تومۇرداش بولۇپ، ھاياتلىق جان تومۇرى كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر ئورنىدى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئىشەنچى، كۈچى، ئۈمىدى. شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ تۇپراقتا، ئىتتىپاقلىق - ئىناقلىق تارىخ بەرگەن جاۋاب ھەم كەلگۈسىنى ئاچىدىغان ئاچقۇچ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇستەھكەم ئۇلى. ئۈچ يىلدىن بۇيان، بىز پارتىيەنىڭ مىللەت سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىنى ئۇل خاراكتېرلىك ئىش بىلىپ، ئارمىيە - ھۆكۈمەت ئىتتىپاقلىقىنى، ئارمىيە - خەلق ئىتتىپاقلىقىنى، ساقچى - خەلق ئىتتىپاقلىقىنى، بىڭتۇەن - يەرلىك ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتتۇق، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى تەربىيەسىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق روھنى تاۋلاپ، ئادەمنى تەربىيەلىدۇق، «شىنجاڭغا دائىر بىرقانچە تارىخىي مەسىلە» قاتارلىق ئاق تاشلىق كىتابلارنى ئۆگىنىش ئارقىلىق ئاساسنى توغرىلاپ، مەنبەدىن ساپلاشتۇردۇق، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش داۋامىدا ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشنى كۈچەيتتۇق، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ھالدا ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش پولات سېپىلىنى مۇستەھكەملىدۇق. بۈگۈنكى كۈندە، «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، «دۆلەت ياخشى بولسا، مىللەت ياخشى بولسا، كۆپچىلىك ئاندىن ياخشى بولىدۇ» ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئورتاق قەلب ساداسىغا ئايلاندى، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى بىر نىيەتتە ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش»تىن ئىبارەت قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچ شىنجاڭ تۇپرىقىدا ئەۋج ئالدى، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇش شىنجاڭ تۇپرىقىدىكى كىشىنى ئەڭ ھاياجانغا سالىدىغان مەنزىرىگە ئايلاندى.

ئىستىل قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتتى، يېڭى كەيپىيات ھەممە جايدا گەۋدىلەندى. شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەنىڭ پۈتۈن ۋەزىيەتنى ئىگىلەش، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇشتىكى رەھبەرلىك يادروسىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەتكە ئىگە قىلىشتا. ئۈچ يىلدىن بۇيان، بىز يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي قۇرۇلۇشنى يېتەكچى قىلىپ، تاش - تۆمۈردە ئىز قالدۇرىدىغان ئىرادە ۋە چىدامچانلىق بىلەن پارتىيە قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتتۇق. بىز ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئاساس سېلىشنى شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئەمىن تاپقۇزۇشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك پىلانى ۋە ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرى قىلىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى تىرىشىپ ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان، مۇقىملىقنى قوغدايدىغان، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرىدىغان مۇستەھكەم جەڭگىۋار قورغان قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، پارتىيە بايرىقىنى ھەربىر ئاساسىي قاتلام بازىسىدا ئېگىز جەۋلان قىلدۇردۇق. بىز بىر قولدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى، بىر قولدا پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھى ۋە يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلىدۇق. جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئاساسىي جەڭ مەيدانىدا، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ بىرىنچى سېپىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار سىياسىينى كۈچەيتىپ، ئىقتىدارنى كۈچەيتىپ، ئىستىلنى كۈچەيتىپ، يېڭى كەيپىياتنى ئۇرغۇتۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى مۇجەسسەملىدى. بولۇپمۇ تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار باتۇرلۇق بىلەن ئاۋانگارتلاردىن بولۇپ، سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىشقا جۈرئەت قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، پائال نەتىجە يارىتىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ھەرىكىتىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكى، تەشكىلىي ئەۋزەللىكى، ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە مۇستەھكەم تۈۋرۈكلۈك رولىنى جارى قىلدۇردى. قاتتىق جەڭ قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان، قاتتىق جەڭ قىلالايدىغان، قاتتىق جەڭ قىلىشقا ماھىر بۇ قوشۇن بىزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىزنىڭ كۈچلۈك كاپالىتى، بىزنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشتە ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشىمىزنىڭ مۇستەھكەم ئاساسى، بىزنىڭ بارلىق قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، ھەرقانداق قىيىنچىلىققا باش ئەگمەسلىكىمىزدىكى ئەڭ چوڭ تايانچىمىز.

باسقان يولىمىزنى ئەسلىسەك، بىز قان - تەرىمىز بىلەن سۇغىرىپ ھوسۇل ئېلىپ، ئەمەلىي ئىشلەپ پۇختا ئالغا ئىلگىرىلىدۇق. ئۈچ يىلدىن بۇيان، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا يېڭى قىياپەت نامايان بولۇپ، يېڭى كەيپىيات ئۇرغۇدى، بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ نەتىجىسى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆڭۈل بۆلگەنلىكى، غەمخورلۇق قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقى، شەخسىيەتسىز ياردەم بەرگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يېتەكلەپ، بىر نىيەتتە كۈچەپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى.

بۇ يىل ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىلىدىغان ۋە «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل، بىز بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «14 - بەش يىل»لىق تەرەققىيات ۋە ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ياخشى ئاساس سېلىشىمىز كېرەك، بۇ ھەم ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش مەزگىلى، ھەم ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەزگىلى، بىز دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىپە ئېغىر، زور ھەم مۈشكۈل. يېقىندا ئېچىلغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ خوتەن ۋىلايىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن مەملىكەتتىكى بەش جاينىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا دۇچ كەلگەن ۋەزىيەتنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى يۇقىرى سۈپەتتە تاماملاش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەڭ كۈچلۈك بۇيرۇق چۈشۈردى، بۇ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش ئىشەنچىسى ۋە ئىرادىسىنى يەنىمۇ چىڭىتتى.

مېڭىپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان ئۇزۇن يول يوق، چىققىلى بولمايدىغان ئېگىز تاغ يوق. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى گەرچە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشتىكى قەتئىي ئىرادىمىزنى تەۋرىتەلمەيدۇ. قانچىكى مۇشۇنداق پەيتتە، بىز «قانچە مۈشكۈل، خەتەرلىك بولغانسېرى شۇنچە ئالغا ئىلگىرىلەش»تەك كۈرەش قىلىش روھى بىلەن چىشىمىزنى چىشلەپ، تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، غەيرەت قىلىپ ئىشلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش قەدىمىمىزنى شۇنچە تېزلىتىشىمىز كېرەك. قانچىكى مۇشۇنداق پەيتتە، بىز «ھەممە بىر نىيەتتە غەيرەت قىلىپ ئىشلەش»تىن ئىبارەت ئەمەلىي ئىشلەش خىسلىتىنى شۇنچە ساقلاپ، دىققەتنى ئېغىر نامرات رايونلار ۋە ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، گەۋدىلىك مەسىلە ۋە ئاجىز ھالقىلارنى چىڭ تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ جەڭ قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى كەم - كوتسىز، يۇقىرى سۈپەتتە قەرەلىدە تاماملىشىمىز كېرەك. قانچىكى مۇشۇنداق پەيتتە، بىز پارتىيە رەھبەرلىكىنى شۇنچە كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەت، بۇرچنى زىممىمىزگە ئېلىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش داۋامىدا ئىقتىدارىمىز، ئەقىل - پاراسىتىمىزنى يۈكسەلدۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تارىخنىڭ كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدىكى بىزگە تەۋە بۇ بۆلەكنى تىرىشىپ ياخشى يۈگۈرۈشىمىز كېرەك.

«شەرق شامىلى خۇددى قۇياش ئەلچىسىدەك، ئوت - چۆپ، گۈل - گىياھلارنى سىيپاپ ئۆتۈپ، بارلىق مەۋجۇداتنى ئويغاتتى.» بىز يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، گەرچە شىنجاڭ پايتەخت بېيجىڭدىن يىراق بولسىمۇ، لېكىن ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىنىڭ باشتىن - ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان بولۇشى، چىڭ تۇتاشقان بولۇشىنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پەيتنى قولدىن بەرمەي، گۈزەل دەۋرنى قەدىرلەپ، چوڭ قەدەم بىلەن ئالغا بېسىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىنى قەتئىي يېڭىپ، يۇقۇم پەيدا قىلغان تەسىرنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈپ، يۇقۇم كەلتۈرۈپ چىقارغان زىياننى تولۇقلاپ، يۇقۇم دەخلى قىلغان ۋاقىتنى قايتۇرۇپ كېلىپ، تېخىمۇ زور ئىرادە، تېخىمۇ كۈچلۈك سالماق بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى، ئىنسانىيەت ئۈچۈن مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە بۇ ئۇلۇغ ئىشنى قەتئىي تاماملاپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى تىرىشىپ ياخشى پۈتۈپ چىقايلى!