ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پەن - تېخنىكا كارخانىلىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە مۇلازىمەت قىلدى

日期:2020年02月20日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىجاۋ يۆخەۋەر قىلىدۇ: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پەن - تېخنىكا كارخانىلىرى ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلدى.

دوختۇرخانىنىڭ ئايرىۋېتىش كېسەلخانىسىدا، مۇداپىئە كىيىمى كىيگەن سېسترالار كۆچمە يوقلاش ھارۋىسىنى ئاغرىقلارنىڭ يېنىغا ئىتتىرىپ ئاپاردى. ھارۋىدىكى ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق ئايرىۋېتىش كېسەلخانىسىنىڭ سىرتىدىكى دوختۇرلار سىن ئارقىلىق ئاغرىقلارنىڭ ھالىتىنى كۆردى، ئاغرىقلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى، ئېلېكتىروكاردىيوگىرامما، قان بېسىم قىممىتى قاتارلىق بەدەن بەلگىلىرى سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئىگىلىدى، ھەتتا ئاغرىقلار بىلەن سۆزلەشتى. ئارقىدىن دوختۇرلار كېسەلگە قاراپ دورا بېرىپ، ئاغرىقلارنى داۋالاشقا باشلىدى.

بۇ خىل يان تېلېفون كۆچمە تورىدىن پايدىلىنىپ ئۈن - سىننى ئۆزئارا يەتكۈزۈش ئارقىلىق ئايرىۋېتىش رايونى بىلەن پاكىزلانغان رايون ئوتتۇرىسىدا ئۇچۇرنى راۋانلاشتۇرىدىغان دوختۇرخانىلارنىڭ ئايرىۋېتىپ يوقلاش سىستېمىسى نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللەر دوختۇرخانىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جۇڭيې تېبابىتى دوختۇرخانىسى قاتارلىق دوختۇرخانىلاردا ئىشلىتىلىشكە باشلىدى. بۇ سىستېما دوختۇرخانىدىكى تېببىي خادىملارنىڭ يۇقۇملىنىش خەتىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىپ، قۇتقۇزۇش - داۋالاش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىدۇ.

«يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، شىركىتىمىز 24 سائەت توختىماي رېمونت قىلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، سىستېمىنىڭ نورمال ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلدى» دېدى 2 - ئاينىڭ 19 - كۈنى دوختۇرخانىلارنىڭ ئايرىۋېتىپ يوقلاش سىستېمىسىنى ئېچىش كارخانىسى بولغان شىنجاڭ شېنجوۋ شىخەن پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ۋاڭ خەييەن.

شىنجاڭ شېنجوۋ شىخەن پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىلا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ قالماستىن، پەن - تېخنىكا ئەشيا ئوبوروت كارخانىسى بولغان شىنجاڭ خەيكې پۇلوگې پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىمۇ ۋۇخەن خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىنىڭ ماددىي ئەشيالارنى تارقىتىشىغا نەق مەيداندا ياردەم بەردى؛ شىنجاڭ ياۋدۇخۇي دورىگەرلىك چەكلىك شىركىتى تېببىي دورا سۇپىسىنىڭ مال مەنبەسىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەڭشەپ تەقسىملەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ماسكا، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان مۇداپىئە كىيىمى قاتارلىق ماددىي ئەشيالارنى تەييارلاپ، ئىش باشلىغان كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەمىنات ئىشلىرىنى كاپالەتلەندۈرۈشىنى ماسلاشتۇردى...

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى خەۋەرلىشىش تۈرىدىكى يۇقىرى - يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلار بەس - بەستە يىراقتىن ئىش بېجىرىش، نۇقتىلىق ئىش ئورنىدا 24 سائەت ئىشلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، دوختۇرخانا، ئايروپورت، ۋوگزال، مېترو قاتارلىق ئاممىۋى قاتناش ساھەلىرى ھەم خەلق تۇرمۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك نۇقتىلىق كارخانىلار، جۈملىدىن كۆچمە خەۋەرلىشىش تورى ۋە ئائىلە كەڭ بەلباغ تورى قاتارلىق سورۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جىددىي خەۋەرلىشىش كاپالىتىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈردى.

«شىركىتىمىز ئاساسلىقى ئۈرۈمچى، سانجى، ئاقسۇ قاتارلىق 17 ناھىيە، رايوننىڭ كۆچمە خەۋەرلىشىش تورىنى ئاسراشقا مەسئۇل. يېقىنقى مەزگىلدە شىركىتىمىزنىڭ كەسپىي ئىشلىرىدا جىددىي تور مەخسۇس لىنىيەسىنى ئېچىش، كاشىلىنى جىددىي رېمونت قىلىش، يوللاش لىنىيەسىنى چارلاپ تەكشۈرۈش ئاساس قىلىندى، گەرچە كەسىپ مىقدارى ئىلگىرىكىدىن ئاز بولسىمۇ، لېكىن خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرىنى ئاسراش، كاپالەتلەندۈرۈش دەرىجىسى ئۆستۈرۈلدى. 2 - ئاينىڭ 3 - كۈنىدىن 19 - كۈنىگىچە شىركىتىمىز ئۆزى يۇقۇمدىن مۇداپىئە كۆرۈشنى ياخشى ئىشلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، شىنجاڭ رايونىدا 632 قېتىم جىددىي خەۋەرلىشىشنى كاپالەتلەندۈردى، كاپالەتلەندۈرۈش ۋاقتى جەمئىي 2662.69 سائەتكە يەتتى» دېدى يۇەنداۋ خەۋەرلىشىش پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى داڭ چۇەن مۇخبىرغا.