ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 79- قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى

日期:2020年02月20日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىلى ياڭخەۋەر قىلىدۇ: 2 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 79 - قېتىملىق دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ تاشيولدا چەكتىن، نورمىدىن ئاشۇرۇپ يۈك بېسىشنى تۈزەش سىستېمىسى ۋە تۈزەش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق خىزمەتلەر تەتقىق قىلىندى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: تاشيولدا چەكتىن، نورمىدىن ئاشۇرۇپ يۈك بېسىشنى تۈزەش خىزمىتىنى كۈچەيتىش خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك، تاشيول ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ يۈرۈشۈش بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك، يۈك تىرانسپورت كەسپىنىڭ تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش ۋە مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك. ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى ئالاقىدار ئورۇنلار ۋە تارماقلار قاتناش - تىرانسپورتنى تۈزەش سىستېمىسى ۋە تۈزەش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى يېتەكچى قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكى ۋە تاشيول ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى نىشان قىلىپ، «ھۆكۈمەت رەھبەرلىك قىلىش، تارماقلار بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىش، ئۇنىۋېرسال تۈزەش، مەنبەدىن باشقۇرۇش - تىزگىنلەش بىلەن يۈرۈشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش» پىرىنسىپى بويىچە، خىزمەت مېخانىزمىنى ئەلالاشتۇرۇپ، پەن - تېخنىكا تىرىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاپتوموبىللارنىڭ چەكتىن، نورمىدىن ئاشۇرۇپ يۈك بېسىشىنى تۈزەش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، قانۇنغا خىلاپ چەكتىن، نورمىدىن ئاشۇرۇپ يۈك بېسىشنى قەتئىي توسۇپ، تاشيولنىڭ بىخەتەر، راۋان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشى ئېلىپ كەلگەن جەمئىيەت مەسىلىلىرىنى مۇۋاپىق ھەل قىلىپ، كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىش خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتا بولۇشقا تېگىشلىك مەزمۇن، شۇنداقلا مۇقىملىق، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر. ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى ئالاقىدار ئورۇنلار ۋە تارماقلار مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پائال ماسلىشىپ، بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىپ، كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ئەسلىھەلىرى بىلەن تەمىنلەشنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنىڭ تەرەققىيات مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ كۈتۈنۈش خىزمىتى كۈچىنى تولۇقلاش، كۈچەيتىش كېرەك. ئائىلىدە، مەھەللىدە ۋە ئاپپاراتتا كۈتۈنۈشنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياشانغانلارغا غەمخورلۇق قىلىش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، داۋالاش بىلەن كۈتۈشنى بىرلەشتۈرۈش مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئوت مۇداپىئەسى، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قاتارلىقلارنى ئۇنىۋېرسال نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت ياشانغانلارنىڭ كۆپ خىللاشقان، كۆپ قاتلاملىق كۈتۈنۈش مۇلازىمەت ئېھتىياجىنى ئۈنۈملۈك قاندۇرۇپ، ياشانغانلار ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى زور كۈچ بىلەن ئاشۇرۇش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا قارالمىلار تەتقىق قىلىندى.