شىنجاڭ (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا يەنە ئالتە ئاغرىق مىسالى ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى

日期:2020年02月20日
来源:天山网
【字体:

ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلار جەمئىي 20 گە يەتتى

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى2 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، شىنجاڭ (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يەنە ئالتە ئاغرىق مىسالى ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى، بۇنىڭ ئىككىسى ئۈرۈمچى شەھىرىدىن، ئىككىسى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىن، ئىككىسى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىن.

ئالتە ئاغرىق دوختۇرخانىغا كىرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكى ۋە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىدىكى تېببىي خادىملارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ داۋالىشى، مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ بىرلىشىپ دىياگنوز قويۇپ باھالىشى ئارقىلىق، دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىنى ئايرىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە دوختۇرخانىدىن چىقىش ئەڭ يېڭى ئۆلچىمىگە يېتىپ، 2 - ئاينىڭ 19 - كۈنى دوختۇرخانىدىن چىقتى.

ھازىرغا قەدەر، شىنجاڭ (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئاغرىق مىسالى جەمئىي 20 گە يەتتى، دوختۇرخانىدا يېتىپ ئايرىپ داۋالىنىۋاتقانلاردىن 55ى بار.