شىنجاڭ مۇداپىئە مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت ئۆتكىلىدىكى «ۋاراتارلار»

日期:2020年02月20日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر يۈ جياڭيەن، ئىختىيارىي مۇخبىر چېن جىڭۋىي خەۋىرى): تۆمۈريول، ئاۋىياتسىيەدىنتۈركۈم-تۈركۈملەپ مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرى يەتكۈزۈلدى، ئالدى بىلەن بۇ ماددىي ئەشيالارنى كۈتۈۋالىدىغانلار توشۇغۇچى خادىملاردىن باشقا، يەنە مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرىنى جىددىي تەكشۈرۈشتىكى ھالقىلىق تارماق __ ئاپتونوم رايونلۇق دورا تەكشۈرۈش تەتقىقات يۇرتىنىڭ خىزمەتچىلىرى بولۇپ، ئۇلار دەل بۇ مۇداپىئە مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت ئۆتكىلىدىكى «ۋاراتار»لار ئىدى.

  سۈرەتنى ئاپتونوم رايونلۇق دورا تەكشۈرۈش تەتقىقات يۇرتى تەمىنلىگەن.

سالامەت ئەلى ئاپتونوم رايونلۇق دورا تەكشۈرۈش تەتقىقات يۇرتى كەسپىي باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، يېقىنقى بىر نەچچە كۈندىن بۇيان ئۇنىڭ يان تېلېفون نومۇرى ئىدارىنىڭ ئىش بېجىرىش قىزىق لىنىيەسىگە ئايلاندى، 2- ئاينىڭ 15- كۈنى مۇخبىر تېلېفون بېرىپ زىيارەت قىلماقچى بولغاندا، ئۇنىڭ تېلېفونى ئىزچىل ئالدىراش ئىدى.

يۇقۇم يۈز بەرگەندىن بۇيان، شىنجاڭزور تۈركۈمدە مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرىنى سېتىۋالدى. داۋالاش ماددىي ئەشيالىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق دورا تەكشۈرۈش تەتقىقات يۇرتى ئالاقىدار ئەنگە ئالدۇرۇش دوكلاتى تۈزۈمىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ چىقىپ، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى ۋە ئالاقىدار تەكشۈرۈش، ئۆلچەش تارماقلىرىنىڭ ئىجرا قىلىشىغا تارقىتىپ بەردى، سالامەت ئەلى ئالاقىلاشقۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ يان تېلېفون نومۇرى ئېلان قىلىنىپ، ئۇ ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرگە تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلدى.

«ھەر ۋاقىت مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرى پورتقا يېتىپ كېلىدۇ، بولۇپمۇ ئايروپىلان ئارقىلىق يېتىپ كېلىنگەن مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرى ئىچىدە، سەھەر سائەت ئىككىدىن كېيىن يېتىپ كەلگەنلىرى ناھايىتى كۆپ، تېلېفون قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، بىز يەنە ئەۋرىشكە ئېلىش گۇرۇپپىسىنى دەرھال نەق مەيدانغا بېرىشقا ئورۇنلاشتۇرىمىز.» دېدى سالامەت ئەلى.

مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق دورا تەكشۈرۈش تەتقىقات يۇرتىدىن ئىگىلىشىچە، ئارىلاپ تەكشۈرگەندە ئالدى بىلەن داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ماسكا ۋە ئادەتتە ئىشلىتىدىغان ماسكىنى پەرقلەندۈرۈش كېرەك ئىكەن، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ماسكىنى ئاپتونوم رايونلۇق دورا تەكشۈرۈش تەتقىقات يۇرتى ئارىلاپ تەكشۈرىدىكەن، ئادەتتە ئىشلىتىلىدىغان ماسكىنى ئاپتونوم رايونلۇق مەھسۇلات سۈپىتىنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش تەتقىقات ئورنى ئارىلاپ تەكشۈرىدىكەن.

«ئەۋرىشكىنى ئىدارىگە ئېلىپ كېلىپ، مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرىنىڭ مىكرو ئورگانىزىمىنى تەجرىبە قىلىمىز، بۇ تەكشۈرۈش جەريانىغا سەككىز كۈن ۋاقىت كېتىدۇ.» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق دورا تەكشۈرۈش تەتقىقات يۇرتى كەسپىي بۆلۈمى ئارىلاپ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى جاڭ جىفاڭ.

ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە مۇداپىئە ئەشيالىرىنىڭ فىزىكىلىق ئىقتىدارى تەكشۈرۈلىدىكەن، ماسكىنى مىسالغا ئالساق، ئۇنىڭ تارتىش كۈچى، ئېغىرلىقى قاتارلىقلار تەكشۈرۈلىدىكەن.

ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، 1- ئاينىڭ 27- كۈنىدىن 2- ئاينىڭ 14- كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق دورا تەكشۈرۈش تەتقىقات يۇرتى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ماسكىدىن 14 تۈركۈم ( قېتىم )؛ داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان تاشقى كېسەللىكلەر ماسكىسىدىن 2 تۈركۈم (قېتىم)؛ مۇداپىئە كىيىمى بىر تۈركۈم (قېتىم)نى تەكشۈرگەن بولۇپ، جەمئىي 4 مىليون 50 مىڭ دانە ماسكا ۋە 200 يۈرۈش مۇداپىئە كىيىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.