توردا سوت ئېچىش: ئۈرۈمچىدىكى سوت مەھكىمىلىرى «بوشلۇق ئايرىپ» سوت ئېچىشنى يولغا قويدى

日期:2020年02月20日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 2-ئاينىڭ 15-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر يۈ تاۋ): «نۆۋەتتىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋەزىيىتىنىڭ كەسكىنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، دەۋالاشقۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئالاقىدار قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ھەر قايسى تەرەپ دەۋالاشقۇچىلاردىن پىكىر ئېلىش ئارقىلىق، مەزكۇر دېلودا توردا سوت ئېچىش ئەندىزىسى قوللىنىپ سوت ئېچىلىدۇ. ھازىر سوت باشلاندى!»

 2-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، سودىيە بولقىسىنىڭ ئۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، يەنە بىر قېتىملىق «بوشلۇق ئايرىپ» سوت قىلىش دېلوسى ئۈرۈمچى شەھىرى مىچۈەن-دۇڭسەن رايونلۇق سوت مەھكىمىسىدە ئۆز قەرەلىدە ئېچىلدى. ئىككى كۈن ئىلگىرى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى توردا سوت ئېچىپ، بىر ئەمگەك ماجىراسى دېلوسىغا قاراپ چىقىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئالاقە تورىدا سوت ئېچىشتىكى تۇنجى بولقىسىنى ئۇرغانىدى.

  يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئۈرۈمچىدىكى شەھەر، رايون ئىككى دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرى «توردا سوت ئېچىش» ئەندىزىسىنى قوللىنىپ سوت قىلىش خىزمىتىنى كۆپ قېتىم قانات يايدۇردى. توردا سوت ئېچىلغاندا، سوتچى خادىم، دەۋاگەر، جاۋابكار ئۈچ تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ كۆرۈنمە چاستوتا تېرمىنالى ئارقىلىق سوتتا قاراپ چىقىشنى «يۈزتۇرا» ئىشقا ئاشۇردى، سوت ئېچىش جەريانى قېلىپلاشقان، تەرتىپلىك، ئىككى تەرەپنىڭ پىكىر بايان قىلىشى تولۇق، ئېنىق بولۇپ، قانۇن يۈرگۈزۈشنىڭ بارلىق تەرتىپلىرى بوشلۇق ئارىلىقىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىدى.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: توردا سوت ئېچىش ھەم دېلونىڭ ئادىل، ئۈنۈملۈك سوت قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلدى ھەم دەۋالاشقۇچىلارنىڭ دەۋا ھوقۇقى ۋە تەن ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلدى. نۆۋەتتە، ئۈرۈمچىدىكى شەھەر، رايون ئىككى دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرى «پەن-تېخنىكا سوتى»نىڭ دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، توردا سوت ئېچىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە دېلو ئارخىپ ماتېرىياللىرىنى توردا كۆرۈپ، يۇقۇم مۇداپىئە مەزگىلىدە، خەلق ئاممىسىنى سىجىل يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئەدلىيە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.