شىنجاڭدىكى 100دىن ئارتۇق ئاشلىق، ياغ كارخانىسى ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈردى

日期:2020年02月20日
来源:天山网
【字体:
2-ئاينىڭ بېشىدا، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇن كارخانىلىرى ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، بازار تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلدى.

يېقىندا، شىنجاڭ ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيا زاپاس ساقلاش ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، بازاردىكى ئاشلىق، ياغ ماددىي ئەشيالىرىنى مۇقىم تەمىنلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭ ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيا زاپاس ساقلاش تارماقلىرى بانكا بىلەن كارخانىنى تۇتاشتۇرۇش سۇپىسى قۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قەرز پۇل «يېشىل يول»ىدىن تولۇق، ياخشى پايدىلانغان. ھازىرغىچە، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى يەتتە ئاشلىق، ياغ پىششىقلاش كارخانىسىغا 199 مىليون يۈەن قەرز پۇل تارقاتقان.

  نۆۋەتتە، شىنجاڭدىكى ئاشلىق جىددىي ئەھۋالىغا تاقابىل تۇرۇش پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئىش باشلاپ، بازار تەمىناتىغاكاپالەتلىك قىلىشنى تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. 2-ئاينىڭ 14-كۈنىگىچە، شىنجاڭدا ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن ئاشلىق، ياغ پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىسى 113كە يەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىستاتىستىكا قىلىنىپ كۆزىتىپ ئۆلچەشكە كىرگۈزۈلگەن كۈنلۈك پىششىقلاپ ئىشلەش ئىقتىدارى 100 توننىدىن ئاشىدىغان 103 كارخانىنىڭ ئىچىدە 85 كارخانائىشنى ئەسلىگە كەلتۈردى، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش نىسبىتى %82.5 بولدى. يېمەكلىك ئۆسۈملۈك يېغى پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىسىدىن 28ى ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈردى، ئۇننىڭ كۈندىلىك ئىشلەپچىقىرىلىش مىقدارى ئۇدا تۆت كۈن 7500 توننىدىن يۇقىرى بولۇپ، يېمەكلىك يېغىنىڭ كۈندىلىك ئىشلەپچىقىرىلىش مىقدارى ئۇدا تۆت كۈن 650 توننىدىن يۇقىرى بولۇشنى ساقلاپ، كېيىنكى مەزگىلدىكى بازار ئېھتىياجىنى مۇقىم قاندۇرالايدىغان بولدى.

بۇنىڭدىن باشقا، ئاشلىق، ياغ كارخانىلىرىنىڭ مەبلەغ كاپالىتىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، شىنجاڭدىكى ئاشلىق، ماددىي ئەشيا زاپاس ساقلاش تارماقلىرى تېگى-تەكتىنى ئېنىقلاپتەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، نۇقتىلىق ئاشلىق، ياغ كارخانىلىرى بىلەن بانكا، كارخانىلارنى تۇتاشتۇرۇش سۇپىسى قۇرۇپ، ئاشلىق، ياغ كاپالەت كارخانىلىرىنىڭ قەرز پۇل مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىغا ۋاقتىدا ياردەم بېرىپ، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش قەرز مەبلىغى يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئاشلىق، ياغ پىششىقلاش كارخانىلىرىنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىدى.

  2-ئاينىڭ 12-كۈنىگىچە، شىنجاڭدىكى قەرز پۇل ئېھتىياجى بار ئاشلىق، ياغ پىششىقلاش كارخانىلىرى 14كە، قەرز پۇل ئېھتىياجى كۆلىمى 442 مىليون يۈەنگە يەتتى، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى يەتتە ئاشلىق، ياغ پىششىقلاش كارخانىسىغا 199 مىليون يۈەن قەرز پۇل تارقاتتى، بانكا «جىددىي بېجىرىش» پىرىنسىپى بويىچە ئاشلىق، ياغ پىششىقلاش كارخانىلىرىغا كىرېدىت كەسپىنى بېجىرىپ بېرىشنى تېزلەتتى.

ئىگىلىنىشىچە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيالارنى زاپاس ساقلاش تارماقلىرى ئاشلىق، ياغ كارخانىلىرىنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى ياخشى تۇتۇشنى ئاشلىق، ياغ بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم تەدبىرى قىلىپ، پۈتۈن جەمئىيەتتىكى ئاشلىق، ياغ بايلىقىنى بازارنى تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇشقا قاتنىشىشقا بىر تۇتاش سەپەرۋەر قىلىپ، ئاشلىق، ياغ پىششىقلاش كارخانىلىرىنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى قوللاپ، كارخانىلارنىڭ ئاشلىق بىلەن تەمىنلەش، توشۇش-تەقسىملەش، قەرز پۇل كاپالىتى، ئوراش-قاچىلاش بۇيۇملىرىنى تەمىنلەش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەسىلىلىرىنى ۋاقتىدا ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، كارخانىلارنىڭ تېزدىن ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى قوللاپ، بازارغا ئاشلىق، ياغ تارقىتىش سالمىقىنى ئاشۇرغان.