«خوتۇن غەيرەت قىلىڭ، بالىلار بىلەن بىللە سىزنىڭ ساق-سالامەت قايتىپ كېلىشىڭىزنى كۈتىمىز»

日期:2020年02月20日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز ساۋ خۇا خەۋىرى، ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ تىڭتىڭ فوتوسى): «سىزقەشقەرنىڭ پەخرى! ئۆزىڭىزنى ياخشى قوغداڭ! باھار كېلىپ گۈللەر ئېچىلغاندا، سىلەرنىڭ زەپەر قۇچۇپ قايتىپ كېلىشىڭلارنى كۈتىمىز! خوتۇن غەيرەت قىلىڭ، بالىلار بىلەن بىللە سىزنىڭ ساق-سالامەت قايتىپ كېلىشىڭىزنى كۈتىمىز! ۋۇخەن غەيرەت قىل!»

رەيھانگۈل ھامۇت خىزمەت قىلماقتا.

2-ئاينىڭ 14-كۈنىسەھەردە، تاھىرجانقەشقەر ۋىلايەتلىك 2-خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسىدا خۇتۇنىغا بۇ سۆزلەرنى قالدۇرۇپ، خوتۇنىنىڭ ۋاقتى چىققاندا كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلدى. «قالدۇرۇلغان سۆزلەرنى مەن ئىككىنچى كۈنى ئىشتىن چۈشكەندە ئاندىن كۆردۈم، تەسىرلىنىپ يىغلاپ كەتكىلى تاسلا قالدىم. بىزنىڭ ۋۇخەندىكى خىزمىتىمىز گەرچە جاپالىق بولسىمۇ، ئەمما كۆپچىلىكنىڭ كۈرەش ئىرادىسى ناھايىتى كۆتۈرەڭگۈ» دېدى 2-ئاينىڭ 15-كۈنىتايىرجاننىڭ خوتۇنى، قەشقەر ۋىلايەتلىك 2-خەلق دوختۇرخانىسى CCU كېسەلخانىسىنىڭ ئالىي سېستراسى رەيھانگۈل ھامۇت مۇخبىرنىڭ تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا.

رەيھانگۈل ھامۇت بىر ئاغرىقنى پەرۋىش قىلماقتا.

37 ياشلىق تاھىرجان جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھچەكلىك شىركىتىقەشقەر ئۇچاستىكىسى قەشقەر ئۇنىۋېرسال ئاسراش سېخىنىڭئاپتوموبىل شوپۇرى بولۇپ، ئىككى ئوغۇلنىڭ دادىسى.

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش، پەرۋىش قىلىشتا 16 يىللىق خىزمەت تەجرىبىسىگە ئىگە رەيھانگۈلبىرىنچى سەپكە بېرىپ، ۋۇخەنگە ياردەم بېرىشكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن تىزىملاتتى.

بۇ چاغدا، تاھىرجان ماددىي ئەشيالارنى توشۇش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، ئۇدا نەچچە كۈن خىزمەت قىلىپ، ئۆيىگە قايتىشقا ۋاقىت چىقىرالمىغانىدى.

يولغا چىقىشئالدىدا، رەيھانگۈل ئىككى ئوغلىۋە 70 نەچچە ياشلىق ئاتا-ئانىسىنى ئورۇنلاشتۇردى. 2-ئاينىڭ 4-كۈنى، ۋۇخەنگە ياردەم بېرىش پەرۋىششۆبە ئەترىتى ئايرودرومدا يىغىلغاندا، ئاندىن رەيھانگۈل تاھىرجانغا تېلېفون قىلدى. تايىرجان شۇ چاغدىلاخوتۇنىنىڭ ۋۇخەنگە ياردەمگە بارىدىغانلىقىنى بىلدى، ئۇ ئالدىراپ ئايرودرومغا كېلىپ، ئايرودرومئەتراپىدىن ناندىن 10نى ئېلىپ خوتۇنىغا تۇتقۇزدى. ئۇ خوتۇنى بىلەنكۆرۈشكەندە، ئايروپىلان ئۇچۇشقا ئازلا قالغانىدى، ئىككىيلەن كۆپ پاراڭلىشىشقائۈلگۈرەلمەيلا، رەيھانگۈل يولغا چىقتى.

«مەن ئۇنىڭ بىرىنچى سەپتە جاپالىق جەڭ قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىمەن، بەزىدە تېلېفون قىلسام، ئۇ ئىشلەۋاتقاچقا ئالالمايدۇ، شۇڭا مەن ئىزچىل پۇرسەت تېپىپ ئۇنىڭغا ئىلھامۋە تەسەللىي بېرىشنى ئويلاپ كەلگەن» دېدى تاھىرجان، 2-ئاينىڭ 14-كۈنى كەچتە، ئۇ قەشقەر ۋىلايەتلىك 2-خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسىدا خوتۇنىغايۇقارقى سۆزلەرنى قالدۇردى. «مەن ئۇنىڭ كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى ئۇنى ساقلاۋاتىمىز» دېدى تاھىرجان.

رەيھانگۈل ھامۇت خىزمەتداشلىرى بىلەنغەلىبە قول ئىشارىتىنى چىقىرىپ تۇرۇپ خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

تاھىرجانۋۇخەنگە ياردەم بېرىپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدىكى خوتۇنىغا سۆز قالدۇرۇپ، ئۆزلىرىگە مەنسۇپبولغان 2020-يىللىق ئەڭ گۈزەل مۇھەببەت ئىزھارىنى يوللىدى، ئاممىۋى ئۈندىدار سۇپىسىنى قوشۇۋالغان نۇرغۇن كىشى بۇنىڭدىن تەسىرلەندى، كۆپچىلىك بەس-بەستە سۆز قالدۇرۇپ، رەيھانگۈلگە مەدەت بەردى.

«ھاياتلىقنىڭ ئۆزىنى تاۋلىنىشتۇر» ناملىق تورداش مۇنداق سۆز قالدۇردى:ئاق خالاتلىق پەرىشتىلەرگە ھۆرمەت بىلدۈرىمىز!

«خۇەنخۇا مىشۆ» ناملىق تورداش مۇنداق سۆز قالدۇردى:غەيرەت قىلىڭ، رەيھانگۈل! يۇرتىمىزدىكى خەلقسىزدىن پەخىرلىنىدۇ، ئىپتىخارلىنىدۇ، گۈزەل قەشقەردە سىزنىڭ زەپەر قۇچۇپ قايتىشىڭىزنى كۈتىمىز.

«تونۇش ۋە ناتونۇشكىشىلەرنىڭ سۆز قالدۇرۇپ، ماڭا ئىلھام بەرگەنلىكىنى كۆرۈپ ئىنتايىن تەسىرلەندىم. مەن خىزمەتداشلىرىم بىلەن بۇرچۇمنى ئادا قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلبە قىلىش ئۈچۈن شىنجاڭ داۋالاش خادىملىرىنىڭ كۈچىنى قوشىمەن» دېدى رەيھانگۈل.