باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى نەتىجە - ئۈنۈمى ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش كېرەك

日期:2020年01月20日
来源:新疆日报
【字体:

چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى نەتىجە - ئۈنۈمى ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش كېرەك

شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن قاتناشتى، ياڭ شىن رىياسەتچىلىك قىلدى

1 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 5 - ئومۇمىي يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

(پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز سۈي جىجيەن فوتوسى)

پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرىمىزياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇيخەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 5 - ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى نەتىجە - ئۈنۈمى ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش كېرەك.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان، جاڭ چۇنلىن يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ياڭ شىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىدىكى ئالاقىدار يولداشلار يىغىنغا كېلىپ يېتەكچىلىك قىلدى.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭ 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تارىخىي كېسىشىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى چوڭقۇر يەكۈنلەپ، پارتىيەمىزنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك يولى، ئۈنۈملۈك تۈزۈمىنى چوڭقۇر ئىزاھلاپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتا جەزمەن «نېمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە نېمىنى مۇستەھكەملەش، نېمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە نېمىنى راۋاجلاندۇرۇش»تىن ئىبارەت مۇھىم، زور مەسىلىگە چوڭقۇر جاۋاب بېرىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى نەتىجە - ئۈنۈمى ئارقىلىق دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشقا قارىتا ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، بۇ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا سىجىل تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم، زور يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، يېڭى دەۋردە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشنى مۇھىم مىزان بىلەن تەمىنلىدى، تىرىشىش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى. قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يېڭى دەۋردە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلەش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 2019 - يىلى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكى، يېتەكچىلىكىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىدا ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە يېڭى نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىدە يېڭى ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 2020 - يىلى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىدىغان، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىدىغان ۋە «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل. «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2 - ، 3 - ، 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، بىر قولدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تۇتۇش، بىر قولدا پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، ئۇنىڭدا قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھوقۇق يۈرگۈزۈشنى چەكلەش ۋە نازارەت قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان بولۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلار قوشۇنىنى قۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

بىرىنچى، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئۆگىنىپ، ۋاقتىدا يېتىشىپ ئۆگىنىپ، ئەمەلىيەتكە باغلاپ ئۆگىنىپ، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىرادىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، قەلبلەرگە سىڭدۈرۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ئىككىنچى، سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي تۈردە «ئىككىنى قوغداش» ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، سىياسىي ئاڭلىقلىق ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى باش ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي يۆنىلىشنى توغرا ئىگىلەپ، سىياسىي مەيداننى مۇستەھكەملەپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق «ئىككىنى قوغداش»نى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يولدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، بارلىق ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇيرۇقى ۋە قوماندانلىقىغا بويسۇنۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، باشتىن - ئاخىر سىياسىيدا زېرەك ئادەم، سەمىمىي ئادەم بولۇش كېرەك.

ئۈچىنچى، سىياسىي نازارەتچىلىكنى چىڭىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. «ئىككىنى قوغداش»تا چىڭ تۇرۇشنى يېڭى دەۋردە سىياسىي نازارەتچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىشتىكى باش ۋەزىپە قىلىپ، سىياسىي نازارەتچىلىكنى دائىملاشتۇرۇش، كونكرېتلاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، سىياسىي ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى نازارەت قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سىياسىي كۆزىتىش ۋە كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باشتىن - ئاخىر باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسەتكەن توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

تۆتىنچى، خەلقنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇش، ياخشى قوغداش، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. خەلق مەركەز قىلىنغان خىزمەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، كۈچلۈك نازارەت قىلىش، ئىنتىزام ئىجراسى ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات، خەلق تۇرمۇشىنى سىجىل ياخشىلاش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش ۋە تۈرلۈك ئاممىۋى خىزمەتلەرنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە ئاممىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداپ، ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئېسىل ئىستىل ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش كېرەك.

بەشىنچى، ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيەنى يارىتىش ۋە قوغداش كېرەك. «قاتتىق» بولۇش ئاساسىي رىتىمىدا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، چىرىكلىكنى تۈزەش ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ھوقۇق يۈرگۈزۈش قەيەرگە بارسا، نازارەت قىلىشنى شۇ يەرگىچە يەتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاپ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى تۇتۇپ، دىققەتنى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىشنى تۇتۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق مەسىلىلىرىنى گەۋدىلىك تۈزەپ ئىستىلنى تۇتۇپ، ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈم ئارقىلىق خەلق ئاممىسىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىش كېرەك.

ئالتىنچى، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان بولۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش تۈزۈلمە - مېخانىزمى بەرپا قىلىش كېرەك. بىرتۇتاش پىلانلاش، تۇتاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىش، بىرتۇتاش پىلانلاپ بىرلىشىپ ھەرىكەتكە كېلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىنتىزام ئىجراسىنى نازارەت قىلىشتىكى «تۆت خىل ھالەت»نى چوڭقۇر تەتبىقلاپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان چۆچۈتۈشنى سىجىل يەنىمۇ كۈچەيتىپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق قەپىسىنى چىڭىتىپ، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان بولۇش ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئۈنۈم، ئىنتىزام - قانۇن ئۈنۈمى، جەمئىيەت ئۈنۈمىنى ئورگانىك بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

يەتتىنچى، تۈزۈمنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھوقۇق يۈرگۈزۈشنى چەكلەش ۋە نازارەت قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيەنى تۈزۈم بويىچە ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى نىزام بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈزۈم ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۈزۈمگە ئاڭلىق بويسۇنۇپ، تۈزۈمنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، تۈزۈمنىڭ نوپۇزىنى قوغداپ، قاتتىق ئىنتىزام ئىجراسى، قانۇن ئىجراسى ئارقىلىق تۈزۈمنىڭ مەزمۇتلىقىنى كۈچەيتىپ، ھوقۇق يۈرگۈزۈشنى چەكلەش ۋە نازارەت قىلىش كېرەك.

سەككىزىنچى، ئىسلاھاتنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيەنى قېلىپلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. فۇنكسىيەنى ئۆزگەرتىش، ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىش، ئىستىلنى ياخشىلاشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە بىرتۇتاش قوماندانلىق قىلىشنىڭ نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىسلاھات ۋەزىپىسىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەقىقىي تۈردە ئىسلاھات نەتىجىلىرىنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى (پارتىيە گۇرۇپپىلىرى) سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك؛ پارتىيە كومىتېتى (پارتىيە گۇرۇپپىسى) شۇجىلىرى بىرىنچى مەسئۇل كىشىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى، بەنزە ئەزالىرى «بىر ئىش ئورنىدا قوش مەسئۇلىيەت بولۇش»نى ئادا قىلىشى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار تىرىشچان، پاك بولۇشتا ئالدىنقى قاتاردا مېڭىشى، ئۈلگە بولۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى، رېۋىزىيە كومىتېتلىرى نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نازارەت قىلىپ، دەل جايىدا نازارەت قىلىپ، ئىجادىي نازارەت قىلىپ، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك ۋە دۆلەت رېۋىزىيەسىنى يۇقىرى سۈپەتتە، دائىملاشتۇرۇپ ياخشى تۇتۇشى كېرەك؛ ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلىرى ئاساسىي مەسئۇلىيەت، ئاساسىي كەسىپنى ياخشى تۇتۇپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن مۇقەددەس بۇرچنى ياخشى ئادا قىلىشى كېرەك. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلار قوشۇنىنىڭ ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولغان، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان، كۈرەش قىلىشقا ماھىر، يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلار قوشۇنىنى كۈچەپ بەرپا قىلىشى كېرەك. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىپ ۋە ئۇنى قوللاپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن پايدىلىق شارائىت يارىتىش كېرەك. تەشۋىقات ئاممىۋى پىكىر يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىدا ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىدە ياخشى كەيپىيات يارىتىشنى پائال چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

ياڭ شىن ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن «دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك» دېگەن تېمىدا خىزمەت دوكلاتى بەردى.

يىغىن تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەن رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايون (مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى ۋەكىللىرى ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى.