ئاپتونوم رايون دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم كادىرلار سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

日期:2020年01月20日
来源:新疆日报
【字体:

چېن چۈەنگو سۆز قىلدى ھەم پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى پېشقەدەم يولداشلارغا چاغانلىق گۈزەل تىلەكلەرنى تىلىدى

شۆھرەت زاكىر رىياسەتچىلىك قىلدى، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى پېڭشىن قاتناشتى

1 - ئاينىڭ 19 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايون دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم كادىرلار سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ 2019 - يىللىق مۇقىملىق، تەرەققىيات، ئىسلاھات خىزمىتى ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى، پېشقەدەم رەھبەرلەر، پېشقەدەم يولداشلارنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە قارىتا پىكىر - تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى پېڭشىن، ئەركىن تۇنىياز، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۇنلىن سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

سۆھبەت يىغىنى باشلىنىشتىن بۇرۇن، چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن قاتارلىق رەھبەرلەر ھەرقايسى پېشقەدەم رەھبەرلەر، پېشقەدەم يولداشلار بىلەن بىر - بىرلەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئۆزئارا چاغانلىق سالام يوللىدى.

سۆھبەت يىغىنىدا، چېن چۈەنگو پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ 2019 - يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى، 2020 - يىللىق خىزمەت ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تونۇشتۇردى. چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن ھەرقايسى پېشقەدەم رەھبەرلەر، پېشقەدەم يولداشلارنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتى ئۈچۈن قوشقان مۇھىم تۆھپىسى، سىڭدۈرگەن جاپالىق ئەجرىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى، ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى پېشقەدەم يولداشلارغا چاغانلىق گۈزەل تىلەكلەرنى تىلىدى.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پېشقەدەم كادىرلار خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، باشتىن - ئاخىر پېشقەدەم كادىرلارنى ھۆرمەتلىدى، چىن ھېسسىياتى بىلەن پېشقەدەم كادىرلارنى ئاسرىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پېشقەدەم كادىرلار خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پېشقەدەم يولداشلارنىڭ كۆرسەتكەن تۆھپىسىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پېشقەدەم يولداشلارنىڭ روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى تېخىمۇ جان - دىل بىلەن ياخشى ئىشلەپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پېشقەدەم كادىرلار خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك. مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، پېشقەدەم كادىرلارنىڭ تارىخىي تۆھپىسىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، پېشقەدەم كادىرلارنىڭ ئەمەلىي رولىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ھەقىقىي تۈردە پېشقەدەم كادىرلار خىزمىتىنى مۇھىم كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈپ، مۇھىم مەسىلىلەر، مۇھىم ئىشلارنى ۋاقتىدا تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىش كېرەك. پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پېشقەدەم كادىرلار خىزمىتىدە باشتىن - ئاخىر شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان كادىرلارنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشى، ئىدىيەۋى قۇرۇلۇشى ۋە پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئالاھىدە رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پېشقەدەم يولداشلارنىڭ پارتىيەنىڭ قىزىل گېنىغا ۋارىسلىق قىلىش، پارتىيەنىڭ ئىنقىلابىي مەدەنىيىتىنى پۇختىلاش، پارتىيەنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش، ئەۋلادلارنى تەربىيەلەشكە كۆڭۈل بۆلۈش، ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ئەۋزەل رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللاش كېرەك. مۇلازىمەت كاپالىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئىدىيەدە كۆڭۈل بۆلۈش، تۇرمۇشتا ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، مەنىۋى جەھەتتە غەمخورلۇق قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پېشقەدەم كادىرلار خىزمىتى توغرىسىدىكى تۈرلۈك فاڭجېن - سىياسەتلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھەل قىلىپ، پېشقەدەم يولداشلارنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنەلەيدىغان بولۇشى، ياشانغاندا يۆلەنچۈكى بولۇشى، ياشانغاندا ئۆگىنەلەيدىغان بولۇشى، ياشانغاندا خۇشاللىقى بولۇشى، ياشانغاندا ماكانى بولۇشىغا ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرىپ، پېشقەدەم يولداشلارنىڭ ئاخىرقى ئۆمرىنى خاتىرجەم، بەختلىك ئۆتكۈزۈشىگە ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىش كېرەك. تەشۋىقات سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە پېشقەدەم يولداشلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، پېشقەدەم يولداشلارنى ئاسرايدىغان، پېشقەدەم يولداشلاردىن ئۆگىنىدىغان قويۇق كەيپىيات يارىتىش كېرەك.

چېن چۈەنگو پېشقەدەم رەھبەرلەر، پېشقەدەم يولداشلارنىڭ شەرەپلىك تارىخنى قەدىرلەپ، سىياسىي خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلاپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى ئۈچۈن يەنە يېڭى تۆھپە قوشۇشتەك سىياسىي قىزغىنلىقىنى ساقلاپ، تۇلپار قېرىسىمۇ تۇيىقى سوۋۇماسلىق، قېرىغانسېرى جۇشقۇن بولۇشتەك ساغلام روھىي ھالەت ۋە ئالغا ئىنتىلىش روھىنى ساقلاپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات، ئىسلاھاتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە بۇرۇنقىدەك كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ئۇنى قوللاپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن ۋەن خەيچۇەن، ياڭ يۇڭ قاتارلىقلار سۆھبەتكە قاتناشتى.