قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ پەيزاۋات ناھىيەسى تەۋەسىدە 6.4 بال يەر تەۋرىدى

日期:2020年01月20日
来源:新疆日报
【字体:

چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر بىرىنچى ۋاقىتتا ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ، ئاپەت ئەھۋالىنى چىڭ تۇتۇپ تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، خەتەرلىك بەلباغدىكى ئاممىنى يۆتكەپ، تارقاقلاشتۇرۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن يارىلانغانلارنى قۇتقۇزۇپ - داۋالاپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، سوغۇقتىن مۇداپىئەلىنىش - ئىسسىقلىق ساقلاش ۋە يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى


1 - ئاينىڭ 19 - كۈنى سائەت 21دىن 27 مىنۇتلار ئۆتكەندە، شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ پەيزاۋات ناھىيەسى تەۋەسىدە 6.4 بال يەر تەۋرىدى، تەۋرەش مەركىزى شىمالىي كەڭلىك 39.83 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 77.21 گىرادۇستا بولۇپ، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 16 كىلومېتىر. تەۋرەش مەركىزى تاغلىق رايونغا تەۋە بولۇپ، پەيزاۋات ناھىيە بازىرىغا تەخمىنەن 55 كىلومېتىر كېلىدۇ. سائەت 23تىن 30 مىنۇت ئۆتكەنگە قەدەر، دەسلەپكى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشتە بىر ئادەمنىڭ ئېغىر يارىلانغانلىقى، ئىككى ئادەمنىڭ يېنىك يارىلانغانلىقى ئېنىقلاندى، كونكرېت ئاپەت ئەھۋالى، زىيان يەنىمۇ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىۋاتىدۇ.

يەر تەۋرەش يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر بىرىنچى ۋاقىتتا ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ، ئاپەت ئەھۋالىنى چىڭ تۇتۇپ تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، خەتەرلىك بەلباغدىكى ئاممىنى دەرھال يۆتكەپ تارقاقلاشتۇرۇش، پۈتۈن كۈچ بىلەن يارىلانغانلارنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش، جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى يولغا قويۇپ، تەۋرەش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەشنى كۈچەيتىپ، قالدۇق يەر تەۋرەشنىڭ ئىككىلەمچى ئاپەت كەلتۈرۈپ چىقىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، سوغۇقتىن مۇداپىئەلىنىش - ئىسسىق ساقلاش ۋە يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاۋ چىڭ جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش، يەر تەۋرەش، خەلق ئىشلىرى، سەھىيە قاتارلىق تارماقلاردىكى خادىملارنى باشلاپ يەر تەۋرىگەن رايونغا بېرىپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ماسلاشتۇردى ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلدى. قەشقەر ۋىلايىتى ۋە پەيزاۋات ناھىيەسى دەرھال جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى يولغا قويدى، ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار مۇناسىۋەتلىك تارماق ۋە كەسپىي كۈچلەرنى باشلاپ يەر تەۋرىگەن رايوندىكى بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاپەت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، ئادەملەرنى يۆتكەپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى پائال قانات يايدۇرماقتا.

نۆۋەتتە، شۇ يەرنىڭ جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتى مۇقىم بولۇپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى جىددىي، تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلماقتا.