ئاپتونوم رايون تەشۋىقات بۆلۈمى باشلىقلىرى يىغىنى ئاچتى

دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ياخشى جەمئىيەت كەيپىياتى يارىتىش كېرەك

日期:2020年01月20日
来源:新疆日报
【字体:

1 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، ئاپتونوم رايون تەشۋىقات بۆلۈمى باشلىقلىرى يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، خىزمەتلەرنى خۇلاسىلىدى، ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلدى، 2020 - يىللىق تەشۋىقات، ئىدىيە خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى تيەن ۋېن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى رېن خۇا مەملىكەتلىك تەشۋىقات بۆلۈمى باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دىققەتنى شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشنى چىڭ كۆزلەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ياخشى جەمئىيەت كەيپىياتى يارىتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك؛ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشنى چۆرىدەپ، مۇھىم، زور باش تېما تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭ تۇپرىقىدا ۋەتەننى سۆيۈش، ئىتتىپاقلىشىش، كۈرەش قىلىش، ئۆزىنى بېغىشلاشنىڭ دەۋر ئاساسىي مېلودىيەسىنى ياڭرىتىش كېرەك؛ ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش قاتارلىقلار ئارقىلىق مىللەتنى گۈللەندۈرۈش زور ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالىدىغان دەۋر يېڭى كىشىلىرىنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈش كېرەك؛ مەدەنىيەت، ئەدەبىيات - سەنئەتنى گۈللەندۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشقا بولغان يېڭى ئارزۇسىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇش كېرەك؛ مەسئۇلىيەتنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدېئولوگىيە خىزمىتىنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك؛ تاشقى تەشۋىقاتنى ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ ياخشى ئوبرازىنى تولۇق نامايان قىلىش كېرەك؛ ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسىنى پۇختىلاپ، ئاساسىي قاتلام تەشۋىقات، ئىدىيە خىزمىتىنىڭ كۈچىيىشىگە، ئەمەلىي بولۇشىغا، قەلبلەرنى ئىللىتىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، خىزمەت قوشۇنىنى كۈچلۈك قۇرۇپ، پارتىيەنىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش كېرەك.