بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن كۆزەتكۈچىسى

جاڭ دۇڭبىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغاچقا، پارتىيەدىن قوغلاندى ۋە خىزمەتتىن ھەيدەلدى

日期:2020年01月19日
来源:新疆日报
【字体:

يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن كۆزەتكۈچىسى جاڭ دۇڭبىڭنىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى دېلو تۇرغۇزۇپ قاراپ چىقىپ تەكشۈردى.

تەكشۈرۈلۈشىچە، جاڭ دۇڭبىڭ غايە - ئېتىقادىنى يوقاتقان، قىلچە سىياسىي ئېڭى يوق بولۇپ، گۇرۇھۋازلىق قىلغان، گۇرۇھ ئۇيۇشتۇرغان، تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشىگە قارشىلاشقان، دەلىل - ئىسپاتنى يوشۇرغان، خۇراپاتلىق پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان؛ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىپ، سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇل قوبۇل قىلغان؛ كېڭىشىش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، مۇھىم، زور مەسىلىلەردە ئۆزى قارار چىقارغان؛ ۋەزىپىسىدىكى تەسىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزى تۆلەشكە تېگىشلىك خىراجەتنى قاراشلىق ئورۇننىڭ تۆلىشىگە ئورۇنلاشتۇرغان، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتەپ ھەق ئالغان؛ تۇرمۇشتا چىرىكلەشكەن، چۈشكۈنلەشكەن، ئەخلاقتا بۇزۇلغان؛ ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، ئاممىۋى مال - مۈلۈكنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىپ، باشقىلارغا نەپ يەتكۈزگەن ھەم زور سوممىلىق مال - مۈلۈكنى قوبۇل قىلغان، خىزمەت ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىپ، دۆلەت مەنپەئىتىنى ئېغىر، زور زىيانغا ئۇچراتقان.

جاڭ دۇڭبىڭ پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى، تەشكىلىي ئىنتىزامى، پاكلىق ئىنتىزامى، تۇرمۇش ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش ھەم خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق، خىزمەت ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىشقا چېتىشلىق جىنايەت شەكىللەندۈرگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن كېيىن نەپسىنى يىغمىغان، قولىنى تارتمىغان، خاراكتېرى ئىنتايىن ئېغىر، تەسىرى ئىنتايىن يامان بولغاچقا، قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى» «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رېۋىزىيە قانۇنى» قاتارلىق ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا تەتقىق قىلىش ھەم ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومغا سۇنۇپ تەستىقلىتىش ئارقىلىق، جاڭ دۇڭبىڭغا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىش؛ ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتى خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىش؛ ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىش؛ ئۇنىڭ جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىلىرىنى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىش، چېتىشلىق مال - مۈلكىنى دېلو بىلەن بىللە ئۆتكۈزۈپ بېرىش قارار قىلىندى.