ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش  پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش

− 2019- يىلى ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىش خىزمىتى توغرىسىدا ئۇنىۋېرسال بايان

日期:2020年01月19日
来源:新疆日报
【字体:

يامانغا زەربە بېرىپ، ياخشىغا مەدەت بېرىپ، توغرا كەيپىياتقا تولۇش؛ گۈزەل دەۋرنى قەدىرلەپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش.

2019 - يىلىغا نەزەر سالساق، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى ئومۇميۈزلۈك يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۈزۈم قەپىسىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، «تۆت خاھىش»نى قەتئىي بوشاشماي تۈزىتىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، شىنجاڭنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە يېڭى نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى.

بۇ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلىگەن بىر يىل − ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش قەدىمىگە يېقىندىن ئەگىشىپ، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى ۋە «بىر ئىش ئورنىدا قوش مەسئۇلىيەت بولۇش»نى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، بىر قولدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامىنى قوغداشنى تۇتۇش، بىر قولدا پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيەنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى «ئىككى مەسئۇلىيەت»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ يىلتىز تارتقۇزدى.

بۇ، شەمشەرنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، يامانغا زەربە بېرىپ، ياخشىغا مەدەت بەرگەن بىر يىل − مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇپ، چەكلەنگەن رايون بولماسلىق، تولۇق قاپلاش، قىلچە يول قويماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، توسۇشقا ئەھمىيەت بېرىش، يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى كۈچەيتىش، ئۇزاققىچە چۆچۈتۈشتە چىڭ تۇرۇپ، بەلگىلىمە بويىچە، ئىنتىزام بويىچە، قانۇن بويىچە مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ، يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى سىجىل ساقلاپ، ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، رەزىللىكنى جازالاپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇتلەق غەلىبىسىنى مۇستەھكەملىدى ۋە راۋاجلاندۇردى.

بۇ، غەيرەتنى ئۇرغۇتقان، ئىستىلنى تاۋلىغان بىر يىل − نامراتلارنى يۆلەش ساھەسى، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىگە بولغان نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇر قاتلامدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا كېڭىيىشىگە تۈرتكە بولۇپ، خاتالىقنى سىغدۇرۇش، خاتالىقنى تۈزىتىش چارىسىنى تۈزۈپ يولغا قويۇپ، كادىرلارنى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈردى، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىدىغان كەيپىياتنى بارغانسېرى قويۇقلاشتۇرۇپ، ياخشى بولغان پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلى جەمئىيەت ئىستىلى، خەلق ئىستىلىنىڭ يۈكسىلىش، ياخشىلىققا يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولدى.

بوشاشماي، قەدەمنى توختاتماي، قايتا يولغا چىقىش. بىر يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئارقا - ئارقىدىن «بىرىكمە مۇشت» ئېتىپ، ئارقا - ئارقىدىن ئەمەلىي «نەتىجە قەغىزى» تاپشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچى بولۇپ باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش

2019 - يىلى 5 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 9 - نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 5 - نۆۋەتلىك كۆزىتىشىدە قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىشى كۈچلۈك بولمىغان ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتى، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىق نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىغا ئەزا 16 ئورۇندىكى پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى بىلەن كوللېكتىپ سۆھبەتلەشتى؛ 6 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 6 - نۆۋەتلىك كۆزىتىشىدە «قايتا قاراپ چىقىش»تا ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىشى كۈچلۈك بولمىغان، نازارەت قىلىشى كۈچلۈك بولمىغان ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، شىنجاڭ كەسپىي داشۆسى قاتارلىق تۆت ئورۇن پارتكومىنىڭ «بىرىنچى قول رەھبەر»لىرى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئاپپاراتىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى بىلەن كوللېكتىپ سۆھبەتلەشتى...

پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا، مۇھىمى «ئىككى مەسئۇلىيەت»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش.

بىر يىلدىن بۇيان پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش قەدىمىنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىش مۇساپىسىگە تەپسىلىي قاراپ چىقساق، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى باش ئورۇنغا قويۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلىيلەشتۈردى. 2019 - يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم كۆپ قېتىم دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئېچىپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلدى. مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش، «ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى»نى ياخشى قىلىش قاتارلىق سىياسەت - تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى نۇقتىلىق كۈچەيتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ بىر - بىرلەپ ئەمەلىيلىشىشى، تۈرمۇتۈر ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، بايرىقى روشەن ھالدا پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى، بولۇپمۇ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك ئىنتىزام كاپالىتىگە ئىگە قىلدى. مەركەز شىنجاڭنى كۆزىتىپ قايتما ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى ياخشى تۇتۇپ، تۈزىتىش ھېسابات دەپتىرى تۈزۈپ، كەم - كوتسىز، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈردى. «پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)نىڭ نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىشنىڭ <بىرىنچى خىل ھالىتى>نى تەتبىقلىشىنى يولغا قويۇش چارىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»نى بېسىپ تارقىتىپ، رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنى دائىملىق نازارەت قىلىش ۋە ھەر تەرەپلىمە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارغا ئۈلگە بولدى.

پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى پارتىيە نىزامنامىسى ۋە ئاساسىي قانۇندا يۈكلەنگەن ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئادا قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى قەيەرگىچە بارسا، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنىمۇ شۇ يەرگىچە يەتكۈزۈشتە چىڭ تۇردى. دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، بىر قولدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى، بىر قولدا پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى نۇقتىلىق نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، سىياسىي ئىنتىزام، سىياسىي قائىدىگە رىئايە قىلىش ئەھۋالى، پارتىيە نىزامنامىسى ۋە پارتىيە ئىچىدىكى باشقا نىزاملارنى ئىزچىللاشتۇرۇش، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرى ۋە قارارلىرىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالى، «يەتتە بولۇش» «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» «ئىككى يۈزلىمىچى» قاتارلىق مەسىلىلەرنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتتى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۈچلۈك تۈرتكىسىدە، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيەنىڭ رەھبىرىي كادىرلىرى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى ۋە «بىر ئىش ئورنىدا قوش مەسئۇلىيەت بولۇش»نى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، كۈندىلىك خىزمەتلەردە بىرىنچى ئۆتكەلنى چىڭ تۇتۇپ، مەسىلىلەرنى بىخ ھالىتىدىلا يوقىتىشقا كۈچىدى.

«ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئورۇنلاشتۇرما قىلغان «2+8» مەخسۇس تۈزەشنى چىڭ كۆزلەپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى مەخسۇس تۈزەشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇردى، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى مەخسۇس تۈزەشنى پۇختا قانات يايدۇردى، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ «قولىدىكى ھوقۇقتىن پايدىلىنىپ شەخسىي مەنپەئەتنى كۆزلەش» مەسىلىسىنى قاتتىق تۈزىدى... خەلققە بولغان سەمىمىي ھېسسىيات بىلەن ئەسلىي مەقسەتنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، مۇستەھكەم چاكارلىق ئېڭى ئارقىلىق ئەسلىي مەقسەتنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، بايرىقىمىز روشەن ھالدا ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىسىگە ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، خەلق ئاممىسى نېمىگە قارشى تۇرسا، نېمىدىن نەپرەتلەنسە، بىز شۇنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ ۋە تۈزىتىپ، ئومۇمەن ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان مەسىلىنىڭ ھەممىسىگە كەسكىن، ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، ئومۇمەن ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان قىلمىشنىڭ ھەممىسىنى قەتئىي تۈزىتىپ، خەلق ئاممىسىغا ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ يېنىدىلا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇپ، ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتۇق.

دەل جايىدا، ئۈنۈملۈك تەكشى كۈچەش

2019 - يىلىنىڭ بېشىدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 1059 ناھىيە دەرىجىلىك رېۋىزىيە كومىتېتى ئەۋەتكەن يېزا - بازار (كوچا باشقارمىسى) رېۋىزىيە ئىشخانىسىنىڭ ھەممىسى ۋىۋىسكا ئېسىپ قۇرۇلدى، ئەۋەتىلگەن رېۋىزىيە ئىشخانىلىرى يېزا - بازار (كوچا باشقارمىسى)لىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېت (ئىنتىزام تەكشۈرۈش خىزمىتى كومىتېت)لىرى بىلەن بىرلىشىپ ئىش بېجىرىپ، ھەم ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلدى، ھەم دۆلەت رېۋىزىيە ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلدى؛ پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى ئىنتىزام ۋە قانۇندىن ئىبارەت ئىككى ئۆلچەمدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىنتىزام ئىجراسى بىلەن قانۇن ئىجراسىنى تۇتاشتۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرىنى كۈندىلىك باشقۇرۇش، نازارەت قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتتى؛ ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتى تەكلىپ قىلغان تۇنجى نۆۋەتلىك تەكلىپلىك رېۋىزورلار «كىنىشكا بىلەن ئىش ئورنىغا چىقتى»...

بىر يىلدىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى «ئورۇن بەلگىلەشنى نازارەت قىلىشقا قاراپ مەركەزلەشتۈرۈش، مەسئۇلىيەتنى نازارەت قىلىشقا قاراپ چىڭىتىش، كۈچنى نازارەت قىلىشقا قاراپ مايىللاشتۇرۇش» تەلىپىگە ئاساسەن، ئىنتىزام نازارەتچىلىكى، رېۋىزىيە نازارەتچىلىكى، كۆزىتىش - تەكشۈرۈش نازارەتچىلىكى، تۇرۇشقا ئەۋەتىلگەن ئاپپاراتلار نازارەتچىلىكىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ جىپسىلاشتۇرۇپ، سىياسىي نازارەتچىلىكنىڭ نېگىزلىك ئورنىنى بېكىتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كۈندىلىك نازارەتچىلىك، ئۇزاق مۇددەتلىك نازارەتچىلىكتە يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىش، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە كۈچەپ، نازارەتچىلىكنىڭ بىرىكمە كۈچىنى جارى قىلدۇرۇپ، نازارەتچىلىك ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى پۇختا، ئىنچىكە ئادا قىلدى.

− نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىشتىكى «تۆت خىل ھالەت»نى چوڭقۇر تەتبىقلاپ، ساقلانما مىقدارنى ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىش - تۈگىتىش، ئېشىش مىقدارىنى نازارەت قىلىش - توسۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئارقىلىق سىياسىي ئۈنۈم، ئىنتىزام - قانۇن ئۈنۈمى، جەمئىيەت ئۈنۈمىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى. «پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)نىڭ نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىشنىڭ <بىرىنچى خىل ھالىتى>نى تەتبىقلىشىنى يولغا قويۇش چارىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»دىن پايدىلىنىش ئەھۋالىنى يىللىق باھالاشقا كىرگۈزۈپ، پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)نىڭ پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ «تۆت خىل ھالەت»نى تەتبىقلىشىدا تەتۈر پىرامىدا شەكىللىك قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئالاھىدىلىك نامايان بولدى، بالدۇر تۇتۇش، كىچىكىدە تۇتۇش، بىخ ھالىتىدىلا يوقىتىشنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى.

− تۇرۇشقا ئەۋەتىپ نازارەت قىلىشقا ئومۇميۈزلۈك سىجىل كۈچىدى. ماھىيەتلىك مەزمۇن شەكلىدىكى تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك پارتىيە ۋە دۆلەت ئورگانلىرىغا ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە گۇرۇپپىلىرى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتى كومىتېتلىرىنى تۇرۇشقا ئەۋەتتى، ئالىي مەكتەپ، دۆلەت كارخانىلىرىدا رېۋىزىيە ئىشخانىسى تەسىس قىلدى، شىنجاڭ داشۆ، جۇڭتەي گۇرۇھىدا ۋاكالەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇردى؛ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ۋىلايەت، ناھىيەدىن ئىبارەت ئىككى دەرىجىلىكتە جەمئىي 816 تۇرۇشقا ئەۋەتىلگەن (ئەۋەتىلگەن) ئاپپارات تەسىس قىلىپ، تۇرۇشقا ئەۋەتىپ نازارەت قىلىشنىڭ تولۇق قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇردى. «ئەۋەتىش»نىڭ نوپۇزى ۋە «تۇرۇش»نىڭ ئەۋزەللىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، «كۆزىتىش» رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇردى.

− كۆزىتىش - تەكشۈرۈشتە بىرلىشىپ ھەرىكەتكە كېلىپ، «شەمشەر»لىك رولىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈردى. كۆزىتىشنىڭ «تولۇق قاپلىشى»نى تېز، مۇقىم، پۇختا ئالغا سىلجىتتى. ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست، 38 تارماق (ئورۇن) ۋە تۆت دۆلەت كارخانىسىنى ئۈچ نۆۋەت كۆزىتىشنى تاماملىدى ھەم ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى تۆت نۇقتىلىق ئورۇن، 22 ئېغىر نامرات ناھىيە، شەھەرگە قارىتا كۆزىتىش بويىچە «قايتا قاراپ چىقىش»نى قانات يايدۇرۇپ، 675 مەسىلە يىپ ئۇچىنى بايقىدى. كۆزىتىش - تەكشۈرۈش خىزمىتى يېڭى قەدەم تاشلاپ، يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى. ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك پارتىيە ۋە دۆلەت ئورگانلىرى ھەم كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنى كۆزىتىش - تەكشۈرۈشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ئالدىن يولغا قويۇپ، يەتتە ئورۇننىڭ نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتتى؛ ناھىيە دەرىجىلىك كۆزىتىش - تەكشۈرۈشنى كەنت ۋە مەھەللىلەرگىچە كېڭەيتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى تۇتاشتۇردى.

− ئىدىيە - ئەخلاق مۇداپىئە لىنىيەسىنى مۇستەھكەملەپ، پاكلىق تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى باش تېما تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 24 مىڭ باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى پارتىيەلىك كادىر ۋە ھۆكۈمەت خىزمەتچىسىنى پارتىيە ئىنتىزامى، نىزامى ۋە ئەخلاق - پاكلىق بىلىملىرى سىنىقىغا قاتناشتۇردى، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە «ئىنتىزام - قانۇننى قەلبكە چىڭ پۈكۈش، پاك - دۇرۇس بولۇش ماڭا ھەمراھ» زېھىن سىناش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى، 200 مىڭدىن ئارتۇق پارتىيەلىك كادىر نەق مەيداندا مۇسابىقىنى كۆردى، «ئىمتىھان ئارقىلىق پاكلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش» «مۇسابىقە ئارقىلىق پاكلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش» جەھەتتە ئۈزلۈكسىز ئىزدەندى، ئۇنى ئالغا سىلجىتتى.

ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، ئۇزاق ئۈنۈمنى ئىلگىرى سۈرۈش

2020 - يىلى يېڭى يىل، چاغان يېتىپ كېلىش پەيتىدە، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە سەل قاراش، زىيان يەتكۈزۈش مەسىلىسىگە ئالاقىدار سەككىز تىپىك دېلونى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدىغان، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان، پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىغا زىت كېلىدىغان قىلمىشلارنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىپ، چۆچۈتۈش ئۈنۈمىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى.

ھەر قېتىمقى مۇھىم تۈگۈنلەردە تىپىك دېلو مىساللىرىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ ئاشكارىلاش ئاپتونوم رايون ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، «چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق»تەك چۆچۈتۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشتە مۇقەررەر تاللايدىغان ھەرىكەتكە ئايلاندى. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش، قارا، رەزىل كۈچلەرنىڭ «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى»نى قاتتىق جازالاشقىچە، چىرىكلىكنى قاتتىق جازالاشتىن دىققەتنى ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈشكىچە... ئاپتونوم رايون سىجىل ئېشىۋاتقان سالماق، كەڭلىك، چوڭقۇرلۇق بىلەن ئارقا - ئارقىدىن كۈچەپ، ساقلانما مىقدارنى ئازايتىپ، ئېشىش مىقدارىنى توسۇپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، رەزىللىكنى جازالاشنىڭ يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى باشتىن - ئاخىر ساقلىدى. 2019 - يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى سابىق ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، نازىر ئەكبەر غوپۇر، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى داڭ فېڭ قاتارلىقلارنىڭ بىر تۈركۈم تىپىك دېلولىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى.

قاتتىق بولۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇشتا، ھەم ساقلانما مىقدارىنى كۈچلۈك ئازايتىش، ئېشىش مىقدارىنى قىلچە يول قويمايدىغان پوزىتسىيە بىلەن توسۇش، تېخىمۇ مۇھىمى «جەڭ مەيدانىنى تازىلاپ» «ئۇرۇشتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش»نى ياخشى قىلىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان بولۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

خەلق ھاۋا مۇداپىئەسى، ئورمان، ئوتلاق قاتارلىق سىستېمىلار تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان تىپىك دېلولارنى كۆزدە تۇتۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى لايىھە بېسىپ تارقىتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە دېلو ئارقىلىق تۈزىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش بويىچە مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇرۇپ، ئىبرەت تەربىيەسى يىغىنىنى تەشكىللەپ ئېچىپ، جازالاش قارارىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلىرىنىمۇ بىلدى، تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈردى، يوچۇقنى ئەتتى.

ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى دېلولارنى تەكشۈرۈپ بېجىرىشتىكى ماھىيەتتىن تۈزەش فۇنكسىيەسىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇھىم، ئېغىر دېلولاردا «بىر دېلونى بىر تەھلىل قىلىش، بىر دېلونى بىر ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش»تا چىڭ تۇرۇپ، جازالاش قارارىنى ئېلان قىلىش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، جازانى ئىجرا قىلىشنى نازارەت قىلىش ھەم قايتا زىيارەت قىلىپ تەربىيە بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، دېلودىن كېيىنكى تۈزىتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش، دېلونى بىرلىشىپ باھالاش تۈزۈمى ئورنىتىش، دېلونى ئاخىرلاشتۇرۇش تەھلىلىنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىقلار ئارقىلىق دېلونى تەكشۈرۈپ بېجىرىشتىكى «كېيىنكى باسقۇچتىكى ئىشلار»نى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ھەربىر دېلونى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالىدىغان «جانلىق دەرسلىك»كە ئايلاندۇردى.

ئادەمنى بىر تەرەپ قىلىش مەقسەت ئەمەس، «كۆپ ساندىكىلەر»نى تەربىيەلەپ قۇتقۇزۇش ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش خىزمىتىنىڭ تېگىشلىك مەزمۇنى. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى مۇناسىۋەتلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەرىكەت ھالىتىدە ئىز قوغلاپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش ئارقىلىق، جازا بېرىلگەن پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ سەمىمىي سۆھبەتلىشىپ، مەركەزلىك سۆھبەتلىشىپ، يازما سۆھبەتلىشىپ، ئىدىيەۋى ئەھۋالنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، قايتا زىيارەت قىلىپ تەربىيە بېرىشنى كۈچەپ قانات يايدۇرۇپ، جازا بېرىلگەن پارتىيەلىك كادىرلارغا تەشكىلنىڭ غەمخورلۇقى ۋە كۆيۈنۈشىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئىش قىلىش قىزغىنلىقىغا، يۈكنى تاشلاپ قايتا ئاتلىنىشىغا تۈرتكە بولدى.

بىر يىلدىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدىغان قەيسەرلىك ۋە قەتئىيلىك بىلەن پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىپ، تىنچ، ئاسايىش بولغان، پاك، ئوچۇق بولغان ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيەگە قاراپ پۇختا قەدەم تاشلىدى.

2020 - يىلىغا كىردۇق، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۈزلۈكسىز سۈرۈشتۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەتنى قوغداپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا بۇرچنى چىڭ ساقلاپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىپ، مەڭگۈ بوشاشمايدىغان روھىي ھالەت ۋە توختىماي ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش ھالىتى بىلەن شىنجاڭنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنىڭ ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى تىرىشىپ پۈتۈپ، ئىزچىل، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك ئىنتىزام ۋە ئىستىل كاپالىتىگە ئىگە قىلىدۇ.