شۆھرەت زاكىر چاغاندىن ئىلگىرى ئۈرۈمچى شەھىرىدە توك بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، تەكشۈرگەندە مۇنداق تەكىتلىدى

بىخەتەرلىك مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بايرامنىڭ تىنچ، ئىناق ئۆتۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

日期:2020年01月18日
来源:新疆日报
【字体:

چاغان يېقىنلىشىپ قالدى، 1 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش - قۇتقۇزۇش تارماق ئەترىتى، جۇڭگو تۆمۈريول ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى ۋوگزالىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، توك بىلەن تەمىنلەش، ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى خىزمىتى ۋە چاغانلىق يولۇچى توشۇش قاتارلىقلار توغرىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى.

دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى ئورۇنلاشتۇرۇش - كونترول قىلىش مەركىزىدە، شۆھرەت زاكىر چاغان مەزگىلىدە پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئېلېكتىر ئېنېرگىيەنىڭ بىخەتەر يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئىشچى - خىزمەتچىلىرىنى يوقلىدى، ئۇلاردىن ھال سورىدى، ئىش ئورنىدا نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقان ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئىشچىلىرىغا رەھمەت ئېيتتى، ئۇلارغا چاغانلىق بەخت تىلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: بىر يىلدىن بۇيان، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە تارماقلىرى يېڭى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن گەۋدىلىك تۆھپە قوشتى. ئېلېكتىر ئېنېرگىيە تارماقلىرى بىخەتەرلىك مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بايرام مەزگىلىدە ئېلېكتىر تورىنىڭ بىخەتەر يۈرۈشۈشىگە، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە بىلەن ئىشەنچلىك تەمىنلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، شۆھرەت زاكىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش - قۇتقۇزۇش تارماق ئەترىتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى ھەم ئوت ئۆچۈرۈش ئۇل ئەسلىھەلىرى، قۇتقۇزۇش كەسپىي ئەسلىھەلىرىنى سەپلەش ئەھۋالىنى ئەستايىدىل تەكشۈردى، ئوت ئۆچۈرۈش كوماندىر - جەڭچىلىرى بىلەن سىنلىق كۆرۈشتى، ئاساسىي قاتلام ئوت ئۆچۈرۈش ئورۇنلىرىنىڭ جەڭگە ھازىرلىنىش، ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى ئارىلاپ تەكشۈردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: چاغان يېقىنلىشىپ ئادەم ئېقىمى، ئەشيا ئوبوروتى مەركەزلىشىپ قالدى، ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى خىزمىتىگە تېخىمۇ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى باشتىن - ئاخىر بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى ھادىسىسى يۈزبېرىشنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش؛ ئوت مۇداپىئە بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

چاغانلىق يولۇچى توشۇش باشلانغان بىر ھەپتىدە، ئۈرۈمچى ۋوگزالىدا كۈندىلىك ئوتتۇرىچە يولۇچى ئېقىمى 60 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى. شۆھرەت زاكىر پويىز كۈتۈش زالىغا كىرىپ، يولۇچىلار بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى، كۆپچىلىكنىڭ سەپىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشى، چاغاننى خۇشال ئۆتكۈزۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى ھەم ئۇنىۋېرسال قوماندانلىق مەركىزىدىكى نۆۋەتچى خادىملارنى يوقلىدى، ئۇلاردىن ھال سورىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: كەڭ چاغانلىق يولۇچى توشۇش خىزمەتچىلىرى ھەممە ئائىلىلەرنىڭ جەم بولۇشى ئۈچۈن، ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، جاپالىق خىزمەت قىلىپ، شەخسىيەتسىز تۆھپە قوشۇۋاتىدۇ، كۆپچىلىكنىڭ داۋاملىق تىرىشىپ، تۈرلۈك كاپالەتلەندۈرۈش تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ قەتئىي، يەنىمۇ ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، نۇقسانسىز بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ھەربىر يولۇچىنى ئۆيىگە ئامان - ئېسەن، ئوڭۇشلۇق يەتكۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، تەكشۈرۈش جەريانىدا، شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: چاغان كېلەيلا دەپ قالدى، ئادەم كۆپ يىغىلىدىغان سورۇنلارنىڭ ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى، قاتناش - تىرانسپورت بىخەتەرلىكى، پوجاڭزا - ساليوت بىخەتەرلىكى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى قاتتىق ئالدىنى ئېلىشقا تېگىشلىك مۇھىم نۇقتا، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار چوقۇم ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، تۈرلۈك بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىنىڭ يۈزبېرىشىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ھەرقايسى ئالاقىدار ئورۇنلار ۋە تارماقلار بىخەتەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، چاغانلىق يولۇچى توشۇشنىڭ بىخەتەر، تەرتىپلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، چاغانلىق يولۇچى توشۇش مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاپ ۋە ئۆستۈرۈپ، يۇرتىغا قايتقان ئاممىغا ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرۇشى كېرەك. خىزمەت تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بايرامنى خۇشال - خۇرام، ئىناق ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ چۇنلىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا ھەمراھ بولدى.