باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار مۇنداق بىلدۈردى −

ئەسلىي مەقسەتنى چېنىقتۇرۇپ، بۇرچنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىمىز

日期:2020年01月17日
来源:新疆日报
【字体:

ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، مەسئۇلىيىتىنىڭ مۇھىم، زورلۇقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: قەتئىي ھالدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئارقىلىق ئىدىيە، ھەرىكىتىمىزنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، «قاتتىق بولۇش» ئاساسىي رىتىمىدا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى چېنىقتۇرۇپ، بۇرچنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنىڭ ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىمىز.

«ئىككىنى قوغداش»تىكى سىياسىي ئاڭلىقلىقنى كۈچەيتىش

شىنجاڭ ئىبرەت تەربىيەسى مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابلەت ئابلىمىت مۇنداق دېدى: «ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سىياسىي يۈكسەكلىكىمنى ئۆستۈرۈپ، <تۆت ئاڭ>نى كۈچەيتىپ، <تۆت ئىشەنچ>نى چىڭىتىپ، <ئىككىنى قوغداش>نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئېنىق سىياسىي مىزان ۋە تۈپ سىياسىي تەلەپ قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم - كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك خىزمەت تەلەپلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن».

«ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرالىغان - ئاشۇرالمىغانلىقىغا قاراش سىياسىي نازارەتچىلىكنىڭ مۇھىم نۇقتىسى. ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى 6 - نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش - رېۋىزىيە خادىمى يى لىڭ مۇنداق دېدى: «بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۈچلۈك سىياسىي نازارەتچىلىك ئارقىلىق، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىشىغا، قولىدا تۇتۇشىغا، قەلبىگە پۈكۈشىگە، <ئىككىنى قوغداش>نى ھەرىكىتىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولىمىز».

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى قەيەرگە بارسا، سىياسىي نازارەتچىلىك شۇ يەرگىچە يېتىشىپ بېرىشى كېرەك. تارباغاتاي ۋىلايەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ۋىلايەتلىك پارتكوم كۆزىتىش - تەكشۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى لى رۇڭيۈەن قەتئىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: «بىز پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئامما ئەتراپىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىلىرىنى كۆزىتىش - تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىش سالمىقىنى كۈچەيتىپ، تارباغاتايدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ پۈتۈن كۈچلەرنى جەڭگە ئاتلاندۇرۇشىغا، ئىشتا نەتىجە قازىنىشقا ماھىر بولۇشىغا تۈرتكە بولىمىز».

«ئاساسىي قاتلام كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، <ئىككىنى قوغداش>تىكى سىياسىي ئاڭلىقلىقىمنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ ھال - ئەھۋالىنى قەلبىمگە پۈكۈپ، مەسئۇلىيەتچان بولۇش، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشنى خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتىكى ھەربىر كىچىك ئىشتا گەۋدىلەندۈرىمەن» دېدى يەكەن ناھىيەسى خاڭدى بازىرىنىڭ كادىرى ۋاڭ فۇلۇڭ.

ئېسىل ئىستىل ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش

«ھەممە ئىش خەلق ئۈچۈن. بۇ يىل بىز نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى ھەمدە ئامما ئەتراپىدا يۈزبەرگەن چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىلىرىنى چىڭ كۆزلەپ، بىرلىكتە ھەرىكەتلىنىپ ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىنتىزام بويىچە نازارەت قىلىش، رېۋىزىيە بويىچە نازارەت قىلىش، تۇرۇشقا ئەۋەتىپ نازارەت قىلىش، كۆزىتىپ - تەكشۈرۈپ نازارەت قىلىشنى تۇتاشتۇرۇپ جىپسىلاشتۇرۇپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىمىز» دېدى ئۈرۈمچى شەھىرى داۋانچىڭ رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى خەن شىنلىن.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قانچىكى ئەڭ ئاخىرقى پەيتكە بارغانسېرى تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىسادىي تەپتىش نازارىتى يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىقتىسادىي تەپتىش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى جاڭ خۇڭ مۇنداق دېدى: «ئىقتىسادىي تەپتىشنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتىكى نازارەتچىلىك ۋە كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىلىرىنى ئىقتىسادىي تەپتىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە سەل قارايدىغان، زىيان يەتكۈزىدىغان مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تۈزەيمىز».

ئاساسىي قاتلام ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان ئاساسىي جەڭ مەيدانى، ئاساسىي قاتلامدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىدە ئاممىنىڭ تەسىراتى ئەڭ بىۋاسىتە، ئىنكاسى ئەڭ كۈچلۈك. شايار ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى يى جاۋيۇڭ مۇنداق دېدى: «بىز ئامما قاتتىق نەپرەتلىنىدىغان ئاغرىش نۇقتىسى، قىيىن نۇقتا، دىققەت نۇقتىسى مەسىلىلىرىنى چىڭ كۆزلەپ، نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى ساختىپەزلىك، ئىستىلدا پۇختا بولماسلىق قاتارلىق شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق مەسىلىلىرىنى قەتئىي تۈزەپ، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى <ئۇششاق چىرىكلىك>نى چوڭقۇر تۈزەپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز».

«قاتتىق» بولۇش ئاساسىي رىتىمىدا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش

«باش شۇجى شى جىنپىڭ <قاتتىق> بولۇش ئاساسىي رىتىمىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى ھەم ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇشنى تەلەپ قىلدى، بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش قەتئىي ئىرادىسىنىڭ ئىزچىل، چەكسىز مۇستەھكەم ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ، بىزگە يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.» ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى دىڭ باڭۋېن مۇنداق دېدى: «بىز مەسئۇلىيەتنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىمىزگە ئېلىپ، ھوقۇقنى نازارەت قىلىش ۋە چەكلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان بولۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، <قاتتىق> بولۇش ئاساسىي رىتىمىدا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇتلەق غەلىبىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەيمىز، راۋاجلاندۇرىمىز».

ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتى ئۇنىۋېرسال باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى گو فېڭ مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىدا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنىڭ ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ يېڭى نەتىجە - ئۈنۈمى ئارقىلىق، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىمىز».

«بۇ يىل شىركىتىمىز نازارەتچىلىك خىزمىتىنىڭ بىرلىكتە ھەرىكەتلىنىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەرقايسى فۇنكسىيەلىك تارماقلارنىڭ ئۆز كەسپى، ئۆز ساھەسىنى نازارەت قىلىش ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ» دېدى دۆلەت ئېلېكتىر تورى سانجى توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن باش دىرېكتور ۋاڭ يىجۈن.

چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە مۇتلەق غەلىبە قولغا كەلتۈرۈلدى، لېكىن ۋەزىيەتنىڭ كەسكىنلىكى ۋە مۇرەككەپلىكىنى ئازراقمۇ سەل چاغلاشقا بولمايدۇ. تۇرپان شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئەركىن بەكرى مۇنداق دېدى: «بىز تۈزۈمنى داۋاملىق تاكامۇللاشتۇرۇپ، سىستېمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىش، ئىنتىزام ئىجرا قىلىش، قانۇن ئىجرا قىلىش خىزمىتىنى خىزمەت ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا سىڭدۈرۈپ، باشقۇرۇش ۋە تۈزۈم قاتلىمىدىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىمىز، پاكلىق خەۋپ - خەتىرى يوشۇرۇن ئامىللىرىنى تۈگىتىمىز».

كوناشەھەر ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ كادىرى يۈ چىنجياڭ مۇنداق دېدى: «ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى چېنىقتۇرۇپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولغان، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان، كۈرەش قىلىشقا ماھىر جەڭچىلەردىن بولۇپ، مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدىغان قەيسەرلىك ۋە قەتئىيلىك بىلەن، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئۇلۇغ ئىشى ئۈچۈن ئۆزۈمنىڭ تېگىشلىك تۆھپەمنى قوشىمەن».