ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 80 - قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئاچتى

日期:2020年01月16日
来源:新疆日报
【字体:

1 - ئاينىڭ 15 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 80 - قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئېچىپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇنى كودېكسى (لايىھە)»نى تەتقىق قىلىپ ئوقۇش، مۇزاكىرە قىلىشقا تەشكىللەش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى مەركەزلىك كۆزدىن كەچۈرۈشكە تەشكىللەش خىزمىتى توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسىنى ئاڭلىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئىمىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 15 - يىغىنىدا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇنى كودېكسى(لايىھە)»نى 2020 - يىلى 3 - ئايدا ئېچىلىدىغان 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى. يىغىندا قاراپ چىقىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى لايىھەنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ بارلىق ۋەكىللىرىگە بېسىپ تارقىتىپ پىكىر ئالىدۇ، ۋەكىللەرنى لايىھەنى تەتقىق قىلىپ ئوقۇشقا تەشكىللەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار ۋە جەمئىيەتتىكى ئاممىدىن كەڭ دائىرىدە پىكىر ئالىدۇ.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، ھەق تەلەپ قانۇنى كودېكسىنى تۈزۈشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇش كېرەك. خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، كۆڭۈل قويۇپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ۋەكىللەرنى لايىھەنى تەتقىق قىلىپ ئوقۇش، مۇزاكىرە قىلىشقا تەشكىللەشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇنى كودېكسىنى قاراپ چىقىشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە ۋە قانۇن چىقىرىش ۋەزىپىسىنى تاماملىشىنى مۇستەھكەم كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى مەركەزلىك كۆزدىن كەچۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەشتە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 -، 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات ئەھۋالى ھەمدە دۆلەت قاتلىمىدىن قوللاش ۋە ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەرنى نەق مەيداندا ئىگىلەپ، مەركەزلىك كۆزدىن كەچۈرۈش، دوكلات ئاڭلاش، سۆھبەتلىشىش، پىكىر ئالماشتۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ ۋە ئىنكاس قىلىپ، ۋەكىللەرنىڭ 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنىغا قاتنىشىشى ئۈچۈن ياخشى تولۇق تەييارلىق قىلىش كېرەك.