باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما مۇنداق بىلدۈردى −

قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىمىز

日期:2020年01月16日
来源:新疆日报
【字体:

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىزچىل تۈردە قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىمىز.

سىياسىي نازارەتچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىش تۈزۈمنى ئىجرا قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش

خوتەن ۋىلايەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ شيەنجۇڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش شارائىتىدا ئۆزىمىزدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغان، تارىخىي دەۋرىيلىكتىن چىقىپ كېتەلەيدىغان مۇۋەپپەقىيەتلىك يولنى ئىزدىنىپ تېپىپ چىقىپ، بىر يۈرۈش ئۈنۈملۈك ھوقۇق نازارەتچىلىكى تۈزۈمى ۋە ئىنتىزام ئىجرا قىلىش، قانۇن ئىجرا قىلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلدۇق، بۇ يول، بۇ بىر يۈرۈش تۈزۈمدە جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش ھەم ئۇنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش، راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. خوتەن ۋىلايىتىدىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى تاشنى دومىلىتىپ تاغقا چىقىرىدىغان غەيرەت ۋە جەڭ قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ جەزمەن غەلىبە قىلىدىغان جاسارەت بىلەن، ئىنتىزام نازارەتچىلىكى، رېۋىزىيە نازارەتچىلىكى، ۋاكالەت ئاپپاراتلىرى نازارەتچىلىكى، كۆزىتىش نازارەتچىلىكى بويىچە ماسلىشىپ بىرلىكتە ھەرىكەتلىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سىياسىي ئۈنۈم، ئىنتىزام - قانۇن ئۈنۈمى، جەمئىيەت ئۈنۈمىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

«بىز پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى قەيەرگە بارسا، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنىڭ شۇ يەرگە يېتىشىپ بېرىشىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز» دېدى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى خې شياۋدۇڭ.

ئەسلىي مەقسەت ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم بولۇش، بۇرچ زىممىسىدە بولۇش. ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى 8 - قاراپ چىقىپ تەكشۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى يەن بىڭجې مۇنداق دېدى: بىز دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، سىياسىي نازارەتچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نەپسىنى يىغماسلىق، قولىنى تارتماسلىقتەك ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىلىرىنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇتلەق غەلىبىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، راۋاجلاندۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك ئىنتىزام كاپالىتىگە ئىگە قىلىمىز.

ئالتاي ۋىلايەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ كادىرى سۈن جىگاڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۈنۈملۈك بولغان ھوقۇق نازارەت قىلىش تۈزۈمى ۋە ئىنتىزام ئىجرا قىلىش، قانۇن ئىجرا قىلىش سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، راۋاجلاندۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتىمىز.

پۈتۈن كۈچلەرنى جەڭگە ئاتلاندۇرۇپ، ئىشتا نەتىجە قازىنىشقا ماھىر بولۇشقا تۈرتكە بولۇش

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، شىنجاڭ يەرلىك پۇل مۇئامىلە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ كۈيرەن مەسئۇلىيىتىنىڭ مۇھىم، زورلۇقىنى، بۇرچنىڭ زىممىسىدە ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: بۇنىڭدىن كېيىن يەرلىك پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىنىڭ نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ئومۇميۈزلۈك ھەيدەكچىلىك قىلىپ، يەرلىك پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىنىڭ ئومۇمنىڭ ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىگە بولغان نازارەتچىلىكىنى سىجىل يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئومۇمنىڭ ھوقۇقىنىڭ نازارەتچىلىك ئاستىدا ئۆلچەملىك، ئېنىق يۈرگۈزۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يەرلىك پۇل مۇئامىلىنىڭ مۇقىم ئايلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن ياخشى پۇل مۇئامىلە ئېكولوگىيە مۇھىتى يارىتىمىز.

پەيزاۋات ناھىيەسى غولتوغراق بازىرىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش كادىرى چيۇ جيۇجۈن مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل دىققەتنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش ۋەزىپىسىگە تېخىمۇ مەركەزلەشتۈرۈپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرىمىز.

شىنجاڭ رەڭلىك مېتال سانائىتى (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما جيەنبو مۇنداق دېدى: دىققەتنى ئاساسلىق مەسئۇلىيەت، ئاساسلىق خىزمەت ۋەزىپىسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، كارخانىنىڭ تەرەققىياتى، ئىسلاھ قىلىپ قايتا تەشكىللەش، مەبلەغ سېلىش تەدبىرى، قۇرۇلۇش قىلىش، بازار ماركېتىڭى، مالىيە باشقۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردە نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشنى نۇقتىلىق چۆرىدەپ، پاك - دۇرۇس بولۇشتا خەۋپ - خەتەردىن ئالدىن سىگنال بېرىش مېخانىزمىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش سۇپىسىغا كىرگۈزۈپ، رېۋىزىيە ئوبيېكتلىرىنىڭ ھوقۇق يۈرگۈزۈشى قەيەرگە بارسا، نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈشنى شۇ يەرگىچە يەتكۈزۈپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىنتىزام كاپالىتىگە ئىگە قىلىمىز.

تۈزۈم ئەۋزەللىكىنىڭ ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىغا تېخىمۇ ياخشى ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش

بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى دېلو نازارات قىلىش - باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى شەن شيۇڭيىڭ مۇنداق دېدى: «بىز ھەقىقىي تۈردە تۈزۈم ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تولۇق قاپلىغان تۈزۈم ئىجراسىنى نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۈندىلىك نازارەت قىلىش ۋە مەخسۇس تۈردىكى تەكشۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۈزۈم بويىچە ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش، ھوقۇق يۈرگۈزۈش، خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشنى چىڭىتىپ، تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىغا تېخىمۇ ياخشى ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولىمىز».

«بىز باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش نەتىجىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، ئىنتىزام، قائىدىنى باج ئىشلىرىدا قانۇن ئىجرا قىلىشنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، تېخىمۇ ئۆلچەملىك، ئېنىق قانۇن ئىجرا قىلىش ئارقىلىق باج تاپشۇرغۇچىلار، ھەق تاپشۇرغۇچىلارنىڭ قوللىشى، ئىشەنچىنى قولغا كەلتۈرىمىز» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق باج ئىدارىسىنىڭ كادىرى رېن يەنچىن.

ئاقچى ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلىنى نازارەت قىلىش ئىشخانىسىنىڭ كادىرى ۋۇ يىخۇي مۇنداق دېدى: ئاساسىي قاتلام چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتىكى ئالدىنقى قاراۋۇلخانا، بىز دەل جايىدا نازارەت قىلىشتىكى ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى چىڭىتىپ، مەسىلىلەرنى دەل جايىدا بايقاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئەستايىدىل ھەيدەكچىلىك قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كادىرلار ئىستىلىنىڭ «قاتتىق» «ئەمەلىي» بولۇشقا قاراپ ئۆزگىرىشىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز.

مارالبېشى ناھىيەسى شامال يېزىلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى قايىر قۇربان مۇنداق دېدى: «مەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئېسىمدە چىڭ ساقلاپ، دىققەتنى سىياسىي ساپا، سىياسىي ئىقتىدارىمنى ئۆستۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، كۈرەش قىلىش روھىمنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئۇلۇغ ئىشى ئۈچۈن ئۆزۈمنىڭ تېگىشلىك تۆھپەمنى قوشىمەن».

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى كاتىبات 1 - باشقارمىسىنىڭ كادىرى ياڭ گوبياۋ مۇنداق دېدى: پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ سىجىل چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، چوقۇم پۇقرالارغا تېخىمۇ كۆپ بەخت تۇيغۇسى، ئېرىشىش تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئېلىپ كېلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.