ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 7 - قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئاچتى

بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قانۇن بويىچە مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىدا تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

日期:2020年01月14日
来源:新疆日报
【字体:

1 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 7 - قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئېچىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تا بېكىتىلگەن تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن يىللىق خىزمەتلەرنى ياخشى باشلاشقا، قەدەمنى ياخشى تاشلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: بۇ يىل ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىل، شىنجاڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملاپ، پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ۋە ھۆكۈمەت تارماقلىرى قەتئىي ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت تەلىپىگە بىرلىككە كەلتۈرۈپ، بولۇپمۇ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى پۇختىلاپ، ھۆكۈمەتنىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت ئىقتىدارى ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ۋە ھۆكۈمەت تارماقلىرى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تا بېكىتىلگەن كۆزلىمە نىشاننى چۆرىدەپ، ئەستايىدىل ھالدا ئۆلچەم، قانۇن - نىزام بويىچە نۇقتىلىق خىزمەت ۋەزىپىلىرىگە توغرىلىنىپ، يولغا قويۇش لايىھەسى تۈزۈپ، ۋەزىپىلەرنى تەقسىملەپ ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ۋاقىت جەدۋىلى، يول خەرىتىسى تۈزۈپ، مەسئۇلىيەتنى ئادەمگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نىشان بەلگىلەپ جەڭ قىلىپ، تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئىجتىمائىي مۇقىملىقتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم ئالدىنقى شەرتنى مەھكەم، ياخشى تۇتۇپ، باشتىن - ئاخىر باش نىشاننى چۆرىدەپ، ھەرۋاقىت ئاگاھ سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىشى، دائىم ھوشيار بولۇشى كېرەك؛ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدىن ئىبارەت بۇ ئاچقۇچلۇق يۆنىلىشنى مەھكەم، ياخشى تۇتۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشان - ۋەزىپىسىنى چۆرىدەپ، «مىقدار»نىڭ مۇۋاپىق ئېشىشى ۋە «سۈپەت»نىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۆسۈشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك؛ «ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى»دە غەلىبە قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ئەڭ مۈشكۈل ۋەزىپىنى مەھكەم، ياخشى تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك؛ كەسىپلەر تەرەققىياتىدىن ئىبارەت بۇ ئەڭ كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى مەھكەم، ياخشى تۇتۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرالايدىغان، رايون خاسلىقىغا ئىگە زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىشى كېرەك؛ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتىن ئىبارەت بۇ ئەڭ زور سىياسىينى مەھكەم، ياخشى تۇتۇپ، تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشلىرىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، خەلق تۇرمۇشى ساھەسى سېلىنمىسىنى سىجىل زورايتىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: بۇ يىلقى تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرنى ياخشى تاماملاشتا، جەزمەن پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈمنى مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتىگە ۋە قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ھەقىقىي ئايلاندۇرۇپ، سىياسەت پۇرسىتىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىدا تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، بىڭتۇەننىڭ سىلىڭيۈەنى پېڭ جيارۇي يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ چۇنلىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.