شىنجاڭ تۆمۈريولى يىل ئاخىرىدا پويىزلارنىڭ يۈرۈش خەرىتىسىنى تەڭشەيدۇ

日期:2019年12月03日
来源:天山网
【字体:

مۇخبىرنىڭ جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ تۆمۈريولى 12- ئاينىڭ 30- كۈنى سائەت 0 دىن باشلاپ يولۇچىلار پويىزىنىڭ يۈرۈش خەرىتىسىنى تەڭشەيدىكەن، بۇ ۋاقىتتا،شىنجاڭدىن چىقىدىغان ئۈچ جۈپيولۇچىلار پويىزىنىڭ يۈرۈش دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ، يۈرۈش ۋاقتىزور دەرىجىدە قىسقىرايدىكەن، ئاپتونوم رايونىمىز ئىچىدە 8 جۈپ يولۇچىلار پويىزى كۆپەيتىلىدىكەن، شىنجاڭدىن چىقىدىغان قىسمەن يولۇچىلار پويىزلىرىنىڭ يۈرۈش بۆلىكى، توختاش ۋاقتى ۋە ۋاقىتلىرىتەڭشىلىدىكەن.

تەڭشەش پىلانىغا ئاساسەن، غۇلجا-شاڭخەي T204/5 ،T206/3 قېتىملىق يولۇچىلار پويىزىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلىدىكەن، پويىز دەرىجىسى ئالاھىدە تېز يولۇچىلار پويىزىدىن بىۋاسىتە بارىدىغان ئالاھىدە تېز يولۇچىلار پويىزىغا ئۆزگەرتىلىدىكەن، پويىز قېتىمى Z306/3 ،Z304/5 قېتىملىققا ئۆزگەرتىلىدىكەن. غۇلجىدىن شاڭخەيگە بېرىش ۋاقتى 3 سائەت 53 مىنۇت قىسقىرايدىكەن، شاڭخەيدىن غۇلجىغا بېرىش ۋاقتى 2 سائەت 32 مىنۇت قىسقىرايدىكەن.

غۇلجا-جىنەن K1338/5 ،K1336/7 قېتىملىق يولۇچىلار پويىزىنىڭدەرىجىسى ئۆستۈرۈلىدىكەن، پويىز دەرىجىسى ئالاھىدە تېز يولۇچىلار پويىزىدىن بىۋاسىتە بارىدىغان ئالاھىدە تېز يولۇچىلار پويىزىغا ئۆزگەرتىلىدىكەن، پويىز قېتىمى Z358/5 ،Z356/7 قېتىملىققا ئۆزگەرتىلىدىكەن، ئۈرۈمچىدىن قومۇلغا بارىدىغان لىنىيەلەنجۇ-شىنجاڭ يولۇچىلار مەخسۇس لىنىيەسىگە ئۆزگەرتىلىدىكەن. غۇلجىدىن جىنەنگە بېرىش ۋاقتى 8 سائەت 32 مىنۇت قىسقىرايدىكەن، جىنەندىن غۇلجىغابېرىش ۋاقتى 9 سائەت قىسقىرايدىكەن.

قەشقەر-شىئەن K170/69 قېتىملىق يولۇچىلار پويىزىنىڭدەرىجىسى ئۆستۈرۈلىدىكەن، پويىز دەرىجىسى ئالاھىدە تېز يولۇچىلار پويىزىدىن بىۋاسىتە بارىدىغان ئالاھىدە تېز يولۇچىلار پويىزىغا ئۆزگەرتىلىدىكەن، پويىز قېتىمى T270/T269 قېتىملىققا ئۆزگەرتىلىدىكەن. قەشقەردىن شىئەنگە بېرىش ۋاقتى 5 سائەت 15 مىنۇت قىسقىرايدىكەن، شىئەندىن قەشقەرگە بېرىش ۋاقتى 4 سائەت 49 مىنۇت قىسقىرايدىكەن.

يۇقىرىقىئۈچ لىنىيەپويىزىنىڭ كونكرېت تەڭشەلگەن يۈرۈش ۋاقتى ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ.

يۈرۈش خەرىتىسى تەڭشەلگەندىن كېيىن، شىنجاڭ تۆمۈريولى قەشقەر-خوتەن، كورلا-قەشقەر، كورلا-ئاقسۇ، ئاقسۇ-كورلا، ئاقسۇ-كۇچا يۆنىلىشلىك شىنجاڭ ئىچىدىكى يولۇچىلار پويىزىدىن سەككىز جۈپ كۆپەيتىدىكەن؛ ئۈرۈمچى-قەشقەر 7558/5، 7556/7 قېتىملىق يولۇچىلار پويىزىنىڭ يول يۈرۈش بۆلىكى ئۈرۈمچى-خوتەنگە تەڭشىلىدىكەن؛ ئۈرۈمچى-كورلا C8102/3 قېتىملىق ئوق پويىز گۇرۇپپىسىتۇرپان شىمالىي ۋوگزالىنى كۆپەيتىدىكەن، ئۇنىڭدىن كېيىن ئېنېرگىيە مەركەزلەشتۈرۈلگەن ئوق پويىز گۇرۇپپىسىنىڭ توختاش سانىنى كۆپەيتىدىكەن.