ھەربىر «تەلمۈرۈپ تۇرغان كۆز»نىڭ ھەممىسىنى مەكتەپتە ئوقۇش ئارزۇسىغا يەتكۈزۈش

日期:2019年12月03日
来源:天山网
【字体:

− شىنجاڭدا ئۈمىد قۇرۇلۇشىنىڭ يولغا قويۇلۇش خاتىرىسى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىلياڭ لىخۇا

ئۈمىد قۇرۇلۇشى تىلغا ئېلىنسا، كۆپچىلىك دائىم ئىلگىرىكى تەشۋىقات ئېلانىدىكى مەكتەپتە ئوقۇشقا بولغان ئىنتىلىشكە تولغان ئاشۇ بىر جۈپ «تەلمۈرۈپ تۇرغان كۆز»نى ئەسكە ئالىدۇ. 1989 - يىلى 10 - ئاينىڭ 30 - كۈنى ئۈمىد قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، سانسىزلىغان نامرات ئائىلىنىڭ بالىلىرى جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ غەمخورلۇقى، ياردىمىدە دەرسخانىلارغا كىردى.

1992 - يىلى 10 - ئايدا ئۈمىد قۇرۇلۇشى شىنجاڭدا ئەمەلىيلەشتى. ھازىرغىچە نامرات ئائىلىلەردىكى جەمئىي 100 مىڭدىن ئارتۇق بالىنىڭ ئوقۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىلدى.

ئۇچقۇن تارقىتىش ئۈمىدنى كۈچ ئۇلاپ يەتكۈزۈش

«بىر چوڭ كىگىز ئۆينىڭ بىر تەرىپىدە 1 -، 2 - يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى، يەنە بىر تەرىپىدە 3 - يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئولتۇراتتى. مۇئەللىم 1 -، 2 - يىللىقلارغا دەرس ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن، 3 - يىللىقلارغا دەرس ئۆتەتتى. ھەر قېتىم يايلاق كۆچكەندە، مۇئەللىم كىگىز ئۆي ۋە ئوقۇتۇش سايمانلىرىنى يىغىشتۇرۇپ، ئاتقا ئارتىپ، كېيىنكى يەنە بىر جايغا يۆتكىلىپ دەرس ئۆتەتتى» دېدى 11 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، تولى ناھىيەسىنىڭ ئۇت بازارلىق ياتاقلىق ئۈمىد مەكتىپىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى ئېربولات قادىرقان بالىلىق چاغلىرىدىكى مەكتەپتە ئوقۇش مەنزىرىسىنى ھازىرمۇ كۆز ئالدىدا تۇرغاندەك ئېنىق ئەسكە ئېلىپ.

ئېربولاتنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئات ئۈستىدىكى مەكتەپ پەقەت باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 1 - يىللىقىدىن 3 - يىللىقىغىچە بولغان ئوقۇغۇچىلارنىلا قوبۇل قىلىدىكەن، ئۇ چاغدا تولى ناھىيەسىدە تېخى ياتاقلىق مەكتەپ يوق ئىكەن، 3 - يىللىقنى تۈگەتكەندىن كېيىن سىرتقا بېرىپ ئوقۇشقا توغرا كېلىدىكەن، بەزى بالىلار 3 - يىللىقنى تۈگىتىپلا ئوقۇمايدىكەن. 1992 - يىلى 10 - ئايدا، ئۈمىد قۇرۇلۇشىنىڭ ياردىمىدە، شىنجاڭدىكى تۇنجى ئۈمىد باشلانغۇچ مەكتىپى تولى ناھىيەسىنىڭ ئۇت بازىرىدا قۇرۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى، شىنجاڭ ياشلار، ئۆسمۈرلەر تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى، تارباغاتاي ۋىلايىتى ھەم تولى ناھىيەسى ئورتاق قۇرغان بۇ ئۈمىد باشلانغۇچ مەكتىپى ئېربولاتقا ئوخشاش چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى نۇرغۇن بالىغا ئۈمىد ئېلىپ كەلدى. بۇ مەكتەپ شۇ چاغدىكى تولى ناھىيەسىدىكى ئوقۇتۇش شارائىتى ئەڭ ياخشى مەكتەپ، شۇنداقلا پۈتۈن ناھىيەدىكى بىردىنبىر ياتاقلىق تۈزۈمدىكى مەكتەپ بولۇپ، ئۇنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈمىد قۇرۇلۇشىنىڭ شىنجاڭدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتقانلىقىدىن دېرەك بەردى.

«يېڭى مەكتەپ پۈتكەندىن كېيىن، مەن ۋە ئاتا - ئانام ناھايىتى خۇشال بولدۇق، مەن ئاخىر داۋاملىق مەكتەپتە ئوقۇيالايدىغان بولدۇم!» ئېربولات ئەينى يىلى مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىنكى ئاشۇ خۇشاللىقىنى ھېلىمۇ ئېنىق ئەسلىيەلەيدۇ. سىنىپتا ئولتۇرۇپ دەرس ئاڭلاۋاتقان شۇ پەيتتە، ئېربولات سوتسىيالىستىك چوڭ ئائىلىدىن كەلگەن ئىللىقلىقنى ھەقىقىي ھېس قىلغانىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇ قەلبىگە ئوقۇتقۇچى بولۇش ئۇرۇقىنى كۆمگەنىدى. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئېربولات تارباغاتاي ۋىلايەتلىك سىفەن مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتتى.

1999 - يىلى، ئېربولات سىفەن مەكتەپنى پۈتكۈزدى، ئەسلىدە ناھىيە بازىرىدا قېلىپ خىزمەت قىلالايتتى، ئەمما ئۇ قىلچە ئىككىلەنمەستىن، ئۇت بازىرىدىكى ئانا مەكتىپىگە قايتىپ كېلىپ ئوقۇتقۇچى بولۇشنى تاللىدى.

«يۇرتۇمنىڭ شارائىتى ناچار، يېزا - كەنت ئوقۇتقۇچىلىرى ئىنتايىن قىس، مەن تۇنجى تۈركۈمدە ئۈمىد باشلانغۇچ مەكتىپىنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچى، مېنىڭ ئۈمىد ئۇچقۇنىنى بۇ يەردە داۋاملىق تارقىتىپ، تېخىمۇ كۆپ بالىلارنى تاغدىن چىقىپ يېڭى دۇنياغا يۈزلىنىشكە يېتەكلەش مەسئۇلىيىتىم بار» دېدى ئېربولات.

ھازىرغا قەدەر، ئۈمىد قۇرۇلۇشى شىنجاڭدا جەمئىي 517 ئۈمىد باشلانغۇچ مەكتىپى، ئۈمىد يەسلىسى، بىر ئۈمىد دوختۇرخانىسىنى ياردەم بېرىپ قۇردى، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار جەمئىي 100 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىغا ئىقتىسادىي ياردەم بەردى.

مېھىر - شەپقەت يەتكۈزۈش ھەقىقىي مېھىر - مۇھەببەتنى مۇجەسسەملەش

تاما - تاما كۆل بولار، قۇم يىغىلسا تاغ بولار. ئۈمىد قۇرۇلۇشى شىنجاڭدا ئەمەلىيلەشكەندىن بۇيان، مېھىر - شەپقەتكە تولغان تېخىمۇ كۆپ جەمئىيەت تەشكىلاتلىرى، كارخانىلار ۋە شەخسلەر بۇنىڭغا قاتناشتى.

ھازىرغا قەدەر، ئۈمىد قۇرۇلۇشى شىنجاڭدا جەمئىي 512 مىليون يۈەن تۈرلۈك ئىئانە پۇل، ماددىي ئەشيا توپلىدى، 2480 ئۈمىد قۇرۇلۇشى شادلىق يۈرۈشلۈك تۈرىنى ئىئانە قىلىپ قۇردى.

جۇڭگو گۇيجوۋ ماۋتەي ھارىقى زاۋۇتى (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قوزغىغان «جۇڭگو ماۋتەي . دۆلەت تۈۋرۈكى» شىنجاڭ ئۈمىد قۇرۇلۇشى . ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ھەرىكىتى 2012 - يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭغا جەمئىي 21 مىليون 750 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلىپ، 4350 نەپەر ئالىي مەكتەپكە يېڭى كىرگەن ئوقۇغۇچىغا ياردەم بېرىپ، ئۈمىد قۇرۇلۇشىنىڭ شىنجاڭدىكى تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى.

غۇلجا شەھىرىدە ئۆسۈپ چوڭ بولغان خەن باۋچىڭ 1999 - يىلى خىزمەتكە قاتناشقاندىن باشلاپ، پۇل ئىئانە قىلىپ ئوقۇشقا ياردەم بېرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق نامرات ئائىلىلەردىكى بالىلارنىڭ ئوقۇشىنى تاماملىشىغا ياردەم بېرىشتە ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ، ئون نەچچە نامرات ئوقۇغۇچىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇشىنى تاماملىشىغا ئىقتىسادىي ياردەم بەردى، جەمئىي 150 مىڭ يۈەنگە يېقىن پۇل ئىئانە قىلدى.

«ھەر قېتىم مەن ياردەم بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ جەمئىيەتكە چىقىپ، جەمئىيەتكە ياراملىق ئادەم بولغانلىقىنى كۆرگىنىمدە، قىلغانلىرىمنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەرزىيدىغانلىقىنى، ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمەن» دېدى خەن باۋچىڭ.

سۈپەتلىك ماركىنىڭ تېخىمۇ زور تەسىر كۈچىنى جارى قىلدۇرۇش

ئۈمىد قۇرۇلۇشى شىنجاڭدا ئەمەلىيلەشكەندىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى نامرات ئوقۇغۇچىلارغا بولغان ئىقتىسادىي ياردەم، ئۈمىد باشلانغۇچ مەكتىپى قۇرۇلۇشى قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئۈستىگە ئېلىپ، شىنجاڭ ياشلار، ئۆسمۈرلەر ئىشلىرى تەرەققىياتىغا كۈچ قوشقۇچى ۋە تۈرتكە بولغۇچىغا ئايلاندى.

2016 - يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭ ياشلار، ئۆسمۈرلەر تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى ئىچكىرى رايونلاردىكى مېھىر - شەپقەت ئاممىۋى پاراۋانلىق فوندى جەمئىيەتلىرى بىلەن بىرلىشىپ ئۈرۈمچىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە «ياش پاراۋانلىق ئىشچىلىرى ئۇيۇشمىسى» ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئاممىۋى پاراۋانلىق تەشكىلاتى قۇرۇپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى تەشكىللەپ ئاممىۋى پاراۋانلىقنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشنى قانات يايدۇردى. بۇ جەرياندا، ياردەمگە ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلارغا نېمىنىڭ ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىشلىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپلا قالماي ھەم ئاممىۋى پاراۋانلىق پائالىيەتلىرىگە قاتناشتۇرۇپ، يەنە ئەمەلىيەت جەريانىدا ئۇلارنىڭ ئىقتىدارىنى چېنىقتۇردى.

ئۈمىد قۇرۇلۇشى شىنجاڭنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئۈمىد يەسلىسىنى ياردەم بېرىپ قۇرۇش، ئۈمىد ئاۋازلىق دەرسخانا تۈرى، ئۈمىد كىتاب ئوقۇش ئۆيى تۈرى قاتارلىقلارنى ئىئانە قىلىپ قۇرۇشنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، ئاز سانلىق مىللەت ياشلار، ئۆسمۈرلىرىنىڭ تېزدىن دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىپ، بالىلارنىڭ دۆلەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى كۈچەيتتى. ھازىر ياردەمگە ئېرىشىپ قۇرۇلغان كەنتلەرگە بارسىڭىز، بالىلار سىزگە قىزغىنلىق بىلەن قولىنى ئۇزىتىدۇ، سىزگە قاراپ «ياخشىمۇسىز!» دەيدۇ، بالىلارنىڭ جىلۋىلىنىپ تۇرغان خۇش تەبەسسۇمىنى كۆرگىنىڭىزدە، سىز ئۈمىد ئۇرۇقىنىڭ بۇ مۇنبەت تۇپراقتا يىلتىز تارتىپ بىخ سۈرۈۋاتقانلىقىنى ھېس قىلالايسىز.

«ئۈمىد قۇرۇلۇشىنى ئاممىۋى پاراۋانلىق تۈرىنىڭ داڭلىق سۈپەتلىك ماركىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، قانداق قىلىپ جەمئىيەت تەسىر كۈچىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرىدىغان، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىغان قىلىش بىزنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىدىغان ۋە تىرىشىدىغان يۆنىلىشىمىز.» شىنجاڭ ياشلار، ئۆسمۈرلەر تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى شى لېي مۇنداق بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، فوندى جەمئىيەت ئاممىۋى پاراۋانلىق تۈرىدىكى بايلىقلارنى بىرىكتۈرۈش ئارقىلىق، جەمئىيەت باشقۇرۇش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، جەمئىيەت تەشكىلاتلىرىنى يېتىشتۈرۈش مەركىزى قۇرۇپ، ئاممىۋى پاراۋانلىق تۈرى مەخسۇس فوندى تەسىس قىلىپ، ئاممىۋى پاراۋانلىق تەشكىلاتلىرىنىڭ ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىشلىرىغا تېخىمۇ ياخشى سىڭىشىشىگە ياردەم بەردى.