مارىقىز گۈزەللىكنى «باش»تىن باشلىدى

日期:2019年12月03日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرىجېڭ جو، شيې خۇيبيەن

11 - ئايدىكى جەنۇبىي شىنجاڭدا ھاۋا سوۋۇپ كېتىدۇ، يەكەن ناھىيەسىنىڭ تومئۆستەڭ بازىرى بەشتوغراق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى مارىقىز يېڭى سېتىۋالغان تىۋىتلىق پەلتوسىنى كىيدى. ئاچ سېرىق رەڭلىك پەلتوغا سۇس رەڭلىك ئىشتان ۋە ئاق خۇرۇم ئۆتۈكنى ماسلاشتۇرۇپ كىيىۋېدى، رەتلىك، سالاپەتلىك بولۇپ كەتتى.

مۇشۇ بىر قۇر كىيىمنى ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن، مارىقىز چېچىنى «چوڭ دولقۇن» چاچ پاسونىدا بۈدۈر قىلدى، يەنە بىرنەچچە تۇتام چېچىنى «كۈل رەڭ»دە تاللاپ بويىدى. يولدا ماڭغاندا، ئەتراپتىكى كىشىلەر ئۇنىڭغا زوقلىنىش نەزەرى بىلەن قارىشاتتى.

دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئايالدىن ئۆزىنىڭ ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش - چاچ گۈزەللەشتۈرۈش دۇكىنى ۋە سەككىز خىزمەتچىسى بار بولغان ئىگىلىك تىكلىگۈچىگە ئايلانغۇچە، مارىقىز ئۆزگىچە مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى.

ئالدىراش، مەنىلىك ئۆتكەن ئىگىلىك تىكلەش تۇرمۇشى

11 - ئاينىڭ 11 - كۈنى سائەت 11دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، مارىقىز ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش - چاچ گۈزەللەشتۈرۈش دۇكىنىنىڭ ئىشىكىنى ئاچتى، ئىچىدىكى سەرەمجانلار كىشىنىڭ كۆزىنى چاقنىتاتتى.

ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش - چاچ گۈزەللەشتۈرۈش دۇكىنىنىڭ كۆلىمى 200 نەچچە كىۋادرات مېتىر، ئاستى - ئۈستى ئىككى قەۋەت بولۇپ، پۈتۈن يۈرۈشلۈك چاچ گۈزەللەشتۈرۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ، يەنە توي كۆڭلىكى ئىجارىگە بېرىش، كېلىنچەك گىرىمى قاتارلىق كەسىپلىرىمۇ بار، ھەركۈنى خېرىدارلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ.

دۇكاننىڭ مەركىزىي رايونىدا، 60 كىۋادرات مېتىرلىق بوشلۇققا سەككىز چاچ ياساش ئورنى تەييارلانغان بولۇپ، خېرىدارلار بىلەن لىق تولغانىدى. مارىقىز مۇنداق دېدى: خېرىدارلاردىن چاچ ياسىتىدىغان، چاچ ئاسرىتىدىغانلار كۆپرەك، ھەر خىل ئوزۇقلۇق يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلار ئالاھىدە ئالقىشقا ئېرىشتى. مۇخبىرلار دۇكانغا رەتلىك تىزىپ قويۇلغان يۈرۈشلۈك مەھسۇلات قۇتىلىرىنىڭ ئۈستىگە ئىسىم - فامىلىسى ۋە ئالاقىلىشىش نۇمۇرى يېزىلغانلىقىغا دىققەت قىلدى. «بۇلارنىڭ ھەممىسى خېرىدارلار سېتىۋالغان مەھسۇلاتلار، ھەر قېتىم چاچ ياساتقىلى كەلگەندە ئىشلىتىدۇ، ئارىلىشىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن بەلگە چاپلاپ قويدۇق.» مارىقىز تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بىر قۇتا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتنىڭ سېتىلىش باھاسى 800 يۈەن ئەتراپىدا بولۇپ، 15 قېتىم چاچ پەرۋىشى قىلغىلى بولىدۇ. مۇخبىرلار ساناپ، بۇنداق يۈرۈشلۈك مەھسۇلات قۇتىسىدىن دۇكاندا 80 - 70ى بارلىقىنى كۆردى.

«بىرنەچچە كۈننىڭ ئالدىدا بىز بىر كېلىنچەككە يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت قىلدۇق، بۇ گىرىم قىلىش، چاچ بېزىكى ياساش ۋە توي كۆڭلىكى ئىجارىگە بېرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قاراڭ، بۇ ئاشۇ كۈنى تارتىلغان سىن» دېدى مارىقىز يان تېلېفونىنى ئېلىپ، مۇخبىرلارغا ئۆزىنىڭ «نەتىجىسى» نى نامايان قىلىپ. ھەر قېتىم خېرىدارلار دۇكانغا بېرىپ كېلىنچەك گىرىمى قىلغاندا، ئۇ ۋە ئىشچى - خىزمەتچىلەر تېلېفون ئارقىلىق گۈزەل دەقىقىلەرنى خاتىرىلەپ، ئاندىن مۇزىكا ۋە ئالاھىدە ئۈنۈم ئىشلەپ دوۋيىنغا چىقىرىدۇ. «بەزى خېرىدارلار بىزنىڭ سىنىمىزنى كۆرگەندىن كېيىن ئالايىتەن ئىزدەپ كەلدى» دېدى مارىقىز.

«سىز دۇكاندا قانچە يۈرۈش توي كۆڭلىكى بار دەپ سوراۋاتامسىز؟ كېلىپ كۆرۈپ بېقىڭ» مارىقىز كۈلۈمسىرىگىنىچە بىر ئىشىكنى ئاچتى، 40 نەچچە كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان توي كۆڭلىكى كىيىپ سىناش ئۆيى كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولدى. ئۆينىڭ ئۈچ تەرىپىگە ھەر خىل توي كۆڭلىكى ۋە مۇراسىم كىيىملىرى قويۇلغان بولۇپ، ئۇدۇل تامدىكى پۈتۈن ئەينەكتىن ھەربىر كېلىنچەك ئۆزىنىڭ ئەڭ گۈزەل ھالىتىنى كۆرەلەيتتى. «ئۆيدىكى توي كۆڭلىكى ۋە مۇراسىم كىيىمى 40 يۈرۈشكە يېقىن، ھەممىسىنى مەن گۇاڭجوۋدىن سېتىۋالغان.» مارىقىزنىڭ مۇخبىرلارغا ئېيتىشىچە، ھەر قېتىم توردىن چىرايلىق توي كۆڭلىكىنى كۆرگەندە، ئۇ ساتقۇچى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ھەر ئايدا دېگۈدەك يېڭى توي كۆڭلىكى ۋە مۇراسىم كىيىمىنى كىرگۈزۈپ تۇرىدىكەن.

«ئەگەر ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمى بولمىسا، بۈگۈنكى بارلىقىم بولمايتتى.» دۇكاندىكى سافادا ئولتۇرۇپ، مارىقىز مۇخبىرلارغا ئۆزىنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەردى.

ئۇ بۇرۇقتۇرما ئادەم ھەرگىزمۇ «مەن» ئەمەس

مارىقىز كىچىكىدىنلا گۈزەللىكنى سۆيىدىغان قىز ئىدى، تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئۇ يەكەن ناھىيە بازىرىغا كېلىپ، بىر كىيىم -كېچەك دۇكىنىدا مال ساتقۇچى بولدى.

بىر قېتىم، مارىقىز باشقىلارنىڭ يان تېلېفونىدا بىر بۆلەك سىننى كۆردى، ئۇنىڭدا كىشىلەر يۈزىنى ئورىۋېلىپ ئەسەبىي شوئار توۋلاۋاتقانىدى. گەرچە سىن قىسقا بولسىمۇ، ئەمما يېشى تېخى كىچىك بولغان مارىقىز بۇنىڭغا قىزىقىپ قالدى، كېيىن ئۇ ناتونۇش تور بېكەتلىرىگە چىقىپ مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى ئىزدىدى ۋە ئالاقىدار مەزمۇنلارنى كۆرۈشكە باشلىدى.

ۋاقىت ئۇزارغانسېرى، مارىقىز سىندىكى سۆزلەردىن قايمۇقۇپ قالدى، ئىدىيەسىدىمۇ تەدرىجىي ئۆزگىرىش بولدى.

خىزمەت ۋاقتىدا ئايال خېرىدارلارنىڭ رەڭدار كىيىملەرنى كىيىپ سىناپ باققىنىنى كۆرسە چىداپ تۇرالمايدىغان بولدى، كېيىن بىراقلا ئىستېپا بەردى. كەنتكە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، مارىقىز ئۆزى نىقابلىق كىيىم كىيىپلا قالماي، يەنە ئانىسى، ئاچىسىنىمۇ كىيىشكە بۇيرۇدى، بەزىدە يەنە بىر قىسىم دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى بار ماقالىلەرنى تارقاتتى. مارىقىزنىڭ قىلمىشى ئۆيدىكىلەرنى بەك ئۈمىدسىزلەندۈردى، ئۇلار كەنت ئاھالە كومىتېتىدىن ياردەم سورىدى. كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ خىزمەتچىلىرى مارىقىزنى تېپىپ سەۋرچانلىق بىلەن پاراڭلىشىپ، ئۇنىڭغا قانۇننى چۈشەندۈردى، تارىخنى چۈشەندۈردى.

«بىر كۈنى، مەن ئەينەك ئالدىدا تۇرۇپ ئۆزۈمگە قاراپ، ئەينەك ئىچىدىكى بۇرۇقتۇرما، چۈشكۈن ئادەمنىڭ زادى <ئۆزۈم> ئەمەسلىكىنى بايقىدىم. مەن گۈزەللىكنى سۆيىدىغان قىز تۇرسام.» بۇنىڭ بىلەن، مارىقىز ئۆيىدىكىلەرنىڭ ھەمراھلىقىدا يەكەن ناھىيەلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە ئۆگىنىشكە باردى.

«ئوقۇتقۇچىلىرىم ماڭا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ، دائىم مۇڭدىشىپ تۇردى.» مارىقىزنىڭ ئېيتىشىچە، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى ۋە قانۇن بىلىملىرىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق، ئۇ ئۆزىنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ زەھەرلىشىگە ئۇچرىغانلىقىنى، ئاشۇ ئاتالمىش «قائىدە - يوسۇن»نىڭ ھەممىسىنىڭ كىشىنى قايمۇقتۇرىدىغان باھانە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان. مارىقىز دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىدىن ئۈزۈل - كېسىل قول ئۈزۈش ئىرادىسىگە كەلگەن.

مارىقىز تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەلىم - تەربىيە مەركىزى ئاچقان ھەر تۈرلۈك قىزىقىش سىنىپىغا تىزىملىتىپ قاتنىشىپ، ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش - چاچ گۈزەللەشتۈرۈش تېخنىكىسىنى ئۆگەندى، ئادەتتىكى چاغلاردا ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش - چاچ گۈزەللەشتۈرۈشكە ئائىت ژۇرناللارنى قولىدىن چۈشۈرمىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىككى قولىغا تايىنىپ ئەتراپىدىكى ئاچا - سىڭىللارنى گۈزەللەشتۈرۈشكە قەتئىي ئىرادە باغلىدى.

تەلىم - تەربىيە مەركىزىدىكى ئۆگىنىش مارىقىزنىڭ كېيىنكى كۈنلەردە ئىگىلىك تىكلىشىگە ئاساس سالدى. ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ھۆكۈمەت ئۇنى ئۆگەنگەن ماھارىتىدىن پايدىلىنىپ ئىگىلىك تىكلەشكە ئىلھاملاندۇردى. مەھەللە مارىقىزغا ياردەملىشىپ ناھىيەلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ «گۈزەللەشتۈرۈش ئۆيى» تۈرىنى ئىلتىماس قىلىپ بەردى، بۇ تۈر 10 مىڭ يۈەنلىك ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش - چاچ گۈزەللەشتۈرۈش ئۈسكۈنىسى ياردەم قىلدى، مارىقىزنىڭ ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش - چاچ گۈزەللەشتۈرۈش دۇكىنى ناھايىتى تېزلا ئېچىلىپ خېرىدار كۈتۈۋالدى.

ھەركۈنى پۈتمەس - تۈگىمەس كۈچكە تولۇش

«دەسلەپتە سىڭلىم چاچ گۈزەللەشتۈرۈش دۇكىنى ئاچىدىغانلىقىنى ئېيتقاندا، كىچىك ساتىراشخانا ئوخشايدۇ دەپ ئويلىغانىدىم، بۇنداق چوڭلۇقىنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرمەپتىمەن!» مارىقىزنىڭ ئاچىسى بۇھەجەر سىڭلىسىنىڭ دۇكىنىنى تىلغا ئالغاندا ھاياجىنىنى يوشۇرالمىدى. ئاچىسىنىڭ بەش يىللىق چاچ گۈزەللەشتۈرۈش تەجرىبىسى بارلىقىنى ئويلاپ، مارىقىز ئۇنىڭ ئۆزىگە ياردەملىشىپ بىللە دۇكان ئېچىشىنى ئۈمىد قىلغاندا، بۇھەجەر خۇشاللىق بىلەن قوشۇلدى. «سىڭلىم ھەر ئايدا ماڭا 3000 يۈەن مائاش بېرىدۇ، بۇ ئىلگىرىكى كىرىمىمدىن يۇقىرى» دېدى بۇھەجەر.

دۇكان بۇنداق چوڭ تۇرسا، ئىككى ئادەم قانداقمۇ يېتىشەلىسۇن، مەھەللە ياردەملىشىپ كەسپىي ساتىراشلىق مەكتىپىنى پۈتكۈزگەن تۆت ئوقۇغۇچىنى بۇ يەرگە كېلىپ ئىشلەشكە تونۇشتۇردى، بۇنىڭغا تەكلىپ قىلغان خادىملار ۋە شاگىرتلارنى قوشقاندا، ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش - چاچ گۈزەللەشتۈرۈش دۇكىنىدا ھازىر جەمئىي سەككىز خىزمەتچى بار.

ھەر قېتىم خېرىدار كۈتۈۋالغاندا، مارىقىز ئۆزى قول سېلىپ ئىشلىدى، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە مۇشۇنداق قىلغاندا خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجىنى ئىگىلەپ، دۇكاننىڭ مۇلازىمىتىنى ياخشىلىغىلى بولىدىكەن. بەزىدە بىرخىل چاچ پاسونى مودا بولسا، مارىقىز توردىن ئوقۇتۇش سىن فىلىمى ئىزدەپ، ئاز - ئازدىن ئىزدەندى. «بىلمەيدىغىنىمغا يولۇققاندا، كەسىپداشلاردىن سورايمەن، ئۇلار قىزغىنلىق بىلەن يېتەكلىدى.» مارىقىز مۇنداق دېدى: ئۆزۈمنىڭ ئىزدىنىشىگىلا تايانسام ئىلگىرىلەش تېز بولمايدىكەن، شۇڭا ئەتراپتا ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش - چاچ گۈزەللەشتۈرۈش كۇرسى ئېچىلغانلىقىنى ئاڭلىساملا تىزىملىتىپ قاتناشتىم. «ئالدىنقى بىر مەزگىلدە، ۋۇخەندىن كەلگەن چاچ گۈزەللەشتۈرۈش ئۇستىسى مودا بولۇۋاتقان كېلىنچەك چاچ پاسونىنى ئۆگەتتى، مەن ئۈچ كۈنلۈك تەربىيەلىنىشكە تولۇق قاتناشتىم.» مارىقىز يان تېلېفونى ئارقىلىق دەرسخانىدىكى ئوقۇتۇش جەريانىنى تولۇق سىنغا ئېلىۋېلىپ، بىكار ۋاقتى بولسىلا ئېچىپ تەتقىق قىلدى.

ئائىلىسىدىن خەۋەر ئالغاندىن سىرت، مارىقىز ھەممە ۋاقتىنى دېگۈدەك خىزمەت ۋە ئۆگىنىشكە سەرپ قىلدى. «ئۈندىدارىمدىكى ياخشى دوستلىرىمنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك كەسىپداشلىرىم، بىز ئۆزئارا تەسىرات ئالماشتۇرۇپ، خېرىدار تونۇشتۇرىمىز.» مارىقىز پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق مەھسۇلات بىلەن تەمىنلىگۈچى بىرتۈركۈم ئىشەنچلىك سودىگەرنى تاللاپ چىقتى.

قىزىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىگىلىكى بار بولغانلىقىنى كۆرۈپ، ئانىسى بۇخەلىچە مۇسا ئىنتايىن خۇشال بولدى. «قىزىمدا بەك چوڭ ئۆزگىرىش بولدى، ئىلگىرى روھسىزلا يۈرەتتى، ھازىر پۈتمەس - تۈگىمەس كۈچكە تولدى. ھەر قېتىم ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە چېچىمنى مودا پاسوندا ياساپ قويىدۇ.» ئانىسى باشتىن - ئاخىر قىزىنىڭ دۇكان ئېچىپ ئىگىلىك تىكلىشىنى قوللاپ كەلدى، بەزىدە مارىقىز سىرتقا تەربىيەلىنىشكە بارغاندا، ئانىسى ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ ئىككى بالىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ، قىزىنى خاتىرجەم ئىشلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

ھازىر ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش - چاچ گۈزەللەشتۈرۈش دۇكىنىنىڭ ھەر ئايلىق تىجارەت سوممىسى تەخمىنەن 30 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بولۇۋاتىدۇ، لېكىن مارىقىز بۇنىڭدىن ئانچە رازى ئەمەس، ئۇ دۇكان توغرىسىدا يېڭى پىلان تۈزدى. «مەن ھەممە بوشلۇقتىن پايدىلانماقچى بولۇۋاتىمەن.» مارىقىز ئىككىنچى قەۋەتتىكى ھەربىر بوش ئۆينى ئېچىپ، مۇخبىرلارغا ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىنى ئېيتتى. «بۇ ئۆيگە دۇش قويىمەن، بۇ ئۆيگە ئىككى ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش كارىۋىتى قويىمەن، بۇ جاينى تىرناق ياساش رايونى قىلىمەن.» مارىقىزنىڭ قارىشىچە، تەسەۋۋۇرلىرى قەرەلىدە ئىشقا ئاشسا، دۇكاننىڭ سودىسى تېخىمۇ جانلىنىدىكەن.

«ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق ئۆز قىممىتىمنى تاپتىم. تىرىشساملا تۇرمۇشۇمنىڭ چوقۇم بارغانسېرى ياخشى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېدى مارىقىز.