قاتناش راۋانلاشتى  سەپەر تېزلەشتى

日期:2019年12月03日
来源:天山网
【字体:

− ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشقا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى ئۇنىۋېرسال بايان

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىلۇ فېڭباۋ

يېقىندا، S21 ئالتاي - ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى قۇرۇلۇش تۈرىدە ئىش باشلاندى. تۈر پۈتكەندىن كېيىن، ئالتايدىن ئۈرۈمچىگە كېلىشتە ئايلىنىپ يول يۈرۈشنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ، بۇ، ئالتاي ۋىلايىتى بىلەن ئۈرۈمچىنى تۇتاشتۇرىدىغان بىر قولايلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك يول بولۇپ قالىدۇ.

بۇ تۈرنىڭ يولغا قويۇلۇشى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قاتناش بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتقانلىقىنىڭ بىر ئىخچام كارتىنىسى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «شىنجاڭ ئىچىنى ھالقىسىمان تۇتاشتۇرۇش، شىنجاڭغا كىرىش - چىقىشنى تېزلىتىش» نىشانى بويىچە، ئاپتونوم رايونىمىز شىنجاڭغا كىرىدىغان، شىنجاڭدىن چىقىدىغان تۆمۈريول، تاشيول چوڭ قانىلى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭ ئىچىدىكى تاشيول، تۆمۈريول، پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېخىمۇ قولايلىق بولغان ئىستېرېئولۇق قاتناش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، شىنجاڭ ساياھىتىنىڭ تەرەققىيات ئاساسىنى مۇستەھكەملىدى.

قاتناش چوڭ قۇرۇلۇشى ساياھەتكە چىقىشنى تېخىمۇ قولايلاشتۇردى

ساياھەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، قاتناشنى جەزمەن ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك.

G7 بېيجىڭ - شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنى ياساش، G30 ليەنيۈنگاڭ - قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ شىنجاڭ بۆلىكىنى كېڭەيتىپ ئۆزگەرتىش... يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز قاتناش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى. 2018 - يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئاپتوموبىل قاتنىغان تاشيول ئومۇمىي مۇساپىسى 189 مىڭ كىلومېتىر(بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)غا يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە يۇقىرى سۈرئەتلىك يول 4800 كىلومېتىر بولۇپ، بارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر يۇقىرى سۈرئەتلىك يول دەۋرىگە قەدەم قويدى.

بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز تاشيول تورىنىڭ كۆلىمىنى يەنىمۇ كېڭەيتتى، ئۈرۈمچى - كۈيتۈن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى قاتارلىق كۆپلىگەن يول قۇرۇلۇشى تۈرىدە قاتناش باشلىنىپ تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلدى، يېڭىدىن كۆپەيگەن يۇقىرى سۈرئەتلىك (بىرىنچى دەرىجىلىك) يول جەمئىي 917 كىلومېتىرغا، ئىككىنچى دەرىجىلىك يول 376 كىلومېتىرغا يەتتى.

شىنجاڭ تۆمۈريول قۇرۇلۇشىمۇ ئۈزلۈكسىز تېزلىتىلدى. 5 - ئاينىڭ 30 - كۈنى قاراماي - چۆچەك تۆمۈريولىدا قاتناش باشلىنىپ تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلۈپ، شىنجاڭدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر ۋىلايەت(ئوبلاست) مەركىزى چۆچەك شەھىرىگە پويىز قاتنىماسلىق تارىخىغا خاتىمە بېرىلدى، ئۈرۈمچى - چۆچەك ئارىلىقىدا سەپەرگە چىقىشتا تاللاش ئىمكانىيىتى تېخىمۇ كۆپەيدى.

بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭنىڭ تۆمۈريول تىجارەت تىرانسپورت مۇساپىسى 6568 كىلومېتىرغا يەتتى، 2021 - يىلىغا بارغاندا 9126 كىلومېتىرغا يەتكۈزۈش پىلانلاندى، تۆمۈريول لىنىيەسى شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ كۆپ رايونلىرىنى قاپلاپ، ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىشى، ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەت قىلىشى تېخىمۇ قولايلىشىدۇ.

ئايروپىلانلار كەينى - كەينىدىن ئۇچتى ۋە قوندى، ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرى بىر - بىرىگە گىرەلەشتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇمى قۇرۇلۇشىنى تىرەك، «يېڭى تېخنىكا، يېڭى مۇلازىمەت»نى كۈچەش نۇقتىسى قىلغان شىنجاڭ پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى «شىنجاڭ ئىچىدە تورلاشقان، شەرق بىلەن غەربكە يەلپۈگۈچسىمان يېيىلغان» ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئورۇنلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق تېزلەتتى، تېز، قولاي بولغان «بوشلۇق ئاممىۋى قاتنىشى» تېز شەكىللەنمەكتە.

ئىستېرېئولۇق قاتناش تورى ساياھەتكە چىقىش تەننەرخىنى تېخىمۇ تۆۋەنلەتتى

شىنجاڭنىڭ دائىرىسى كەڭ، مەنزىرە نۇقتىلىرى تارقاق، ساياھەتچىلەرنىڭ ۋاقىت تەننەرخى بىرقەدەر يۇقىرى بولۇپ، قاتناش «تېز ئىلگىرىلەش» سىستېمىسىنى بەرپا قىلغاندا سەپەر ۋاقتىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.

قاتناش «تېز ئىلگىرىلەش» سىستېمىسى تېز سۈرئەتلىك تۆمۈريول، پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى، يۇقىرى سۈرئەتلىك يول قاتارلىقلارغا تايىنىپ، تېز سۈرئەتلىك قاتناش تورىنى بەرپا قىلىپ، ساياھەتنىڭ راۋانلىقى ۋە قولايلىقلىقىنى ئۆستۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ.

جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى يولۇچى توشۇش بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ تۆمۈريولى سۈرئەتنى يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش تەسىراتىنى ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى قىلىپ، ئادەتتىكى سۈرئەتلىك پويىزنى تېز سۈرئەتلىك تۆمۈر يولدا يۈرۈشكە تەشكىللەش، يولۇچىلارنىڭ پويىزغا چىقىش - چۈشۈش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، سەپەر ۋاقتىنى زور دەرىجىدە قىسقارتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پويىز گەۋدىسىنى ئالماشتۇرۇپ يېڭىلاشنى تېزلىتىپ، ئۈرۈمچىدىن كورلا، غۇلجا، بورتالا قاتارلىق يۆنىلىشلەرگە سائەتلىك سۈرئىتى 160 كىلومېتىرلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى مەركەزلەشكەن ئوقپويىز گۇرۇپپىسىنى قاتنىتىپ، شىنجاڭ تۆمۈريولىنى «گۈللىنىش ناملىق پويىز» دەۋرىگە كىرگۈزدى.

«بۇلۇت ئۈستىدىكى ئاممىۋى قاتناش» شىنجاڭ شەھەرلىرى ئارىسىدىكى زامان، ماكان ئارىلىقىنى زور دەرىجىدە قىسقارتتى. ھازىر، شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھىنىڭ ئايروپىلان ئۇچۇۋاتقان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى 264تىن ئېشىپ، 16 دۆلەت، 20 خەلقئارالىق شەھەر، بىر رايون شەھىرى، دۆلىتىمىز ئىچىدىكى 81 شەھەر بىلەن ئۈرۈمچى ئارىلىقىدا ئايروپىلان قاتنىدى، ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن، كورلا قاتارلىق 11 تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇمىدىن ئاپتونوم رايونىمىز سىرتىدىكى 20 شەھەرگە بىۋاسىتە ئايروپىلان ئۇچىدىغان بولدى، تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇملىرىدا ئۈرۈمچىدە توختىماي شىنجاڭ سىرتىغا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىن 55ى، تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇملىرى ئارا ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىن 50ى ئېچىلدى.

تېز، قولاي بولغان بوشلۇق قاتنىشى تورى، يولۇچىلارنىڭ ئەتىگەندە گۇاڭجوۋدا ناشتا قىلىپ، كەچتە ئالتايدا قار مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىش ئارزۇسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇردى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتى يەنە تاشيول يولۇچى تىرانسپورتى كارخانىلىرىنىڭ مۇقىم لىنىيەلىك ساياھەت يولۇچى تىرانسپورت لىنىيەسىنى كېڭەيتىشىگە ئۈزلۈكسىز ئىلھام ۋە مەدەت بېرىپ، ساياھەت يولۇچى تىرانسپورتى بىلەن ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك جىپسىلىشىشىنى قوللاپ، خاسلىققا ئىگە، يۇقىرى سۈپەتلىك ساياھەت ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدىغان زاكازلاشقان ساياھەت يولۇچى تىرانسپورت مۇلازىمىتى مەھسۇلاتلىرىنى ئاچتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تۆمۈريول، پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى بىلەن ئۆزئارا جىپسىلاشقان ساياھەت يولۇچى توشۇش - تارقاقلاشتۇرۇش تورىنى ھەر تەرەپلىمە بەرپا قىلىپ، تىجارەت سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن تاشيول تىرانسپورت كارخانىلىرىنى ئايرودۇرۇم، ۋوگزال(تېز سۈرئەتلىك تۆمۈريول) بىلەن شەھەرلەر ئارا، مەنزىرە رايونلىرى ئارا بىۋاسىتە تۇتاشقان تېز لىنىيە ئېچىشقا ئىلھاملاندۇردى.

قاتناش بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشى ساياھەتكە چىقىشتىكى تاللاشنى تېخىمۇ كۆپ خىللاشتۇردى

بۇ يىل، ئاپتونوم رايوندىكى قاتناش تارماقلىرى تەخمىنەن 120 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، مايتاغ - كۇچا تاشيول لىنىيەسىدىكى يول يۈزىگە سۇ يىغىلىپ قېلىش، بۇزۇلۇپ يېرىلىش، قىسمەن يول بۆلەكلىرىگە يانتۇلۇقتىن تاش چۈشۈش قاتارلىق خەتەرلىك ئەھۋاللارنى بىر تەرەپ قىلدى، مەنزىرە كۆرۈش ئاپتوموبىل توختىتىش رايونىدىن 33نى، ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىدىن 1500دىن كۆپرەكنى يېڭىدىن كۆپەيتتى، مۇھىت ئاسرايدىغان ئاممىۋى ھاجەتخانىدىن 19نى، ئەخلەت تۆكۈش نۇقتىسىدىن 81نى يېڭىدىن كۆپەيتتى.

«ئون چاقىرىمدا ئوخشاش بولمىغان ھاۋا رايىنى، بىر كۈندە تۆت پەسىلنى كۆرگىلى بولىدىغان» مايتاغ - كۇچا تاشيولى بۇ يىل يازدا شىنجاڭدا ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىشقا كەلگەن شاڭخەيلىك ساياھەتچى شياۋ شىلۇدا چوڭقۇر تەسىرات قالدۇردى.

شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى قولاي، تېز، راھەت بولۇشنى پىرىنسىپ قىلىپ، پويىزنىڭ قاتناش ۋاقتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ساياھەت مەخسۇس پويىزى قاتناتتى − يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «شىمالىي شىنجاڭنى ئايلىنىپ ساياھەت قىلىش» «جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھەممە يېرىنى كۆرۈش» قاتارلىق ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى ئارقا - ئارقىدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، «ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنى چوڭ دائىرىدە تۇتاشتۇرۇش، ساياھەتچىلەر سەپەرگە چىققاندا چوڭ ئاممىۋى قاتناشنى تاللاش، ساياھەت پويىزىنىڭ چوڭ ئايلىنىشى»دىن ئىبارەت «تۆمۈريول + ساياھەت» يۇغۇرما تەرەققىيات ئەندىزىسىنى زور كۈچ بىلەن بەرپا قىلدى.

گۇاڭدۇڭدىن كەلگەن ساياھەتچى جاڭ گوفېڭ پويىزغا ئولتۇرۇپ شىنجاڭدا ساياھەت قىلىشنى تاللىدى. 10 - ئاينىڭ 29 - كۈنىدىن 11 - ئاينىڭ 5 - كۈنىگىچە، شىنجاڭ تۆمۈريولىدا بۇ يىل قاتنىغان 18 - قېتىملىق «جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھەممە يېرىنى كۆرۈش» ساياھەت مەخسۇس پويىزى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 200گە يېقىن ساياھەتچىنى ئېلىپ ماڭدى، ساياھەتچىلەر سەككىز كۈنلۈك مۇساپىدە كورلا، قەشقەر، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردىكى كۆپلىگەن مەنزىرە نۇقتىسىنى ساياھەت قىلدى، ساياھەتچىلەر بىر قېتىملىق جەنۇبىي شىنجاڭ ئۆرپ - ئادەت مەنزىرە ساياھىتىدىن مېھرىنى ئۈزەلمەي قالدى.

«جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كەچ كۈز مەنزىرىسىنىڭ بۇنداق گۈزەل ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقماپتىمەن. پويىزغا ئولتۇرۇپ شىنجاڭدا ساياھەت قىلغاندا ھەقىقەتەنمۇ ئارتۇقچە غەمدىن خالاس بولىدىكەنمىز، ناھايىتى راھەت ئىكەن» دېدى جاڭ گوفېڭ.

شىنجاڭ تۆمۈريول ساياھەت تەرەققىيات گۇرۇھىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى خۇاڭ تىڭفېن مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى قىشلىق ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى، پويىزغا ئولتۇرۇپ ئالتايغا بېرىپ قار مەنزىرىسىنى تاماشا قىلغىلى، قار تېيىلغىلى بولىدۇ، بۇ، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرگە شىنجاڭ قار - مۇزلىرىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدۇردى.