پاشاگۈل كېرەم: 500دىن كۆپرەك يۇرتدىشىنى سىرتقا چىقىپ ئىشلەشكە باشلىدى

日期:2019年12月03日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىخې لىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىجوۋ گومىن، خو تىڭ

«گۈلى، خەيرلىك سەھەر!» «گۈلى، بۈگۈن بەك چىرايلىق بولۇپ كېتىپسىز!»...

10 - ئاينىڭ 20 - كۈنى سائەت 6دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە، پاشاگۈل كېرەم گۇاڭدۇڭ دۇڭگۇەن لۈجوۋ ئاياغچىلىق چەكلىك شىركىتى ئاياغ يۈزلۈكى تىكىش سېخىغا كېلىپ دەل ۋاقتىدا ئىشقا چۈشتى، زاۋۇتتىكى ئاچا - سىڭىللار بەس - بەستە ئۇنىڭ بىلەن ئەھۋاللاشتى.

پاشاگۈل ئۇلۇغچات ناھىيەسى بۆرىتوقاي يېزىسى ئاقىچى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى بولۇپ، گۇاڭدۇڭدا 14 يىل ئىشلەمچىلىك قىلغان ئۇ شۇ جايغا تامامەن سىڭىشىپ كەتكەنىدى.

يېقىندا، پاشاگۈل «مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچى شەخس» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ شەرەپكە ئېرىشكەنلىكىمدىن ناھايىتى پەخىرلىنىمەن. ھازىر، مېنىڭ گۇاڭدۇڭدىكى تۇرمۇشۇم ناھايىتى ياخشى، دوستلىرىممۇ ناھايىتى كۆپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىدىن كەلگەن».

ئاقىچى كەنتى ئېغىر نامرات كەنت، پاشاگۈلنىڭ ئائىلىسى كەنتتىكى نامرات ئائىلە. ئۇنىڭ دېيىشىچە، كىچىك چېغىدىلا دادىسى ۋاپات بولۇپ، ئانىسى پەرزەنتلەرنى بېقىش يۈكىنى زىممىسىگە ئالغان، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ كۈنى ناھايىتى غۇربەتچىلىكتە ئۆتكەن ئىكەن. ئۇ كىچىكىدىنلا تاغدىن چىقىپ، تىرىشىش ئارقىلىق ئائىلىسىدىكىلەرنى ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشكە ئىرادە باغلىغان.

2006 - يىلى 6 - ئايدا، ئۇلۇغچات ناھىيەسى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىچكىرى رايونلارغا بېرىپ ئىشلەشكە تەشكىللىدى، يەرلىك كادىرلارنىڭ تەشۋىق قىلىشى ۋە ئىلھاملاندۇرۇشى بىلەن پاشاگۈل تىزىملاتتى.

پاشاگۈلنىڭ بىرىنچى خىزمىتى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى بىر ئېلېكتىرون دېتالى زاۋۇتىدا ئىشلەمچىلىك قىلىش بولۇپ، دەسلەپتە تىل بىلمەسلىك، تېخنىكىدا ئۆتكەلدىن ئۆتەلمەسلىك سەۋەبىدىن كىرىمى يۇقىرى ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ بېشى قېتىپ تۇرغان چاغدا، گۇاڭشىدىن كەلگەن لى لىڭ ھەدە ئۇنىڭ ئۈچۈن «كۆيۈمچان ئۇستاز» بولدى.

«لى ھەدەم ناھايىتى قىزغىن بولۇپ، ھەر كۈنى دەم ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ماڭا دۆلەت ئورتاق تىلىنى ئۆگەتتى. ئەينى چاغدا مەن ئۆگىنىشتە بەك قىينالدىم، ئەمما ھەدەم ناھايىتى سەۋرچانلىق بىلەن بىر جۈملە، بىر جۈملىدىن ئۆگەتتى». پاشاگۈل مۇنداق دېدى: گۇاڭدۇڭغا دەسلەپ كەلگەن ۋاقتىمدا، بۇ يەرنىڭ ھاۋاسىغا كۆنەلمىدىم، تېرەمدە زىيادە سېزىمچانلىق كۆرۈلدى، لى ھەدەم مەخسۇس دورا سېتىۋېلىپ ياتىقىمغا ئەكېلىپ بەردى.

تۇرمۇشتىكى كىچىك، ئۇششاق ئىشلار پاشاگۈل بىلەن لى ھەدە ئوتتۇرىسىدا چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتى. «ھازىر ئۇ مېنى <گۈلى> دەپ چاقىرىدۇ، مەن ئۇنى <ھەدە> دەپ چاقىرىمەن، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇپ كەتتۇق» دېدى پاشاگۈل.

دۆلەت ئورتاق تىلىنى ئۆگەنگەندىن كېيىن، پاشاگۈلنىڭ شۇ جايدىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشى بارغانسېرى راۋانلىشىپ، ناھايىتى كۆپ ئاچا - سىڭىللىرى، ياخشى دوستلىرى بار بولدى. «ئۇلارنىڭ ياردىمىدە مېنىڭ تېخنىكاممۇ ئۆستى، مائاشىممۇ ھەر ئايدىكى ئاز كەم 2000 يۈەندىن، 3000 يۈەندىن كۆپرەككە يەتتى» دېدى پاشاگۈل خۇشال ھالدا.

ئەمگەكچان بىر جۈپ قولىغا تايىنىپ، پاشاگۈل ئۇستازلىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىپلا قالماي، يەنە سېختىكى ھەر مىللەت ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىپ، ناھايىتى تېزلا ئۆسۈپ يېتىلىپ سېختىكى 10 - گۇرۇپپىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى بولدى.

ھازىر، پاشاگۈل گۇاڭدۇڭنى بارغانسېرى ياقتۇرۇپ قالدى، دەم ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ يەنە كەنتكە قايتىپ، كەنتتىكى ئاچا - سىڭىللارنى ئۆزى بىلەن بىرلىكتە تاغدىن چۈشۈپ ئىشلەشكە سەپەرۋەر قىلدى.

«2006 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، مەن ئېرىم، ئىنىم، ئاكام ۋە يەڭگەمنى چىقىپ ئىشلەشكە قايىل قىلدىم. مەنمۇ ھەر يىلى يۇرتقا قايتىپ تۇغقان يوقلاش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىگە سىرتقا چىقىپ ئىشلەشنىڭ پايدىسىنى تەشۋىق قىلدىم» دېدى پاشاگۈل.

2015 - يىلىدىن بۇيان، پاشاگۈل ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ يەرلىكتىكى 521 يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچىنى گۇاڭدۇڭ دۇڭگۇەنگە بېرىپ ئىشلەشكە باشلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە، نامرات ئائىلىدىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچى 210 كىشى بولۇپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 179 نامرات ئائىلىنىڭ كىرىمىنى سىجىل كۆپەيتىشىگە ياردەم بېرىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

«بۇ يىللاردىكى ئىشلەمچىلىك سەرگۈزەشتەم نەزەر دائىرەمنى كېڭەيتىپ، كىرىمىمنى كۆپەيتتى، ماھارەت ئۆگەندىم ھەم نۇرغۇن ياخشى خەنزۇ ئاچا - سىڭىللار، ياخشى دوستلار بىلەن تونۇشتۇم، ئۇلار ئىزچىل قىزغىنلىق بىلەن ماڭا ياردەم بېرىۋاتىدۇ، ماڭا كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ، مەن بۇنىڭدىن ناھايىتى ئىللىقلىق ھېس قىلىمەن. بۇنىڭدىن كېيىن، مەن يۇرتۇمدىكى تېخىمۇ كۆپ ئاچا - سىڭىلنى سىرتقا چىقىپ ئىشلەشكە، تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشكە يېتەكلەيمەن» دېدى پاشاگۈل.