1- دەرىجىلىك تاشيول گەنچۈەنباۋ- موسوۋەن تاشيولىدا قاتناش باشلاندى

日期:2019年12月02日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 11- ئاينىڭ 19- كۈنى تېلېگراممىسى: ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 167 كىلومېتىر كېلىدىغان، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 6-شىسى ۋە 8-شىسىنى تۇتاشتۇرىدىغان 1- دەرىجىلىك تاشيول __ گەن (چۈەنباۋ) مو (سوۋەن) تاشيولىدا يېقىندا رەسمىي قاتناش باشلاندى.

گەنچۈەنباۋ- موسوۋەن تاشيولىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى دۆلەت يولى 216- لىنىيەسى گەنچۈەنباۋ ھەق ئېلىش پونكىتىنىڭ چىقىش ئېغىزىغا جايلاشقان، ئاخىرقى نۇقتىسى 8- شى موسوۋەن بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونى 148-تۇەنى شىيىڭ بازىرىدا بولۇپ، ئەسلىدە قوش لىنىيەلىك ئىككى ئاپتوموبىللىق 2-دەرىجىلىك تاشيول ئىدى. شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى قاتناش-تىرانسىپورت ئىدارىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ تاشيولنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىدا 2016- يىلى 7- ئايدا ئىش باشلانغان، جەمئىي 2 مىليارد 420 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، ئۈچ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆزگەرتىشتىن كېيىن، نۆۋەتتە قوش لىنىيەلىك تۆت ئاپتوموبىللىق 1-دەرىجىلىك تاشيولغا ئۆزگەرتىلگەن، سائەتلىك سۈرئىتى 80 كىلومېتىر قىلىپ لايىھەلەنگەن، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 140 كىلومېتىردىن ئاشقان، ھازىر شىنجاڭ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى بويىچە ئەڭ ئۇزۇن 1-دەرىجىلىك تاشيول ھېسابلىنىدىكەن.

6-شى قاتناش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جۇ چياڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، گەنچۈەنباۋ- موسوۋەن تاشيول تۈرى ئۈرۈمچى، 6-شى ۋۇجياچۈ شەھىرى، شۇنداقلائەتراپتىكى تۇەن-مەيدانلارغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن ھەمدە سانجى شەھىرى، فۇكاڭ شەھىرى قاتارلىق جايلارنى تۇتاشتۇرۇپ، تىيانشاننىڭ شىمالىي يانتۇلۇق ئىقتىساد بەلبېغىدىكى ھەرقايسى مەركىزىي رايونلارنى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم يول ھېسابلىنىدىكەن.