تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان 379 بالا «بىر جايدىلا» قۇتقۇزۇپ ياردەم بېرىشكە ئېرىشتى

日期:2019年12月02日
来源:天山网
【字体:

«قىزىل كرېست جەمئىيىتىگە رەھمەت، ئاق كۆڭۈل كىشىلەرگە رەھمەت، بالامغا ياردەم بېرىپ كەلگەنلەرگە رەھمەت.» يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق 3-خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ بالنىستا بۆلۈمىدە، خوتەن شەھىرىدىن كەلگەن راخمانجان دىلمۇرات كۆزىگە ئىسسىق ياش ئېلىپ تۇرۇپ شۇنداق دېدى.

ئەسلىدە، ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كرېست جەمئىيىتىنىڭ ئېغىر كېسەللەرنى قۇتقۇزۇپ ياردەم بېرىش ئاساسىي قاتلام خىزمىتىدە، راخمانجاننىڭ ئىككى قىزىغا تۇغما يۈرەك كېسىلى دەپ دىياگنور قويۇلغان، «بىر جايدىلا» قۇتقۇزۇپ ياردەم بېرىش ئۇنىڭ ئىككى قىزىنى جۇڭگو قىزىل كرېست جەمئىيىتى تيەنشې ياڭگۇاڭ فوندىنىڭ مەبلەغ چىقىرىپ ياردەم قىلىشىغا ۋە ۋاقتىدا قۇتقۇزۇپ داۋالاش ياردىمىگە ئېرىشتۈرگەن.

ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كرېست جەمئىيىتى ئاپەتكە تەييارلىق قىلىپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مەنسۇر ناماننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ بىر تۈركۈم خوتەندىن كەلگەن تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالا جەمئىي 47 ئىكەن.ئۇلار ئاپتونوم رايون بويىچە تۆت نۇقتىلىق دوختۇرخانا داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر ئۆمىكىنى تەشكىللەپ ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ تەكشۈرۈش، نەق مەيداندا ياردەم بېرىش ئوبيېكتىنى بېكىتىش، بىر تۇتاش دوختۇرخانىغا كىرىپ ئوپېراتسىيە قىلىش، داۋالاش خىراجىتىگە ھەقسىز ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت «بىر جايدىلا»ياردەم بېرىش مۇلازىمەت ئەندىزىسىدىن مەنپەئەتلەنگەن، تۇغما يۈرەك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان 47 بالا مەركەزلىك تەكشۈرۈشتە ياردەمگە ئېرىشكەندىن تارتىپ، مەركەزلىك تەشكىللىنىپ ئۈرۈمچىگە كېلىپ داۋالانغان، ئوپېراتسىيە ھەققى، يول خىراجىتى قاتارلىقلارغا بىر پۇڭ پۇل خەجلىمىگەن،ئۇچۇر تولدۇرۇش، ماتېرىيال تاپشۇرۇشقا بىر قېتىممۇ ماڭمىغان، تاللاپ تەكشۈرۈشتىن ئوڭۇشلۇق تاماملاشقىچە پەقەت بىر ئاي ۋاقىت كەتكەن.

ئىلگىرى شەخسىي قۇتقۇزۇشنى ئىلتىماس قىلغاندا چوقۇم تەرتىپ بويىچە مېڭىشى، بىمارنىڭ ئاتا ـ ئانىسى ئىلتىماس جەدۋىلىنى تولدۇرۇشى، دىياگنوز قەغىزى ۋە سالاھىيەت ماتېرىيالىنى تەمىنلىگەندىن كېيىن، شۇ جاينىڭ دەسلەپكى تەكشۈرۈشى، ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كرېست جەمئىيىتىنىڭ قايتا تەكشۈرۈشىدىن كېيىن، جۇڭگو قىزىل كرېست فوندى جەمئىيىتىگە يوللاپ، ئۇقتۇرۇش قەغىزى تارقىتىلغاندىن كېيىن، ئۇچۇر قەغىزى ماتېرىيالىنى تاپشۇرۇش قاتارلىق ھالقىلاردا ئاندىن ئاخىرقى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ياردەم پۇلىغا ئېرىشەلەيتتى.» مەنسۇر تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئاساسىي قاتلامغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغاندىن كېيىن، «بىر جايدىلا» قۇتقۇزۇپ ياردەم بېرىشتە بىمارنىڭ تۇنجى قېتىملىق تەكشۈرۈش خىراجىتى كەچۈرۈم قىلىنىپلا قالماي، يەنە قۇتقۇزۇش ئىلتىماس قىلىش ھالقىسىمۇ زور دەرىجىدە ئاددىيلاشتۇرۇلدى.

بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كرېست جەمئىيىتى يەتتە مۇتەخەسسىسلەر ئۆمىكىنى تەشكىللەپ، ۋىلايەت-ئوبلاستلارغا چۈشۈپ تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنى مەركەزلىك قۇتقۇزۇشقا تەشكىللەپ، تەكشۈرۈپ، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتىدە 3000غا يېقىن يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنى تەكشۈردى. ھازىرغا قەدەر، 379 بىمار فوندى ياردىمىگە ئېرىشتى.