شىنجاڭ مەملىكەت بويىچە ئاساسلىق مېۋە ئىشلەپچىقىرىش رايونىغا ئايلاندى

日期:2019年12月02日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ساۋ خۇا فوتوسى، خەۋىرى): شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىن «مېۋە-چېۋە ماكانى» دېگەن گۈزەل نامى بار، ئۇنداقتا سىز شىنجاڭنىڭ باغ-ئورمان تېرىقچىلىق كۆلىمىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟ 11- ئاينىڭ 21- كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 10 نەچچە يىللىق تېز تەرەققىي قىلىش ئارقىلىق، نۆۋەتتە شىنجاڭنىڭ باغ-ئورمان تېرىقچىلىق كۆلىمى 21 مىليون 677 مىڭ 400 موغا يېتىپ، يىلىغا ھەر خىل مېۋە-چېۋىدىن ئون مىليون توننا ئىشلەپچىقىرىپ، مەملىكەت بويىچە ئاساسلىق مېۋە ئىشلەپچىقىرىش رايونى بولۇپ قالغان.

ئۆينىڭ ئالدى-كەينىدە تېرىقچىلىق قىلىشتىن تېز تەرەققىي قىلىشقىچە

2003- يىلىدىن ئىلگىرى، شىنجاڭدا باغۋەنچىلىك كەسپى ئاساسلىقى ئۆينىڭ ئالدى-كەينىدە تېرىش، ئۆز-ئۆزىنى تەمىنلەش ئەندىزىسى بويىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغانىدى، تېرىقچىلىق كۆلىمى تەخمىنەن 2 مىليون مو بولۇپ، بازارنى مۇقىم تەمىنلەشكە ئامالسىز ئىدى.

2003- يىلىدىن كېيىن، شىنجاڭدا باغۋەنچىلىك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ھەر يىلى 1 مىليون مو كۆلەمدە تېز كېڭەيتىلدى، 10 يىل ئەتراپىدا تېز تەرەققىي قىلىش ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ باغ-ئورمان تېرىقچىلىق كۆلىمى 10 مىليون مودىن ئېشىپ، 16 ~ 15 مىليون موغا كېڭەيدى. 2015- يىلىغا بارغاندا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ باغ-ئورمان تېرىقچىلىق كۆلىمى 20 مىليون مودىن ئاشتى. نۆۋەتتىكى ئەڭ يېڭى ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، شىنجاڭنىڭ باغ-ئورمان تېرىقچىلىق كۆلىمى 21 مىليون 677 مىڭ 400 مو بولۇپ، مەملىكەت بويىچە باغ-ئورمانتېرىقچىلىق كۆلىمىنىڭ %13 ىنى ئىگىلىگەن.

نۆۋەتتە، شىنجاڭدا يىلىغا ھەر خىل مېۋە-چېۋىدىن 11 مىليون 658 مىڭ 300 توننا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان بولۇپ، مەملىكەت بويىچە باغۋەنچىلىك ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىشرايونى بولۇپ قالدى، چىلان، ئۈزۈم، نەشپۈتنىڭ كۆلىمى ۋە مەھسۇلات مىقدارى جەھەتتە مەملىكەت بويىچە 1- ئورۇندا، ياڭاق كۆلىمى ۋە مەھسۇلات مىقدارى جەھەتتە مەملىكەت بويىچە 2- ئورۇندا تۇرىدۇ، شىنجاڭ ھەقىقەتەنمۇ ئىسمى جىسمىغا لايىق «مېۋە-چېۋە ماكانى» بولۇپ قالدى.

يېڭى مېۋە-چېۋە ئىشلەپچىقىرىشتىن ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەشكىچە

پۈتكۈل مەملىكەت باغ-ئورمان تېرىقچىلىق كۆلىمىنىڭ %13 نى ئىگىلىگەنلىك شىنجاڭ باغۋەنچىلىك كەسپىنىڭ كۆلەملىشىش، كەسىپلىشىش تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، تېرىقچىلىق قىلىشتىن سېتىشقىچە، يېڭى مېۋە-چېۋە سېتىشتىن ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەشكىچە، كەسپ زەنجىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭ دېھقانلىرى باغۋەنچىلىك كەسپىنىڭ كېڭىيىشىدىن ئۈزلۈكسىز نەپكە ئېرىشتى.

سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭنىڭ يىللىق مەھسۇلات قىممىتى تەخمىنەن 100 مىليارد يۈەن بولۇپ، باغۋەنچىلىك شىنجاڭ دېھقانلىرى كىرىمىنىڭ %25 ىنى ئىگىلىگەن، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدا ئىگىلىگەن نىسبىتى يىلمۇيىل ئاشقان، قىسمەن رايونلاردا ئىگىلىگەن نىسبىتى %50 ~ %40 كە يەتكەن. باغۋەنچىلىك دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ يېزا ئىگىلىك كەسپ قۇرۇلمىسىدا ناھايىتى زور رول ئوينىغان. نۆۋەتتە، باغۋەنچىلىك جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا ئاشلىق ۋە پاختىدىن قالسىلا 3- چوڭ كەسپ بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشتا ئىنتايىن زور رول ئوينىماقتا.

كۆپ ھەم سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش

كۆلەمۋە مەھسۇلات مىقدارىنىڭ ئېشىشى شىنجاڭنىڭ باغۋەنچىلىكىنى سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت تەرەققىيات يولىدا مېڭىشقا مەجبۇر قىلدى. يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا، شىنجاڭ باغۋەنچىلىكى تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىقئىسلاھاتنى چۆرىدەپ، كۆلەمنى مۇقىملاشتۇرۇش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش، قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇشتەك تەرەققىيات يۆنىلىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دەۋرگە لايىق، سۈپەتلىك بولۇش قاتارلىق كۆپ مەنبەلىك يۆنىلىشنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بازاردىكى ئوخشىمىغان كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇردى.

ئاپتونوم رايونىمىز ئۇدا ئىككى يىل سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش نەق مەيدان يىغىنى ئېچىپ، باغۋەنچىلىك پەن-تېخنىكىسىدىن ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇش، «باغۋەنچىلىك مۇتەخەسسىسلىرى مۇلازىمەت ئۆمىكى» مەخسۇس ھەرىكىتى، مېۋە-چېۋىلەرنى دەرىجىگە، تۈرگە ئايرىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، شىنجاڭ باغۋەنچىلىكىنىڭ سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.

2019- يىلى شىنجاڭ بازارغا سالغان ئۆرۈك، شاپتۇل، بادام قاتارلىق مېۋىلەرنىڭ سۈپىتى، سېتىلىش باھاسى بۇلتۇرقىدىن يۇقىرى بولدى، ياڭاق، نەشپۈت، ئالما قاتارلىق مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ مەھسۇلات مىقدارى بۇلتۇرقىدىن يۇقىرى بولدى، ياڭاق، بادامنىڭ مەھسۇلات مىقدارى بۇلتۇرقىدىن %20 ~ %15 ئاشتى، شىنجاڭ باغۋەنچىلىكىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى.

ئىككى تور شىنجاڭ مېۋە-چېۋىسىنىدۆلەت ئىچى بازىرىغا يۈزلەندۈردى

ئىگىلەش نىسبىتىنىڭ %13 بولۇشى شىنجاڭ باغۋەنچىلىكىنىڭ ھەر يىللىق مەھسۇلات مىقدارىنىڭ 10 مىليون توننىغا يېتىدىغانلىقىدىن، باغۋەنچىلىك سودىسىغا تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويۇلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز شىنجاڭ ئىچىدە سېتىۋېلىش تورى، شىنجاڭ سىرتىدا سېتىش تورىدىن ئىبارەت ئىككى تور قۇرۇلۇشىنى باشلىدى، ئاپتونوم رايون ئىچىدە كۆلىمى چوڭ مېۋە-چېۋە توپ سېتىش بازىرىدىن 100 دىن ئارتۇقى بار، جەنۇبىي شىنجاڭدا باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئامباردا ساقلاش، سېتىۋېلىش سودا مەركىزى تۈرىدىن توققۇزى قۇرۇلۇپ، مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ ياڭاق كەسپىي توپ سېتىش سودا بازىرى قۇرۇلدى.

شىنجاڭ سىرتىدىكى سېتىش تورلىرىدا«ئۆزى قۇرۇش + قوشۇۋېلىش»، «ئۆز ئالدىغا تىجارەت قىلىش + ئىتتىپاقلىشىش» ئەندىزىسىقوللىنىلىپ، تېز سۈرئەتتە ئورۇنلاشتۇرۇلدى، جەمئىي ئېچىلغان سودا،تاللا بازىرى سېتىش تور نۇقتىلىرى43 مىڭدىن ئاشتى. توردا سېتىش ئەۋجگە چىقىپ، شىنجاڭ «بۈيۈك تاڭ سۇلالىسى يىپەك يولى»، جىڭدۇڭ، تيەنماۋ، تاۋباۋ تورى شىنجاڭ سارىيى ۋەكىللىكىدىكى شىنجاڭ باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرى ئېلېكترونلۇق سودا سۇپىسى 3000 دىن ئاشتى.

«ئىككى تور» قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، سېتىۋېلىش سىستېمىسىنىڭ كۈندىن-كۈنگە مۇكەممەللىشىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەلا سورتلىرىشىنجاڭدىن دۆلەت ئىچىبازىرىغا يۈزلىنىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىگە شىنجاڭ باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ شېرىن تەمىنى تېتىتىدۇ.