لى پېڭشىن قەشقەر ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

日期:2019年11月25日
来源:新疆日报
【字体:

11 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مەكىت ناھىيەسى، قەشقەر شەھىرىگە بېرىپ پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى، ئالىي مەكتەپ خىزمىتى قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەقىقىي تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

مەكىت ناھىيەسى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ غەربىي جەنۇبىي گىرۋىكىگە جايلاشقان، قۇملۇق كۆلىمى پۈتۈن ناھىيە ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ %90ىنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ئىنتايىن ئاجىز. 2012 - يىلىدىن باشلاپ بۇ ناھىيە تەكلىماكان قۇملۇقىدا مىليون مولۇق بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ قۇمنى مۇقىملاشتۇرۇش ئېكولوگىيە ئورمىنى بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويغان، نۆۋەتتە، تىكىلگەن 350 مىڭ مو ئېكولوگىيە ئورمىنىنىڭ ئوتتۇرىچە تۇتۇش نىسبىتى %90تىن ئاشتى. لى پېڭشىن ئېكولوگىيە ئورمىنى قۇرۇلۇشى بازىسىغا كېلىپ، كۆچەتلەرنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش قۇرۇلۇشىنىڭ تېخنىكا ۋاسىتىلىرىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى ھەم مۇتەخەسسىسلەر، كارخانا مەسئۇللىرى، كادىرلار، ئامما بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. شۇ يەردىكى كادىرلار، ئامما قىزغىن كەيپىياتتا كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىۋاتاتتى، لى پېڭشىن گۈرجەك بىلەن توپا يۆلەپ، كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە كۆچەت تىكتى.

لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، تۇپراقنىڭ قۇملىشىشى، چۆللىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقىنى كۈچەپ بەرپا قىلىش كېرەك. ئىلمىي قانۇنىيەت ۋە تەبىئەت قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، سۇغا قاراپ شەھەرنى بېكىتىش، سۇغا قاراپ يەرنى بېكىتىش، سۇغا قاراپ ئادەمنى بېكىتىش، سۇغا قاراپ مەھسۇلاتنى بېكىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى پۈتۈن ۋەزىيەتكە قويۇپ، يەكەن دەرياسى ئېقىن رايونىنىڭ پۈتكۈل ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى كۆزلەپ، سۈنئىي ئورمان بىنا قىلىش بىلەن تەبىئىي يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىر تۇتاش ياخشى پىلانلاپ، ئېكولوگىيەنى تۈزەشتە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. قۇملۇق ئېكولوگىيەسىنى تۈزەشنى تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، خاس تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق، پىششىقلاش ۋە ئېكولوگىيە ساياھىتى قاتارلىق تىرەك كەسىپلەرنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، تىرىشىپ چۆللىشىش، قۇملىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش، قۇملۇق كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ماس ئالغا سىلجىتىشنىڭ يېڭى يولى ئۈستىدە تىرىشىپ ئىزدىنىش كېرەك. مالىيە، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق سىياسەتلەرنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشىنى قوللاپ، ئىلھاملاندۇرۇپ، كۆپ سۇبيېكتلىق، كۆپ قاتلاملىق، كۆپ شەكىللىك قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش ۋەزىيىتى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

لى پېڭشىن يەنە قەشقەر داشۆسىگە كېلىپ، بۇ مەكتەپنىڭ ھاياتلىق ۋە جۇغراپىيە ئىلمى شۆيۈەنى ۋە سەنئەت شۆيۈەنىگە كىرىپ، كادىرلار، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى، مەكتەپنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى، ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقات ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى.

لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ئەستايىدىل پۇختا تۇتۇش، ياخشى تۇتۇش كېرەك. «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ مول ماھىيەتلىك مەزمۇنى ۋە يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىپ ئىگىلەش، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەشكە كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى دەرسلىككە كىرگۈزۈش، دەرسخانىغا كىرگۈزۈش، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ كاللىسىغا كىرگۈزۈشكە تۈرتكە بولۇپ، تۈزۈم ئىشەنچى تەربىيەسىنى ئوقۇش - ئوقۇتۇشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، تۈزۈم ئىشەنچى ئۇرۇقىنى ياش ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىگە چېچىش كېرەك.

لى پېڭشىن مۇنداق تەكىتلىدى: قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تىرىشىپ خەلق رازى بولىدىغان داشۆ بەرپا قىلىش كېرەك.