ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 13- يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

日期:2019年11月27日
来源:新疆日报
【字体:

ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 13 - يىغىنى 11 - ئاينىڭ 26 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ خەلق سارىيىدا 1 - ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئىمىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكى خادىملاردىن 53 كىشى يىغىنغا قاتناشتى، بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 13 - يىغىنىنىڭ قارالمىسى ماقۇللاندى. پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى قاتارلىقلار يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، «ئاپتونوم رايوننىڭ گېئوئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش نىزامى(لايىھە)»نى قاراپ چىقىش نەتىجە دوكلاتى، «ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ھەم ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ نىزام چىقىرىش نىزامىنىڭ تۈزىتىلمىسى(لايىھە)» ئىزاھاتى، «ئاپتونوم رايوننىڭ <ئائىلە زۇلۇمىغا قارشى تۇرۇش قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى(لايىھە)» ئىزاھاتى، «ئاپتونوم رايوننىڭ ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش نىزامى» قاتارلىق بەش يەرلىك نىزامنى بىكار قىلىش توغرىسىدىكى تەكلىپ ئىزاھاتى، «ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ يېڭىلىق يارىتىشچان شىنجاڭ قۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى قارارى(لايىھە)» ئىزاھاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 2018 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك خامچوت ئىجراسى ۋە باشقا مالىيە كىرىم - چىقىمىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشتا تەكشۈرۈپ چىقىلغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، 2019 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك خامچوتنى تەڭشەش لايىھەسى(لايىھە) توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن جۇ خەيلۈن، لى شۆجۈن، ۋاڭ يۇڭمىڭ، مۇتەللىپ قاسىم، دۇڭ شىنگۇاڭ، گۈلشات ئابدۇقادىر، مانەن زەينەل، سو يۆ يىغىنغا قاتناشتى.

ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جارۇللا ھېسامىدىن، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى باھارگۈل سەمەت، ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل كىشىلەر، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىرى، ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلار، دائىمىي كومىتېت خىزمەت تارماقلىرىدىكى مەسئۇل كىشىلەر، ھەرقايسى ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىدىكى مەسئۇل كىشىلەر، قىسمەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ۋەكىللىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى ھەمدە ئالاقىدار تارماقلاردىكى مەسئۇل كىشىلەر قاتارلىقلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.