ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكى تەشكىلات سىستېمىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى

ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ تەشكىلات خىزمىتىدە ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم بېرىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

日期:2019年11月27日
来源:新疆日报
【字体:

11 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى ئورگىنى، ئاپتونوم رايونلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىشتات ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پېشقەدەم كادىرلار ئىدارىسىدىكى پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارغا 4 - ئومۇمىي يىغىننىڭ روھى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جى جېڭ لېكسىيە دوكلاتى بەردى.

جى جېڭ «جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتى، روشەن ئەۋزەللىكى ھەمدە ئومۇمىي تەلىپى، ئومۇمىي نىشانى ۋە مۇھىم ۋەزىپىسىنى تولۇق تونۇش، توغرا ئىگىلەش» قاتارلىق تەرەپلەرنى چۆرىدەپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى چوڭقۇر چۈشەندۈردى ھەم تەشكىلات سىستېمىسىنىڭ ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشىغا، تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىغا كونكرېت تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

جى جېڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى تەشكىلات سىستېمىسى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، 4 - ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. ئومۇمىي يىغىن روھىغا ئەمەل قىلىپ، تۈزۈم ئىجرا قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ تەشكىلات خىزمىتىدە ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم بېرىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. كۈچلۈك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنى، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.