ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 71 - قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى

日期:2019年11月22日
来源:新疆日报
【字体:

11 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 71 - قېتىملىق دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا، ئوبوروتنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، سودا ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كۈچەيتىش، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش ئىسلاھاتى تەدبىرلىرىنى كۆپەيتىش، كېڭەيتىش، ئۆرنەك ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، زامانىۋى ئاتچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتى قاتارلىقلار تەتقىق قىلىندى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تەلەپلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوبوروت، ئىستېمال ساھەسىدىكى بوغما ھالەت ۋە كەمتۈكلۈكنى تۈگىتىپ، ئوبوروتنىڭ ئىجادىي تەرەققىياتىغا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تۈرتكە بولۇپ، ئىستېمال مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، سودىنىڭ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىچكى ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى قوزغاش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز ئوبوروتنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ سودا ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكىرنى تۈزدى، بۇ ئاساسلىقى ئوبوروتنىڭ يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىسىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، ئەنئەنىۋى ئوبوروت كارخانىلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، سودا پىيادىلەر كوچىسىنىڭ ئىستېمال مۇھىتىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق 20 تۈرلۈك كونكرېت پىكىرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرمىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ئىستېمال ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: شىنجاڭ يەر تەۋرەش كۆپ يۈزبېرىدىغان، ئۈزۈلمەي يۈزبېرىدىغان رايون، بۇ يىلدىن بۇيان، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى بىر قاتار خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش خىزمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئاپەتتىن بۇرۇن مۇداپىئەلىنىش ۋە جىددىي تاقابىل تۇرۇش تەييارلىق خىزمەتلىرىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، يەر تەۋرەش ئاپىتىگە يۇقىرى ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجە - ئۈنۈمگە ئېرىشتى. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، مەسئۇلىيەتنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىپ، ئۇچۇر يوللاشنى كۈچەيتىپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، قانۇن - نىزامغا توغرىلىنىپ، ئۆلچەمگە توغرىلىنىپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش ئىسلاھاتىدىكى تەدبىرلەرنى كۆپەيتىش، كېڭەيتىش، ئۆرنەك ئېلىش خىزمىتىنى ھەرقايسى جايلارنىڭ نۇقتىلىق خىزمىتىگە كىرگۈزۈپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆپەيتىش، كېڭەيتىش، ئۆرنەك ئېلىش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى تارماقلار خىزمەت ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، كۆپەيتىش، كېڭەيتىش، ئۆرنەك ئېلىش خىزمىتىنى پائال ماسلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىپ، تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تىجارەت - سودا مۇھىتىنى يەنىمۇ ياخشىلىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئاتچىلىق كەسپىنى زورايتىش، كۈچەيتىشنىڭ شىنجاڭنىڭ چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى ئاممىنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىپ بېيىشىغا كۈچ قوشۇپلا قالماي، يەنە شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ يېڭى كەسىپ ھالىتىنى بەرپا قىلىشقا كۈچ قوشۇپ، مەدەنىيەت، ساياھەتچىلىكنىڭ ئىجادىي يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى تولۇق تونۇش كېرەك. شىنجاڭنىڭ ئاتچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى رايون ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئەنئەنىۋى ئاتچىلىق كەسپىنى زامانىۋى ئاتچىلىق كەسپىگە ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى ئاساسىي لىنىيە، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا يېتەكچىلىك قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بازارنىڭ سۇبيېكتلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاتچىلىق كەسپىنىڭ كەسىپ سىستېمىسى، ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسى، تىجارەت سىستېمىسى قۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئاتچىلىق كەسپى ئىقتىسادىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.