11 - ئاينىڭ 21 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئىمىن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنىدا پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى.
لېكسىيە سۆزلەش دوكلاتى يىغىنىدا، شاۋكەت ئىمىن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى زىچ چۆرىدەپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتى» «جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى ۋە دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ روشەن ئەۋزەللىكى» «جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرما ۋە مۇھىم، زور ۋەزىپە» «قەتئىي ھالدا پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش» قاتارلىق جەھەتلەردىن چوڭقۇر چۈشەنچە بەردى.
شاۋكەت ئىمىن مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەۋى تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئەستايىدىل ئەمەلىي تۇتۇپ، ياخشى تۇتۇپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك.
شاۋكەت ئىمىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشنى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە خەلق قۇرۇلتىيى كادىرلىرىنى تەربىيەلەشتىكى نۇقتىلىق دەرسلىك قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك سىستېمىلىق ئۆگىنىپ، چوڭقۇر تەپەككۇر قىلىپ ئۆگىنىپ، ئەمەلىيەتكە باغلاپ ئۆگىنىپ، ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، قوللىنىشنى تۇتاشتۇرۇش، بىلىش، ئىشىنىش، قىلىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. رەھبىرىي كادىرلار باشلامچى بولۇپ سۆزلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى پائال لېكسىيە سۆزلەشكە تەشكىللەپ، سەپەرۋەر قىلىپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئاساسىي قاتلامغا كىرگۈزۈشكە، ئامما ئارىسىغا كىرگۈزۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.
شاۋكەت ئىمىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيەنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىدە مەھكەم چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكى، خەلق ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق بولۇشى، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىنى مۇستەھكەملەشكە پايدىلىق بولۇشى، پارتىيەنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ دۆلەتنى ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىشىغا پايدىلىق بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئادا قىلىش كېرەك. خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىغا ھۆرمەت قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كەڭ دائىرىدە ئەلرايىنى، خەلقنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك. خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا ئۈستىگە ئالغان مۇھىم بۇرچى، سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ ۋە ئىگىلەپ، نىزامنى ئىلمىي چىقىرىش، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈشتە ئادىل بولۇش، ئومۇمىي خەلق قانۇنغا رىئايە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئاساسىي قانۇن تەشۋىق - تەربىيە پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇش ۋە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. قانۇندا بەلگىلەنگەن نازارەتچىلىك ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئادا قىلىپ، نازارەتچىلىك نەتىجە - ئۈنۈمىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قانۇن، قانۇن - نىزاملارنىڭ ئومۇميۈزلۈك، ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنىڭ قوغدىلىشى ۋە ئىشقا ئېشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن لى شۆجۈن، ۋاڭ يۇڭمىڭ، مۇتەللىپ قاسىم، دۇڭ شىنگۇاڭ، گۈلشات ئابدۇقادىر، مانەن زەينەل، سو يۆ لېكسىيە سۆزلەش دوكلاتى يىغىنىغا قاتناشتى.